نىڭبو ، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر ، پىلاننى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەر ، دۇنيا بويىچە 4 - چوڭ پورت ، يەرلىك نىزام تۈزۈش ھوقۇق دائىرىسى كەڭ ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئۇنىۋېرسال رىقابىتى كۈچلۈك 15 شەھەرنىڭ بىرى ، چاڭجياڭ دېلتىسى بەش چوڭ رايوننىدىكى مەركىزى ، جەنۇبى چاڭجياڭ دېلتىسى  ئىقتىساد مەركىزى ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد مەركىزى ، جۇڭگودىكى داڭلىق ئاكادېمىكلار ماكانى ، 2016 - يىللىق شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيەت شەھىرى .

نامى نىڭبو
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر
يەر مەيدانى 9816 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ موسسونلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە نامى 宁波
ئۆلكىسى جېجىياڭ ئۆلكىسى
تەۋە رايون 6 رايون ،ئۈچ ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ، ئىككى ناھىيە
نوپۇسى 782.5 تۈمەن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نىڭبو

نىڭبو جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، 7000 يىللار ئىلگىرىلا خېمۇدۇ ئىپتىدائىي مەدەنىيىتى خېلى تەرەققىي قىلغان، چىن سۇلالىسى دەۋرىدە ماۋشيەن ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان، تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن ئايماق، ۋىلايەت ھەمدە مۇھىم پورت بولغان، يېقىنقى زاماندىكى «بەش سودا ئېغىزى» نىڭ بىرى بولغان.

نىڭبو تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىق 85 خىل ، ئاساسلىقى مېتاللوئىد قېزىلما بايلىقلىرى  ، فتورىت ، سۇمۇق تاش ، پىروفلىت ، تاش مۇم ، سىلىتسىي تېشى ، فتور شپاتى ، گرانت تاش قاتارلىقلار بار ، مېتال قوغۇشۇن - سىنك كانى ، تۆمۈر رۇدىسى ، بىراق دەرىجىسى  ئانچە يۇقىرى ئەمەس .

دېڭىز-ئوكيان بايلىقى : نىڭبودا ئۇزۇن دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى بار ، شەھەر بويىچە دېڭىز تەۋەلىكى كۆلىمى 8232.9 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى  1594.4 كىلومېتىر ، ئۆلكىنىڭ دېڭىز قىرغىقىنىڭ % 24 ىنى ئىگىلەيدۇ . شەھەر بويىچە جەمئىي چوڭ - كىچىك ئاراللاردىن 614 دانە ، كۆلىمى 262.9 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . 

نىڭبو شەھىرى دائىرىسىدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كۆپ ، ئاساسلىق ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى قىل يوپۇرماقلىق قارىغايلار شەھەر رايونى جەنۇبتىن شىمالغا كەڭ تارقالغان ، ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈش كۆپىنچىسى ماسلىشىشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك . يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ، كەڭيوپۇرماقلىق ئورمان , تىكىپ ئۆستۈرۈلدىغان ئۆسۈملۈك ۋە دېڭىز بويىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈك . تاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلار تارقالغان ، بىر قىسىم بىرقەدەر ياخشى رايونلارنىڭ يىڭنە - كەڭ يوپۇرماقلىق ئارىلاش ئورمانلار بار . 750 مېتىر تۆۋەن ، تاغلىق ، ئېدىرلىقلارغا  يوپۇرماقلىق ئورمان كەڭ تارقالغان ، خېلى بىر قىسىم سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلىش ئۈچۈن شەكىللەنگەن . تېندو ئورمان باغچىسى ، شىۋىتسارىيە تاش ئىبادەتخانىسى ئورمانچىلىق مەيدانى ، خەينەن ئېرىق ئارشاڭ قاتارلىق جايلاردا  ئىپتىدائىي ئىنسانلار توپلىرى پەيدا بولۇپ تۇرغان يېرىدە ساقلانغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان بار . نۆۋەتتە تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپ جايلاشقان ئۇرۇنلار دېڭىز يۈزىدىن 50 مېتىر تۆۋەن ،  ئاشلىق زىرائەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ۋە سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەن دەل - دەرەخ . ساھىل ۋە دېڭىز بويىدىكى بوز يەر بولسا شورلۇق ئەمىنى ، قۇمۇش قاتارلىق شورغا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەر بار  .

باۋگو ئىبادەتخانىسى، تيەنتۇڭ ئىبادەتخانىسى، ئاشوكا ئىبادەتخانىسى، تيەنفېڭ مۇنارى، ئېلىمىزدىكى ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ بۇرۇنقى خۇسۇسىي كۇتۇپخانا − تيەنيى راۋىقى، يەنە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كاتتا قورۇ-جاي، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چوڭ تىپتىكى پۇقرالار ھويلا-ئاراملىرى قاتارلىقلار بار. نىڭبو ئېلىمىز بويىچە ئەڭ بۇرۇن كۆك كاھىش پىشۇرۇلغان جاي، قەدىمكى زاماندا كېمىسازلىق ۋە تاشقى سودىسى راۋاجلانغان، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا چەت ئەللەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئاپپاراتى مۇكەممەل بولۇپ، ھازىرمۇ خارابىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. 

نىڭبو ، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ جەنۇبىي قانتىغا جايلاشقان ئىقتىسادىي مەركىزى ۋە خىمىيە سانائەت بازىسى ، شەرقىي جۇڭگو رايونىدىكى سودا - سانائەت شەھىرى ، جېجياڭ ئۆلكىسى ئىقتىساد مەركىزىنىڭ بىرسى بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ، نىڭبو ئىقتىسادى سىجىل تېز تەرەققىي قىلدى ئۆزىنىڭ غايەت زور ھاياتىي كۈچ ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ جانلانغان رايونلارنىڭ بىرى .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#