سۇ بېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۇبېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى شەرق ۋە غەربىدىكى ئىككى مەسچىت، مىس كان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرىدۇ. شەرقىي ئىبادەتخانىسى نوم ساقلاش ئىبادەتخانىسى مۇنارى، راھىپ ياتىقىدىن يادىكارلىقلار، كېسەك بىلەن سېلىنغان ئۈچ ئىگىز مۇنار بار. شىمال تەرىپىدە بىر قاتار بۇددا مېراۋانى، تېمىغا ئويۇلغان بۇتلار ۋە كۈسەن يېزىقىدا ئويۇلغان يېزىقلار بار. بۇ خارابىدىن خەن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە پۇللار، مىس، تۆمۈر، ياغاچ جاھاز، تام رەسىمى، لايدىن ياسالغان بۇت، يەنە قەدىمىي مىللەتلەر يېزىقىدىكى تارىشا پۈتۈك ۋە كەمتۈك قەغەزلەر بار. مەسچىتنىڭ ئىچىدە يەنە بىر قەدىمكى قەبرە بايقالغان.
كۇچا ناھىيەسى نىڭ خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە غەربىي يۇرت مەشھۇر بوستانلىق تەۋە پادىشاھلىقى كۈسەنگە قاراشلىق بۇ جاي شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار.
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، قاتار دوھادا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكـىلاتـى مـائارىـپ، پـەن-مـەدەنـىـيـەت تەشكىلاتى 38-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى يىغىنىدا، سۇ بېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى جۇڭگو، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئۈچ دۆلەت بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلغان «يىپەك يولى: چاڭئەن-تەڭرىتاغ كارىدورىنىڭ يول تورى» دىكى بىر ئىزلار مۇۋەپپەقىيەت سۈپىتىدە «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن.
سۇبېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدە ناھىيە شەھىرنىڭ غەربىي شىمالىدا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. ئېرداغ تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئاغى يېزىسى ئولجاس كەنتى بىلەن لەنگەر كەنتى ئارىسىدىكى كۇچا دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى سوقما سۇپىسى ئۈستىگە، شىمالدا چۆلتاغ، جەنۇبىي تەرىپى قۇم-چۆل. خارابىلىكنىڭ جۇغراپىيەلىك كوردىناتى شەرقىي مېردىئان "47 '03 °83 -"07 '02 °83، شىمالىي كەڭلىك "00 '52 °41-"07 '51 °41 غىچە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1250-1280 مېتىر.
سۇبېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى شەرق ۋە غەربىدىكى ئىككى مەسچىت، مىس كان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرىدۇ.
پۈتكۈل خارابىلىك بۇددا مۇنارى مەركەز قىلىپ، ئەتراپىدىكى يەرلەرگە بۇتخانا، غار، قوبۇلخانا، راھىبلار ئۆيى قاتارلىق ئىمارەت ياسالغان بۇلۇ، بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان. خارابىسى دەريانىڭ شەرقتىن غەربكە ئىككى قىرغىقىدىكى تۆپىلىك ئۈستىگە تارقالغان، غەربىي ۋە شەرقىي ئىبادەتخانىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئاساسلىقى غەربىي ئىبادەتخانا مەركەزلەشكەن.
شەرقىي ئىبادەتخانىسى
شەرقىي ئىبادەتخانىسى خارابىسى كۇچا دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى تاغ ئۈستىدە بولۇپ، خارابىسى رەتسىز تارقالغان. شەرقىي ئىبادەتخانىسى تاغقا يۆلەپ سېلىنغان، سېپىللىرى ۋەيران بولغان مۇنارسىمان ئىبادەتخانا خارابىسى بولۇپ، ھەممىسى كېسەكلىك قۇرۇلۇش، تام ئېگىزلىكى ئون نەچچە مېتىر، ئېغىر-قەۋەت بار. شەھەر ئىچىدە ئۈچ مۇنار ناھايىتى ھەيۋەتلىك. ئەڭ شىمالىدا بىر تاغ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئىبادەتخانىسى خارابىسىگە پۈتۈن نەزەر سالغىلى بولىدۇ؛ كۆپ قىسىم ئىزنالىرى مەركەزلەشكەن، يەر شەكلى ئېگىز-پەس دەريا. بۇ خارابە جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 500 مېتىر، شەرق-غەرب كەڭلىكى تەخمىنەن 140 مېتىر، ئاساسلىقى شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئۈچ بۇددا مۇنارنىڭ ياسىلىشىدىن تەركىب تاپقان بۇلۇپ خېلى ياخشى ساقلانغان، مۇنار گەۋدىسى يۇمىلاق شەكىللىك، كېسەك بىلەن سېلىنغان. مۇنار چوققىسى گۈمبەزسىمان.
غەربىي ئىبادەتخانىسى
غەربىي ئىبادەتخانا خارابىسى، كۇچا دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، كۆپ قىسىم خارابىلىرى بىرقەدەر ياخشى ساقلىنىپ قالغان، بۇ خارابە جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 700 مېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 190 مېتىر ئەتراپىدا. ئاساسلىقى شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئۈچ مۇنار، بۇتخانا ۋە جەنۇبىي ئىبادەتخانا تەركىب تاپىدۇ. شىمالىي مۇنار ئەتراپىغا بۇددا مېراۋانى تارقالغان، ئىچىدە تام رەسىملىرى ۋە كۈسەن يېزىقىدا بېغىشلىما قېپقالغان. غەربىي ئىبادەتخانا ئىچىدە ئۈزۈلۈپ قالغان تاش باشقارمىسى چاسا شەكىللىك بىر كىچىك قورۇق تام بار، تەخمىنەن 318 مېتىر، كېسەكتىن سېلىنغان، قالدۇق ئېگىزلىكى ئون مېتىردىن ئاشىدۇ. غەربىي تام ۋە شىمالىي سېپىللىرىنىڭ ساقلىنىشى بىر قەدەر ياخشى.
بۇ خارابىدىن خەن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە پۇللار، پېرسىيە ساسانىيلار سۇلالىسىدىكى كۈمۈش تەڭگە، مىس، تۆمۈر، ياغاچ جاھاز، تام رەسىمى، لايدىن ياسالغان بۇت ۋە ئۇسسۇل ئوبرازى سىزىلغان جەسەت كۈلى قۇتىسى، يەنە قەدىمىي مىللەتلەر يېزىقىدىكى تارىشا پۈتۈك ۋە كەمتۈك قەغەزلەر بار.
1978 بىر تا ئىبادەتخانىسى دائىرىسى ئىچىدە بىر قەبرە، ھەمدە شەخسلەر تام سىزمىسى بولغان ئىبادەتخانا خارابىسى يەنە كۈسەن يېزىقى تام رەسىملىرى بايقالغان؛ بۇ قۇرۇرۇشلار شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەڭ گۈللەنگەن، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق بۇددا ئىبادەتخانىسى كۈسەن بەگلىرىنىڭ بىر بىرى.
ئاپتونوم رايون بويىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ چوڭ بۇددا دىنى مەدەنىيەت خارابىسى، سۇبېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى تارىختا 1000 يىلغا داۋاملاشقان. ئۇ خەن، تاڭ دەۋرلىرىدە يىپەك يولىدىكى مەشھۇر قەدىمكى كۈسەندە كاتتا شۆھرەتكە ئىگە بۇلۇپ، ۋېي، جىن سۇلالىلىرىدىن تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە، غەربىي دىيارنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان، شەرق ۋە غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان.
بۇ بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى بىر قەدەر يۇقىرى تارىخىي قىممەت، بەدىئىي قىممەت، ئىلمىي قىممەت ۋە ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ماھارىتى ئاساسىي جەھەتتىن توپا خارابىسى ئوخشاش بولمىغان سېلىش شەكلى، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال قۇرغاق رايون، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى يەرلىك خارابىسى تىپىك ۋەكىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.