ئابراھام لىنكولن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لىنكولنئابراھام لىنكولن 1809-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كېنتۇككى شىتاتىدا تۇغۇلغان، 1865-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، ئامېرىكىلىق سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلغان ئۇلۇغ زات. ئامېرىكىنىڭ 16-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى.
ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان ھەيۋەتلىك لىنكولن خاتىرە سارىيىدا ئېكىسكۇرسىيىچىلەر لىنكولننىڭ ئەينى چاغدا ئېلان قىلغان نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش توغرىسىدىكى خىتابنامىسىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئامېرىكا خەلقى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بۇ ئۇلۇغ زاتنى مەڭگۈ ياد ئېتىپ تۇرىدۇ.
لىنكولن بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر، تېرىسى قارامتۇل، قورايدەك ئورۇق بولسىمۇ، لېكىن قەلبى ۋولقاندەك يالقۇنجاپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ بوز يەر ئېچىش ئەمگىكىگە قاتناشقان، كېيىن ياللانما دېھقان، كېمىچى، پرىكازچىك بولغان.
ئۇ ھەتتا بىر يىلمۇ تولۇق ئوقۇيالمىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزلۈكىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، مول بىلىم توپلىغان. جاپالىق تۇرمۇش ئۇنىڭدا قەيسەر ئىرادە ۋە دۇرۇس، پاك پەزىلەت يېتىلدۈرگەن، دۇكاندا پرىكازچىكلىق قىلغان مەزگىلدە، خېرىدارلار ئارتۇق بېرىۋەتكەن نەچچە تىيىن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، نەچچە چاقىرىم يول يۈرۈشكە رازى ئىدى.
ئۇ ئۇزاق مۇددەت ئەمگەكچى خەلق ئارىسىدا ياشىغاچقا، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ دەرد-ھالىنى چۈشىنەتتى، نېگىر قۇللارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە ھېسداشلىق قىلاتتى.
ئابراھام لىنكولنئەينى چاغدا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ناھايىتى تەكشىسىز ئىدى. شىمالدا سانائەت ئاساس قىلىنغان بولۇپ، كاپىتالىزم تەرەققىي قىلغانىدى، جەنۇبتا بولسا يېزا ئىگىلىكى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئېكىنزارلىقلاردا نېگىر قۇللار ئىشلەيتتى.
1861-يىلى، لىنكولننىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن تەڭلا، جەنۇبتىكى قۇللار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
ئاممىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، لىنكولن «نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، نېگىر قۇللارنى ئازادلىققا چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىگە ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بەرگەن.
بۇ تەدبىرلەر ئاممىنىڭ ئىنقىلاب قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، ئۇلار ئاخىر جەنۇبتىكى قۇلدارلارنى مەغلۇپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان. بۇنىڭ بىلەن، لىنكولننىڭ ئىناۋىتىمۇ بارغانسېرى ئۆسۈپ، 1864-يىلى يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان.
2006-يىلى، ئابراخام لىنكولن ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ژۇرنىلى «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى» تەرىپىدىن ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىشى ئىچىدىكى 1-بولۇپ باھالانغان.
ئەنگىلىيە «تايمىس گېزىتى» 2008-يىلى مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتى 43 نەپەر ئامېرىكا زۇڭتۇڭىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشىمىغان ئۆلچەم بويىچە «ئەڭ ئۇلۇغ زۇڭتۇڭ» باھالىشى ئېلىپ بارغاندا، ئابراخام لىنكولن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ بەش كۈندىن كېيىن، يەنى 1865-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، لىنكولن تىياتىرخانىغا ئويۇن كۆرگىلى بېرىپ، تىياتىرخانىدىكى ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
ئەمما، جەنۇبتىكى قۇلدارلار ياللىۋالغان بىر قاتىل تىياتىرخانىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، باشقىلار تەييارلىقسىز تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لىنكولننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. لىنكولننىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكىنى ۋە پۈتكۈل دۇنيانى قاتتىق چۆچۈتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.