قانۇنىي ئىگە

قانۇنىي ئىگە–ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھۇقۇق ۋە ھەركەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن مۇستەقىل بەھرىمەن بولىدىغان ۋە ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدىغان تەشكىلاتتۇر.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قانۇنىي ئىگە– ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئادەملەشتۈرۈلۈشى بۇلۇپ، بارلىق ئىجتمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى قانۇنىي ئىگە بولماستىن، قانۇن قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىنى بەرگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارلا قانۇنىي ئىگە بولىدۇ. قانۇنىي ئىگىنىڭ خاراكتېر فۇنكىسيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، قانۇنىي ئىگە–كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، ئورگان تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، كەسپىي ئورۇن تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، ئىجتىمائىي تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.

‹‹ھەق تەلەپ قانۇنىي ئومۇمىي قائىدىسى›› نىڭ 41–ماددىسىدا‹‹مەبلەغ مىقتارى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تەشكىلى نىزامنامىسى، تەشكىلى ئاپپاراتى ۋە ئورنى بولغان، ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالالايدىغان ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانا ۋە كوللىكتىپ كۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلار مەسئۇل ئورگانغا تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ››دەپ بەلگىلەنگەن.

كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك:

1. قانۇن بويىچە ۋۇجۇتقا كەلگەن بولۇشى كېرەك.

2. بىۋاستە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان مۇستەقىل ھېساباتىنى يولغا قويغان ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇشى كېرەك.

3. كارخانا بولغان قانۇنىي ئىگىنىڭ تەسىس قىلىنىشى مەمۇرىي بۇيرۇق ياكى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.

4. قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگىلەرنى تىزىمغا ئېلىش ئورگىنىغا تىزىملىتىش لازىم. قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا خادىملار چۇقۇم قانۇن، بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى،تەستىقلىنىپ تىزىمغا ئالدۇرغان تىجارەت دائىرىسىدە قانۇنلۇق تىجارەت ئېلىپ بېرىشى لازىم،ئۇنداق بولمايدىكەن تېگىشلىك بولغان ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقى ھەتتا قانۇن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.

》ھەق تەلەپ قانۇنىي ئومۇمىي قائىدىسى《نىڭ 49–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ، كارخانا تىپىدىكى قانۇن ئىگىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى سادىر قىلسا، قانۇنىي ئىگە جاۋاپكارلىققا تارتىلغاندىن تاشقىرى، ئۇنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىگە مەمۇرى جازا بېرىلسە،جەرىمانە قۇيۇلسا بولىدۇ.

1) تىزىملاش ئورگىنى تىزىمغا ئېلىپ بېكىتىپ بەرگەن تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ، قانۇنسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا؛

2) ھەقىقىي ئەھۋالنى تىزىملاش ئوگىنى ۋە باج ئورگىنىدىن يۇشۇرۇپ ساختىپەزلىك قىلغان بولسا؛

3) مەبلەغنى تىقىپ قويۇپ، مال–مۈلۈكنى يۇشۇرۇپ قۇيۇپ، قەرز مەجبۇريىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسا؛

4) تارقىتىلغان، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن مال–مۈلۈكنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغان بولسا؛

5) ئەھۋالدا ئۆزگۈرۈش بولغاندا، ئىشتىن توختىغاندا ۋاقتىدا تىزىمغا ئالدۇرماي ۋە ئېلان چىقارماي مەنپەئەتدار كىشىلەرنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛

6) قانۇندا چەكلەنگەن باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە ياكى جامائەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا؛

‹‹ھەق تەلەپ قانۇنىي ئومۇمىي قائىدىسى›› نىڭ 49–ماددىسى،134–ماددا 3–تارمىقى ۋە ئالىي”خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى›› نى ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پىكىر“ نىڭ 61–62–63–ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن،كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىگە بىۋاستە مەمۇرى جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بەرسىمۇ بۇلىدۇ؛ قانۇنىي ۋەكىلگە بىۋاستە قۇيۇلىدىغان جەرىمانىنىڭ سوممىسى ئادەتتە 2000يۈەندىن تۈۋەن بولىدۇ،(قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)؛ مەمۇرى جازا بىرىشكە توغرا كەلگەندە،ئالاقىدار تارماقلارغا ئەدلىيىلىك تەكلىپ بەرسە بولىدۇ،ئۇ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قارار قىلىشى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلولارنى سوت قىلىش جەريانىدا كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىگە ياكى باشقا كىشىلەرگە جەرىمانە قۇيۇش،توختۇتۇپ قۇيۇشتەك جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتا مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى،ھەق تەلەپ جازاسى بېرىش ھەققىدە باشقىدىن قارار يېزىپ چىقىشى شەرت. جازالانغۇچى قارارغا قايىل بولمىسا،قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقۇرى سوت مەھكىمىسىگە بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.قايتا قاراپ چىقىۋاتقان مەزگىلدە قارار ۋاقتىنچە ئىجىرا قىلىنمايدۇ.

      قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا خادىملار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا،ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ خىيانەت قىلىش،پارە ئېلىش،پارە بېرىش،مەبلەغنى ئىشلىتىۋېلىش،مەبلەغنى بۆلۈشۋېلىشتەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جاۋاپكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#