كونكورد ئايروپىلانى

كونكورد ئايروپىلانى

كونكورد (Concorde) بولسا دۇنيادىكى بىردىنبىر رەسمىي ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلغان، سۈرئىتى ئاۋاز تېزلىكىدىن يۇقىرى بولغان يولۇچىلار ئايروپىلانى.

ئۇيغۇرچە نامى كونكورد ئايروپىلانى
چەتئەلچە نامى concorde
تۇنجى ئۇچقان ۋاقتى 1969-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ۋاقتى 2003-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى
خەنزۇچە نامى 协和式飞机
سۈرئىتى 2.02 ھەسسە تېز ئۇچىدىغان
مۇلازىمەت قىغان ۋاقتى 1976-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
يولۇچى توشۇش مىقدارى 120 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كونكورد ئايروپىلانى كونكورد (Concorde) بولسا دۇنيادىكى بىردىنبىر رەسمىي ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلغان، سۈرئىتى ئاۋاز تېزلىكىدىن يۇقىرى بولغان يولۇچىلار ئايروپىلانى. بۇ ئايروپىلاننى ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىلىدىن 70-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئورتاق تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ئوتتۇرا مۇساپىلىك ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كونكورد يولۇچىلار ئايروپىلانى 1976-يىلى 1-ئايدا رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان. 2003-يىلى دۇنيا ئاۋىياتسىيە سەھنىسىدىن چېكىنگەن.

كونكورد ئايروپىلانى50-يىللاردىن كېيىن ئاۋاز تېزلىكىدىن ئاستا ئۇچىدىغان رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئومۇملىشىشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا تۇنجى ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە ئاۋاز تېزلىكىدىن تېز ئۇچىدىغان رېئاكتىپ ئايروپىلان بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپىنچە دۆلەتلەر كەلگۈسىدە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ئاساسىي ئېقىم بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى. ئارقىدىنلا شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيانىڭ غوجا ئاكىلىرىدىن بولغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ ساھەگە زور زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ تەتقىقاتنى باشلىۋەتتى.

ئەنگلىيە 1956-يىلىلا ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان تىرانسپورت ئايروپىلان كومىتېتى (STAC) نى تەسىس قىلدى. بۇ كومىتېت ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئورگانلىرى بولغان خان جەمەتى ئايروپىلان تەتقىقات يۇرتى ۋە برىستول ئايروپىلان شىركىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ئۇچقۇ ئەسۋابلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى.

1950-يىلنىڭ ئاخىرىدا برىستول 198 ۋە برىستول 223 لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىككى لايىھە ئاۋازدىن تېز ئۇچۇشى مۇمكىن بولغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ لايىھەسى ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا، فرانسىيەنىڭ جەنۇب ئايروپىلان شىركىتى ۋە داسسو شىركىتى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان كۇللاۋىل يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنى ئەنگلىيە تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان برىستول 223 لايىھەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، فرانسىيەلىكلەر لايىھەلىگەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ سۈرئىتى تېخىمۇ تېز ئىدى، لېكىن يولۇچى ئاز سىغاتتى.

بۇ خىلدىكى تەتقىقات دەسلەپتە باشلانغاندا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا قىسقا مۇساپىلىك يولۇچىلار ئايروپىلان لايىھەسى ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك يولۇچىلار ئايروپىلان لايىھەسىنى ساقلاپ قالغان. لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇزۇن مۇساپىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى بەكرەك ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇلار تۈرلۈك ئانالىزلارنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇزۇن مۇساپىلىك يولۇچىلار ئايروپىلاننى تەتقىق قىلساق، ئۇنداقتا بىز كەلگۈسىدىكى 10 يىلدىن كۆپ ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ زاكازغا ئېرىشەلەيمىز دەپ قارىغان. مۇشۇنى مەقسەت قىلىپلا ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بىرلىشىپ ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان.

ئەنگلىيە ئايروپىلان شىركىتى ۋە فرانسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايرىم ئايرىم ھالدا %40 ۋە %60 خىزمەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. لېكىن ئايروپىلاننىڭ موتورىنى ئەنگلىيە روللىس رويىس شىركىتى ۋە فرانسىيە Sina Khema شىركىتى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. موتور جەھەتتە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئايرىم ئايرىم ھالدا %60 ۋە %40 خىزمەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ھەتتا ئۇلار ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن، ئايروپىلاننىڭ قۇراشتۇرۇلۇش خىزمىتىنىمۇ ئىككىلا دۆلەتتە ئوخشاش ئېلىپ بارغان.

1966-يىلى، ئەسلى تىپتىكى ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككىلا تەرەپ ئوخشاشلا ئىككى دانە ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە ئايروپىلانغا سىتاتىك كۈچ سىنىقى ۋە مېتالنىڭ چارچاش سىنىقى ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن تەتقىقات خىراجىتى ئەسلىدىكى 150 مىليون فوندستېرلىڭدىن كۆپىيىپ 500 مىليون فوندستېرلىڭغا يەتتى.

ئايروپىلانغا ئىسىم قويۇش مەسىلىسىدىمۇ نۇرغۇنلىغان قىزىقارلىق ھېكايىلەر يۈز بەرگەن. ئەڭ دەسلەپتە، 1963-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى دېگول ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا Concorde دەپ ئىسىم قويۇپ بەرگەن (بۇ ئىسىمنىڭ فىرانسۇز تىلىدىكى مەنىسى ئىناقلىق). كېيىن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسىگە كىرىشى فىرانسىيە تەرىپىدىن توسۇلدى. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ قارىشىچە، فىرانسىيەنىڭ ئىسىم قويۇش جەھەتتىكى قىلمىشى ئەنگلىيەلىكلەرنى ياراتمىغانلىق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئايروپىلاننىڭ ئىسمى ئۆزگىرىپ Concord بولغان. لېكىن تۇنجى ئايروپىلان زاۋۇتتىن چىققان ۋاقىتتا ئوخشاشلا ئەسلىدىكى Concorde دېگەن ئىسىمنى قوللانغان.

كونكورد ناملىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى 1969-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى Toulouse شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ئۇچقان. ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇچقۇچىنىڭ ئىسمى ئاندىرىي ئىدى. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سىناپ ئۇچۇرۇش ۋاقتى 9 مىنۇتقا ئۇزارتىلدى. ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 1689 كىلومېتىرغا يەتتى. 1970-يىلى 11-ئايدا ئايروپىلاننىڭ قايتا ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 2252 كىلومېتىرغا يەتتى.

1970-يىلى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا يەرمەنكىسىدە، مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ تەشۋىقات فىلىمى يەرمەنكە نەق مەيدانىغا ئېلىپ كېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايروپىلاننىڭ داڭقى بىردەمدىلا دۇنياغا پۇر كەتتى. 1-نومۇرلۇق كونكورد يولۇچىلار ئايروپىلانى 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە سەييارە كۆرگەزمە قىلىشقا ئېلىپ بېرىلدى، بۇ قېتىمقىسى كونكورد ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىپ ئۇچۇشى ئىدى.

كونكورد ناملىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى 1976-يىلى رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان. ئاساسلىق مۇلازىمىتى تىنچ ئوكياندىن ھالقىپ ئۇچۇپ فرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرۇش ئىدى. كونكورد ناملىق ئايروپىلان 15000 مېتىر ئېگىزلىكتە ئاۋاز تېزلىكىدىن 2 ھەسسە سۈرئەت بىلەن ئۇچالايتتى. فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدىن ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىگە تەخمىنەن ئۈچ سائەت 20 مىنۇتتا يېتىپ باراتتى. بۇ ئادەتتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېرىمىدىنمۇ ئاز ئىدى. گەرچە بۇ خىلدىكى ئايروپىلاننىڭ بېلىتى ناھايىتى قىممەت بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.

كونكورد ئايروپىلانى1996-يىلى 2-ئايدا كونكورد ناملىق ئايروپىلان لوندون دىن نيۇيورك شەھىرىگە ئىككى سائەت 52 مىنۇت 59 سېكۇنتتا يېتىپ بېرىپ، يولۇچىلار ئاۋىياتسىيە ساھەسىنىڭ ئەڭ تېز ئۇچۇش رېكورتنى ياراتقان. بۇ ئايروپىلاننىڭ ئەڭ تېز ئۇچقان ۋاقىتتىكى سۈرئىتى ئاۋاز تېزلىكىنىڭ 2.04 ھەسسسىىگە تەڭ ئىدى، ئۇدا ئۇچۇش مۇساپىسى 5100 كىلومېتىرغا يېتەتتى. ئايروپىلان دەسلەپتە بازارغا چىققاندىلا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت ناھايىتى كۆپ مىقداردىكى زاكازغا ئېرىشكەن. لېكىن ئارقىدىنلا كۆپلىگەن دۆلەتلەر زاكاسلىرىنى بىر-بىرلەپ قايتۇرۇۋېلىشقا باشلىغان.

زاكازلار كۆپلەپ قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئامالسىز ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان 20 دانىگە يېقىن ئايروپىلاننى بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىدى. 2003-يىلىغا كەلگەندە، 12 دانە كونكورد ئايروپىلانى يەنىلا ئىشلىتىلىۋاتاتتى. ئىشلىتىلىش ئۆمرى بەلكىم كونكورد ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن كاشىلا چىقىشنىڭ بىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

2000-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، فرانسىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 4590-نومۇرلۇق كونكورد ئايروپىلانى پارىژ دېگول ئايرودۇرۇمىدا سىيرىلىپ ئۇچۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇچۇش يولىدىكى ئامېرىكا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ DC-10 نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن چۈشۈپ قالغان مېتال پارچىسى چاقىنى تېشىۋېتىپ، چاق تېشىلىپ كەتكەننىڭ زەربىسىدە ئايروپىلاننىڭ ماي باكىغا ئوت كەتكەن ھەم شىددەت بىلەن كۆيگەن. ماي باكى ئىچىدىن سىرتىغا قارىتا يېرىلىپ بىر قېتىملىق ئاۋارىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئايروپىلان دېگول ئايرودۇرۇمىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايغا چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندىكى 109 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 100 يولۇچى، 9 ئايروپىلان خادىمى بار ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ قېتىمقى ئاۋارىيەدە يەر يۈزىدىكى 4 كىشىمۇ قازا قىلغان. مۇشۇ قېتىمقى ئاۋارىيەنىڭ زەربىسىدىن كونكورد ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈنلەي سەپتىن چۈشۈپ قالغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#