Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قېتىپ قېلشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر

سىستېمىسىنىڭ قېتىپ قېلشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر

دائىم كۆرۈلىدىغان قېتىۋېلىش كاشىلىلىرى بولسا مەلۇم يوشۇرۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، شۇنداقلا تەڭشەشنىڭ ياكى مەشغۇلات قىلىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىشى، ياكى سىستېمىنىڭ ئۆزىدىكى ياكى قاتتىق دېتالدىكى مەسىلە تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. كاشىلىنى ھەل قىلىشتا «ئاۋۋال يۇمشاق ئاندىن قاتتىق بولۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يۇمشاق دېتالدىن قاتتىق دېتالغا قاراپ ئاستا-ئاستا تەھلىل قىلىش كېرەك.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قېتىپ قېلشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر: بۇنى Windows نىڭ خىزمەت تەرتىپىدىن باشلاپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ياسىلىشىنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى ئاممىبابلاشتۇرۇش، شۇ سەۋەبتىن گىرافىكلاشقان كۆرۈنمە يۈزگە نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن. شۇنداقتىمۇ يەنە بەزى نۇقسانلار كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا Windows  مەشغۇلات سىستېمىسى يەنە ئىچكى ساقلىغۇچلۇق يۆتكەپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، يۆتكەپ ئىشلەتكەندە يەنە بەزى كاشىلىلار كۆرۈلۈپ، شۇ سەۋەبتىن بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايۋاتىدۇ.

دائىم كۆرۈلىدىغان قېتىۋېلىش كاشىلىلىرى بولسا مەلۇم يوشۇرۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، شۇنداقلا تەڭشەشنىڭ ياكى مەشغۇلات قىلىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىشى، ياكى سىستېمىنىڭ ئۆزىدىكى ياكى قاتتىق دېتالدىكى مەسىلە تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. كاشىلىنى ھەل قىلىشتا «ئاۋۋال يۇمشاق ئاندىن قاتتىق بولۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يۇمشاق دېتالدىن قاتتىق دېتالغا قاراپ ئاستا-ئاستا تەھلىل قىلىش كېرەك.

يۇمشاق دېتال مەسىلىسى

كومپيۇتېر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنى قوللىنىشچان، قورال يۇمشاق دېتاللار بولۇپ، بۇنىڭ ئىشلىنىشى جەھەتتە بەزى مەسىلىلەر ساقلانغان، كىشىلەر شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان خاتالىق ۋە نۇقسانلاردىن خالىي بولالمايدۇ. مەسىلەن، ئويۇن ئويناشنى ئالساق، ئويۇننى ئەمدىلا باشلىغان، ئويناۋاتقان ياكى چېكىنگەن ۋاقىتتا ناھايىتى ئاسانلا قېتىپ قالىدۇ. چۈنكى، ئويۇننىڭ ئۆزىمۇ ئىچكى ساقلىغۇچلۇق يۆتكەپ ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولغاچقا، يۆتكەپ ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئەمەللەر خاتالىقى ياكى پىروگراممىنىڭ ئۆزىدىكى تۈزۈش جەھەتتىكى خاتالىق تۈپەيلىدىن ئىشلەشتىن توختاپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالنى پەقەت يۇمشاق دېتالنى قايتىدىن قاچىلاش ياكى ئەسلىدىكى يۇمشاق دېتالنىڭ ياماقلىرىنى قاچىلاش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

سىستېما مەسىلىسى

مەشغۇلات سىستېمىسى كومپيۇتېردىن تولۇق پايدىلىنىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. سىستېما چاتىقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان كۆك ئېكران ئادەتتە سىستېما ھۆججىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ياكى قوزغالغان ھۆججەتلەرنىڭ بۇزىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر سىستېما ھۆججىتى بۇزۇلغان بولسا، شۇ ھۆججەتنى تېپىپ سىستېمىغا كۆچۈرۈپ، سىستېمىنىڭ ئۆزىدىكى بۇيرۇقتىن پايدىلىنىپ ئوڭشاش ياكى بۇيرۇق-كونترول سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن.

يۇمشاق دېتال ۋىرۇس قالدۇقلىرى ھۆججىتى مەسىلىسى

قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللارنى كومپيۇتېردىن چىقىرىۋەتكەندە، شۇنداقلا ۋىرۇسلارنى ئۆچۈرۈۋاتقان ياكى تازىلاۋاتقان ۋاقىتتا، بەزى ھۆججەتلەرنىڭ قالدۇقى ساقلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن، تارىخى ھۆججەت،dll  قاتارلىق ھۆججەتلەر. بۇ ھۆججەتلەر ھەتتا سىستېمىنىڭ تىزىملاش ھۆججىتىدە قالدۇق بولۇپ تۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئىشلەتكەندە نورمال ئىشلەتكەنگە ئوخشاش بولىدۇ، بىراق پىروگرامما ۋە ۋىرۇسلار مەۋجۇت بولمايدۇ. سىستېما يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن ۋاقىتتا، پىروگىراممىنى تېپىشقا ئامالسىز قېلىپ، بىرخىل ئۆلۈك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن قېتىپ قالىدۇ. يۇمشاق دېتال ۋە ۋىرۇس قالدۇق ھۆججىتىمۇ سېستىمىنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇمشاق دېتاللارنى ئۆچۈرگەن ۋە ۋىرۇس تازىلىغان ۋاقىتتا، ۋاقىتلىق ھۆججەتنىڭ ساقلىنىپ قالغان-قالمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر. شۇڭا تارىخى ھۆججەتلەر ھەمدە يۇمشاق دېتاللارنىڭ قالدۇق ھۆججەتلىرى چوقۇم چىقىرىۋېتىلىشى كېرەك.

يۇمشاق دېتاللارنىڭ ماسلىشالماسلىق مەسىلىسى

بەزى يۇمشاق دېتاللار باشقا يۇمشاق دېتاللار بىلەن ئۆزئارا ماسلىشالماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، ۋىرۇسخورلار. ۋىرۇس تازىلاش مېخانىزمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، سىستېما ھوقۇق دائىرىسىدىن پايدىلانغان ۋاقىتتا، زىددىيەت شەكىللىنىپ باشقا يۇمشاق دېتاللارمۇ نورمال خىزمەت قىلالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا بۇ تۈردىكى ھۆججەتلەرنىڭ خاتالىقىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولسا يۇمشاق دېتاللارنى كومپيۇتېردىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن قايتىدىن قاچىلاش ياكى بىۋاسىتە ئۆچۈرۈۋېتىشتىن ئىبارەت.

بۇففېر (cache) تەڭشەشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىق مەسىلىسى

بۇففېر بولسا قاتتىق دىسكىدىكى مەزمۇنلارنى بۇففېر رايونىغا يۆتكەپ ئىشلىتىپ، زىيارەت سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلىغىلى بولىدىغان سىغىمچانلىققا ئىگە قىلىدۇ. ئەگەر تەڭشەك مۇۋاپىق بولمىسا، ناھايىتى ئاسانلا قېتىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مۇبادا مۇشۇ تۈپەيلىدىن مەسىلە كۆرۈلسە، سۈكۈتتىكى تەڭشەكنى قوللىنىش ياكى توغرا تەڭشەش ئارقىلىق، مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

سىستېما بايلىقىنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى

سىستېما بايلىقى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، پۈتۈن كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال بايلىقىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىچكى ساقلىغۇچ بولۇپ، ئۇ قاتتىق دېتال ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم قىسىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى سىستېما ئىجرا بولۇۋاتقان ۋاقىتتا كومپيۇتېردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلايدۇ. شۇڭا تەڭشەك مۇۋاپىق بولمىسا، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى سىستېما قېتىپ قالىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن ئىجرا بولۇۋاتقان ھۆججەتلەر ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگىلىۋالدىمۇ-يوق، دېگەنلەرنى تەكشۈرۈش، كۆپ ئىشلەتمەيدىغان بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنى تاقىۋېتىش كېرەك.

ۋىرۇس، ياغاچ ئات (Trojan) مەسىلىسى

ۋىرۇس ۋە «ياغاچ ئات» مۇ ئەمەلىيەتتە كومپيۇتېر پىروگراممىسى بولۇپ، پەقەت خىزمەت پىرىنسىپى ۋە مەقسىتى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ۋىرۇس ۋە «ياغاچ ئات» ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، سىستېما بايلىقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ياكى سىستېما ھۆججەتلىرىنى بۇزۇۋېتىش كاشىلىسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋالنى بايقىساق، ۋىرۇسخورنىڭ دەرىجىسىنى دەرھال يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز ياكى مەخسۇس ۋىرۇسخورلارنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىرۇسلارنىڭ نازارەت قىلىنىپ تىزگىنلىنىشىگە دىققەت قىلىشىمىز، شۇنداقلا مەشغۇلات سىستېمىسىنى ۋاقتىدا ئاسراپ تۇرۇشىمىز كېرەك.

قاتتىق دېتالنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىزىپ كېتىش مەسىلىسى

كومپيۇتېر قاتتىق دېتالى ئىشلىگەن ۋاقىتتا  قىزىيدۇ. شۇڭا كومپيۇتېرغا نىسبەتەن ئىسسىقلىقنى تارقىتىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بۇنىڭغا سەل قارالسا، قاتتىق دېتاللارنىڭ كۆيۈپ كېتىشى ياكى بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. قاتتىق دېتال ھەددىدىن زىيادە قىزىپ كەتسە، ئالدى بىلەن ئاساسىي ماشىنا ساندۇقىنى، ئاندىن CPU  قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، بىر-بىرلەپ چىقىرىپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىش كېرەك. ئەگەر يەنە مەسىلە بايقالسا، شامالدۇرغۇچنى ئالماشتۇرۇش ياكى ماي پۈركۈپ سىلىقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، نورمال خىزمەت قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك.

قاتتىق دىسكا مەسىلىسى

قاتتىق دىسكا كومپيۇتېرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ساقلايدىغان ئىنتايىن مۇھىم بولغان قاتتىق دېتال بولۇپ، كومپيۇتېر ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا، قاتتىق دىسكا ناھايىتى كۆپ زىيارەت قىلىنىدۇ. قاتتىق دىسكا ئېلېكتىرونلۇق قىسىم ۋە مېخانىكىلىق قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا مېخانىكىلىق قىسىمنىڭ ئايلىنىش بېشىدا كۆپرەك مەسىلە كۆرۈلىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق قىسىمدىكى خاتالىق ئەڭ مۇھىم بولغان ساقلاش رايونىدا كۆرۈلىدۇ، دىسكا ئوقۇلۇۋاتقان ياكى ئۇچۇر يېزىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا قاتتىق دىسكىنىڭ دىسكا يۈزى (تەخسىسى) ناھايىتى تېز ئايلىنىدۇ. ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا توك كېتىپ قالسا، خاتالىق كېلىپ چىقىشى ھەتتا قاتتىق دىسكىنىڭ يۈزى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئەگەر قاتتىق دىسكىدا بۇزۇق رايون پەيدا بولسا ياكى ھۆججەت پارچىلىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئالدى بىلەن دىسكا تەكشۈرۈش قورالىدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈش، قاتتىق دىسكىدا مەسىلە بار بولۇپ چىقسا، بۇزۇق رايون تەكشۈرۈش قورالىدىن پايدىلىنىپ قايتا تەكشۈرۈش كېرەك ۋە  ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك.

قاتتىق دېتالنىڭ سۈپىتى

قاتتىق دېتالنىڭ سۈپىتى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارنىڭ سۈپىتى ئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر ياساش تېخنىكىسى ناچار بولسا، قاتتىق دېتال نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ. مەسىلەن، توك مەنبەسى. توك بىلەن تەمىنلەش مۇقىم بولمىسىمۇ، سىستېما قېتىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا، قاتتىق دېتالنىڭ سۈپىتىگە چوقۇم ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

يۇمشاق دېتال جەھەتتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئادەتتە ھۆججەتلەرنىڭ يوقاپ كېتىشى، بۇزۇلۇپ كېتىشى ۋە بىر-بىرىنى قوللىماسلىقى ياكى سىستېما بايلىقى كەمچىللىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىقى ھۆججەت جەھەتتىكى سەۋەب، يەنە سىستېما بايلىقى جەھەتتىكى سەۋەبمۇ بار. شۇڭا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدىگەندە ھۆججەتلەردىن باشلاپ تەھلىل قىلىش كېرەك. ئەگەر سىستېما ھۆججەتلىرى بۇزۇلۇپ يوقاپ كەتكەن بولسا، ئۇنى باشقىلاردىن كۆچۈرۈۋالغىلى، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر-بىرىنى قوللىماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، مەلۇم بىرىنى ئاۋۋال تاقىۋېتىش ياكى چىقىرىۋېتىش كېرەك. ئەگەر سىستېما بايلىقى كەمچىل بولسا، سىستېما بايلىقى مۇۋاپىق تەڭشەپ بېرىلسە بولىدۇ. يۇمشاق دېتال مەسىلىسىگە ھۆكۈم قىلغان ۋاقىتتا خاتالىق تىپى نۇقتىسىدىن ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ئادەتتە يۇمشاق دېتال جەھەتتىكى خاتالىقتا كۆپىنچە ئەسكەرتىش بولىدۇ.

ئەگەر قاتتىق دېتال جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلسە، ئادەتتە كۆپىنچىسى قىزىپ كېتىش، قاتتىق دېتالنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېشىپ كېتىش ھەمدە سۈپەت ۋە مۇھىت جەھەتلەردىكى توسالغۇلاردىن بولغان بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق نۇقسانلار كۆرۈلسە، مەسىلىنى بىر-بىرلەپ كۆزىتىپ، دائىرىنى كىچىكلىتىشىمىز، كونكرېت ئەھۋالغا كونكرېت ھۆكۈم قىلىپ، مۇۋاپىق ھەل قىلىشىمىز كېرەك.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېرۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#