دۇنيا توغراق ئورمان باغچىسى

دۇنيا توغراق ئورمان باغچىسى

دۇنيا توغراق ئورمان باغچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان شايار 2-چارۋىچىلىق فېرمىسىغا چىگىرداش جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى دۇنيا توغراق ئورمان باغچىسى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
ئورنى شايار ناھىيەسى
خەنزۇچە نامى 世界胡杨森林公园
قاراشلىق رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇنيا توغراق ئورمان باغچىسىدۇنيا توغراق ئورمان باغچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان شايار 2-چارۋىچىلىق فېرمىسىغا چىگىرداش جايغا جايلاشقان. ئاساسلىقى پامەن كۆلى ۋە توغراق سۇ قىرغىقى ئىككى چوڭ ساياھەت رايونىدىن تەركىب تاپقان، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ئىپتىدائىي توغراقلىق. 2008–يىلى دۇنيا جېننىس باش مەھكىمىسى تەرپىدىن «ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىق» گۇۋاھنامىسى نامىنى بەرگەن. شاياردىكى توغراق ساياھىتى قىلدىغان ئەڭ ياخشى جاي. 

بىئولوگىيە، ئېكولوگىيە، ئورمانچىلىق، گۈزەللىك، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن ئۆزگىچە مەنزىرىسى بىلەن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ماختىشىغا سازاۋەر بولغان بۇلۇپ، ساياھەتچىلەر توغراقلاردىن، ياپيېشىل كۆل سۈيىدىن، بېلىقلارنىڭ ئويناشلىرىدىن، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن؛ تۈرلۈك ياۋايى ھايۋاناتلاردىن؛ يۇلغۇن، چۈچۈك بۇيا، لوپنۇر كەندىرى قاتارلىق قىممەتلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خۇشپۇراقلىرىدىن، ئىپتىدائىي توغراق مەنزىرىسىدىن، ئوغلاق، بېلىق كاۋاپلىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ. 

جانلىقلار 

دۇنيا توغراق ئورمان باغچىسىدا توغراقلا بولۇپلا قالماستىن، يەنە ياۋا توڭگۇز، تۈلكە، جەرەن، ياۋا توشقان قاتارلىق كۆپ ئۇچرايدىغان ھايۋانلار، يەنە بۇغا، پوقاق بۆكەن، توشقانسىمان سۈلەيسۈن، چوڭ ئاققۇ، قارا تۇرنا قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلارمۇ بار. بۇنىڭدىن تاشقىرى نۆۋەتتە يەنە قىممەتلىك ياۋايى قوش لوككىلىق تۆگىمۇ بار بولغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورى 

http://aks.gov.cn/art/2014/6/30/art_68_6721.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#