B تىپلىق مېڭە ياللۇغى

 B تىپلىق مېگە ياللۇغى
تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى، 1934 - يىلى ياپونىيىدە بايقالغان. كىشىلەر ئۇنى B تىپلىق مېڭە ياللۇغى دەپ ئاتىغان.  

ئۇيغۇرچە نامى B تىپلىق مېڭە ياللۇغى
خەنزۇچە نامى 流行性乙型脑炎

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

B تىپلىق مېگە ياللۇغىتىپلىق تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى (قىسقارتىلىپ B تىپلىق مېڭە ياللۇغى دېيىلىدۇ) بولسا B تىپلىق تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى ۋىرۇسى ياپما ئۇرۇقدىشى ئائىلىسىدىكى سېرىق ۋىرۇسقا تەۋە. ئۇ شارسىمان ھالەتتە، دىئامېتىرى 30 نانومىتىر، B تىپ بولسا ھاشارات ۋىروسى، تەركىبىدە بىر خىل مۇسبەت زەنجىر بار، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 11kb.

  دا گېن گۇرۇپپا كود يەككە پولىپېپتىد مىقدارى كۆپ، <(C)> كاپسىد ئاقسىلى پارچىلىنىش پەيدا قىلىپ، ئاقسىل پەردە <(M)> ۋە ئورىغۇچى پەردە ئاقسىل <(E)>.    

 B  تىپلىق تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى ۋىرۇسى بىر قەدەر كۈچلۈك ئىشقار نېرۋا مەنبەسى، ئۇ تېمپېراتۇرا، ئېتىل ئېفىر، كىسلاتا قاتارلىقلارغا بەك سەزگۈر، ئۇ چاشقان مېڭە توقۇلمىسى ئىچىدە ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئېقىپ يۇرىيدۇ. توخۇ تۆرەلمىسىدە، مايمۇننىڭ بۆرەك ھۈجەيرىسىدە، ئۆسىدۇ ھەمدە كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭ پاشا ئىچىدە كۆپىيىدىغان مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىسى 25 سېلىتسىيە گىرادۇستىن 30 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا.

B تىپلىق مېگە ياللۇغى

B تىپلىق مېڭە ياللۇغى بولسا B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋىرۇسلىرىنىڭ يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، مېڭە ياللۇغىدىكى ئاساسلىق كېسەللىكلەرنىڭ مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىدىكى جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەلگە ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئىبارەت. دەسلەپتە بۇ خىل كېسەل ياپونىيىدە بايقالغان، خەلقئارادا يەنە «ياپونىيە مېڭە ياللۇغى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل كېسەلنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسى يۇقۇملانغان ئادەم ياكى ھايۋانات بولۇپ، پاشا، چىۋىن قاتارلىق ھاشاراتنىڭ چېقىشى ئارقىلىق يۇقىدۇ. شۇڭا، بۇ كېسەلنىڭ كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقىدىغان پەسلى ئاساسلىقى 7-، 9-ئايلار. كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كېسەلگە قارىتا سەزگۈرچانلىقى ئۆسكەن بولسىمۇ، بىراق ئون ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا بولۇپمۇ ئىككى ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

B تىپلىق مېگە ياللۇغى يوشۇرۇن دەۋرى 10 - 15 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر يېنىك ياكى كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ۋىروسلاردىن يوشۇرۇن يۇقۇملىنىش، ھەمدە ئاز ساندىكى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلدۇ. ئىپادىسى قىزىش، ئاڭ توسالغۇسى، چۆچۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

 كلىنىكىلىق دىئاگنوز قويۇش - ئاساسلىقى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە ماتېرىيال، كلىنىكىلىق ئىپادىسى ۋە تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش، ھەمدە دېئاگنوز قويۇش ئارقىلىق، قان زەردابى ئىلمى ئارقىلىق ئېتىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش.

B تىپلىق مېگە ياللۇغى بىمارنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ داۋالاش، كېسەلخانىدا پاشىدىن ساقلىنىش، تېمپېراتۇرىنى چۈشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ھەمدە كېسەللىك ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىش ئىنچىكىلىك بىلەن پەرۋىش قىلىش، ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى ئالدىنى ئېلىش ۋە كېسەل ئاسارىتىگە بولغان داۋالاش ئۈنۈمىنى، ئۆستۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

B تىپلىق مېگە ياللۇغى B تىپلىق مېگە ياللۇغى يەنى تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئوكۇل قىلىنىدۇ. B تىپلىق مېڭە ياللۇغى پاشا قاتارلىق ۋاسىتىچىلەر تارقىتىدىغان جىددىي ۋىرۇس خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل. ياز پەسلى كېسەللىنىشنىڭ ئەڭ كۆپ پەسلى، كېسەللەنگۈچى ئاساسەن ئون ياشتىن تۆۋەن بالىلار. كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك ھەم ئېغىر بولۇپ، ئېغىر بولغاندا يۇقىرى قىزىتما، دۆلىنىش، ھوشسىزلىنىش، سىپازمىلىنىش، ھەتتا ئۆلۈم يۈز بېرىدۇ، ساقايغاندىن كېيىنمۇ پالەچ بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئاسارەتلىرى قالىدۇ. چوڭلارنىڭ كۆپ قىسمىدا B تىپلىق مېڭە ياللۇغىغا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچى بار، ئالتە ئايلىق بوۋاقلاردا ئانا تېنىدىن ئېرىشكەن ئانتىتېلا بولۇپ، بوۋاقنىڭ B تىپلىق مېڭە ياللۇغى بولۇپ قېلىشىدىن قوغدايدۇ. جۇڭگودا بەلگىلەنگەن B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەنگۈچى ئوبيېكتلار ئاساسەن، تارقىلىش رايونىدىكى ئالتە ئايلىقتىن ئون ياشقىچە بالىلار ھەمدە تارقالمايدىغان رايوندىن تارقىلىش رايونىغا كىرگەن ئادەملەر. تارقىلىش رايونىدا تۇغۇلۇپ سەككىز ئايلىقتىن بىر ياشقىچە بولغان (كۆپىنچە رايونلاردا بىر ياشلىقلارنى تاللايدۇ) بوۋاقلارغا B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ بىرىنچى ئوكۇلى، يەتتە-ئون كۈندىن كېيىن ئىككىنچى ئوكۇل ئۇرۇلسا، ئاساسىي ئىممۇنىتېتقا تەۋە بولۇپ، ئىممۇنىتېت دەۋرى بىر يىل بولىدۇ. كېيىن ھەر يىلى بىر ئوكۇلنى كۈچەيتىپ ئۇرۇش كېرەك.

تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئۇرۇشتا تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

1. قىزىش، جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللەر، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، ئاكتىپ تۇبېركۇليوز ۋە يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق كېسەللەر بىلەن كېسەللەنسە، بەدىنى ئاجىز، زىيادە سەزگۈرلۈك تارىخى ۋە تۇتقاقلىق كېسىلى بارلار، تۇغما ئىممۇنىتېتى كەمتۈكلەر، يېقىندا ياكى دەل شۇ ۋاقىتتا ئىممۇنىتېتنى تورموزلاپ داۋالىنىۋاتقانلار ۋە ھامىلىدار ئاياللارغا ئوخشاشلا B تىپلىق مېڭە ياللۇغى زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان تىرىك ۋاكسىنىسىنى ئوكۇل قىلىشقا بولمايدۇ؛

2. كىچىك بوتۇلكىنى ئاچقاندا ياكى ئوكۇل قىلغاندا دېزىنفېكسىيە دورىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ۋاكسىنا ئېرىگەندىن كېيىن بىر سائەت ئىچىدە ئىشلىتىلىپ بولۇنۇشى ئەگەر ئىشلىتىلىپ بولۇنمىسا تاشلىۋېتىش كېرەك؛

3. بۇ ۋاكسىنىنىڭ ناچار رېئاكسىيىسى ئازراق، ئاز بىر قىسىم بالىلاردا ئوكۇل قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە يەرلىك ئورۇندا ئاغرىش ياكى قىزىرىپ ئىششىش كۆرۈلۈپ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە يېنىپ كېتىدۇ. بەزىدە قىزىش كۆرۈلۈپ ئۆزلۈكىدىن يېنىپ كېتىدۇ. بەزىدە بولسا ئەسۋە كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. [2]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/62013.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#