شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇۋاھلىق نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇۋاھلىق نىزامى 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇۋاھلىق نىزامى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区公证条例
ماقۇللانغان ۋاقتى 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇۋاھلىق نىزامى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-سانلىق يىغىنىدا 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلسۇن. 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 

1998-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، گۇۋاھلىق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ماجىرانىڭ ئالدىنى ئېلىش، دەۋانى ئازايتىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزامدا دېيىلگەن گۇۋاھلىق گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ گۇۋاھلىق ئالغۇچىلارنىڭ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ، قانۇن ئەھمىيىتى بولغان ئىشلىرى ۋە ھۆججەتلىرىنىڭ چىنلىقى، قانۇنلۇقلىقىنى قانۇن بويىچە ئىسپاتلاش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە گۇۋاھلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە گۇۋاھلىق پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەر بۇ نىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

4-ماددا گۇۋاھلىق خىزمىتىدە ئىختىيارىي گۇۋاھلىق بىلەن قانۇنىي گۇۋاھلىقنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

5-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتى گۇۋاھلىق بەرگەندە گۇۋاھنامە بېرىشى كېرەك. گۇۋاھلىق ئاپپاراتى قانۇن بويىچە بەرگەن گۇۋاھنامە قانۇن كۈچىگە ئىگە، ئۇنى قانۇندىكى تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ كۈچىدىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.

6-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ گۇۋاھلىق خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.

ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ گۇۋاھلىق خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىڭتۈەن سىستېمىسىنىڭ گۇۋاھلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

2–باب گۇۋاھلىق ئاپپاراتى ۋە گۇۋاھچىلار

7-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتى قۇرۇشنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.

گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى بىر-بىرىگە بېقىنمايدۇ.

8-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى ھەرىكىتى مەنئى قىلىنىدۇ:

 1) گۇۋاھلىق كەسپىدە باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ھالقىپ كېتىش؛

(2) قانۇندىكى تەرتىپكە خىلاپ گۇۋاھلىق بېرىش؛

(3) گۇۋاھلىق كەسپىدە ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش؛

(4) تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇۋاھلىق ۋاكالەت ئاپپاراتى قۇرۇش، نامىنى ئۆزگەرتىش؛

(5) قانۇنغا خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەر.

9-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى گۇۋاھلىق ئىشلىرىنى بېجىرگەندە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ھەق ئېلىشى كېرەك. ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن ئالىدىغان ھەقنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە كېمەيتسە، كەچۈرۈم قىلسا بولىدۇ.

ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن گۇۋاھلىق ھەق تۈرىنى بەلگىلىشىگە ۋە گۇۋاھلىق ھەق ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

10-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى مالىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، خىراجەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، مالىيە، باھا، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

11-ماددا گۇۋاھچىلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە گۇۋاھچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ھەمدە گۇۋاھلىق ئاپپاراتىدا مەخسۇس گۇۋاھلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملاردۇر.

12-ماددا گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىق ئىشلىرىنى بېجىرىشتە قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، كەسىپ ئەخلاقى، كەسىپ ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى، گۇۋاھلىق ئالغۇچىلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى ھەرىكىتى مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) پاكىتقا، قانۇنغا خىلاپ گۇۋاھنامە بېرىش؛

(2) ئورۇنلۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ گۇۋاھلىق بېرىشتىن باش تارتىش ۋە ئۇنى رەت قىلىش؛

(3)پۇل، ئاكسىيە، ماددىي نەرسە قوبۇل قىلىش، تەلەپ قىلىش ياكى باشقا ناتوغرا مەنپەئەتكە ئېرىشىش؛

(4) تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىش؛

(5) قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەر.

13-ماددا گۇۋاھچىلار ۋەزىپە ئۆتىگەندە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى تارقاتقان «گۇۋاھچىلىق كىنىشكىسى»نى كۆرسىتىشى كېرەك. «گۇۋاھچىلىق كىنىشكىسى»نى يىللىق تەكشۈرۈپ رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشكە يول قويۇلمايدۇ.

3-باب گۇۋاھلىق باشقۇرۇش تەۋەلىكى

14-ماددا گۇۋاھلىق ئىشلىرى گۇۋاھلىق ئالغۇچىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى، قانۇن ھەرىكىتى ياكى ئىش يۈز بەرگەن جايدىكى گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. كۆچمەس مۈلۈككە چېتىلىدىغان گۇۋاھلىق ئىشلىرى مۈلۈك تۇرۇشلۇق جايدىكى گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. لېكىن، ۋەسىيەت، ھەدىيە، باياناتتا كۆچمەس مۈلۈككە چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

چەتكە چېتىشلىق گۇۋاھلىق ئىشلىرى چەتكە چېتىشلىق گۇۋاھلىق كەسپىنى بېجىرىشى تەستىقلانغان گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

15-ماددا بىر گۇۋاھلىق ئىشى بىرلا گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇشى كېرەك.

ئىككىدىن ئارتۇق گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئىش ئالدى بىلەن قوبۇل قىلغان گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

16-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدا باشقۇرۇش تەۋەلىكى جەھەتتە تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئۇلارغا ئورتاق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ.

4-باب گۇۋاھلىق كەسپى

17-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتى بەلگىلىمە بويىچە تۆۋەندىكى ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ:

(1) توختام (كېلىشىم)نى كۈچكە ئىگە قىلىش، ئۆزگەرتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش؛

(2) ھاۋالە، ھەدىيە، ۋەسىيەتنى كۈچكە ئىگە قىلىش، ئۆزگەرتىش ياكى كۈچتىن قالدۇرۇش؛

(3) باياناتنامە، ۋارىسلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە مال-مۈلۈك بۆلۈشۈش؛

(4) ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە بېرىش، رەنىگە قويۇش؛

(5) تۇغۇلۇش، ئۆلۈش، ئوقۇش تارىخى، تەرجىمىھال، خىزمەت ۋەزىپىسى، ئۇنۋان، نىكاھ ئەھۋالى، تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى، جىنايى جازاغا تارتىلغان-تارتىلمىغانلىق قاتارلىقلار؛

(6) ھۆججەتتىكى ئىمزا، تامغا، ۋاقىت قاتارلىقلارنىڭ چىنلىقى؛

(7) ھۆججەتنىڭ كۆچۈرۈلمىسى، قىسقارتىلمىسى، تەرجىمىسى، سۈرىتى بىلەن ئەسلىي نۇسخىسىنىڭ ئوخشاشلىقى؛

(8) كارخانىنىڭ مەبلەغ ئىناۋىتى ۋە تىجارەت ئەھۋالى، شىركەت نىزامنامىسى، مۇدىرىيەت ۋە پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارى؛

(9) كىمئارتۇق سودىسى، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيىتى؛

(10) بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ۋە بىكار قىلىش، پەرزەنتىنى تونۇۋېلىش؛

(11) ئەر-خوتۇننىڭ مال-مۈلۈك پۈتۈمى؛

(12) تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ۋەقە؛

(13) رەنىلىك قەرز پۇل توختامى؛

(14) دۆلەت كارخانىسىنى ئىجارە بېرىش، قوشۇۋېتىش ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى؛

(15) دۆلەت مۈلكىنى شەخس نامى بىلەن چېگرا سىرتىدا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا، دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن بىلەن شەخسلەر ئىمزالىغان ھاۋالە كېلىشىمى؛

(16) گۇۋاھلىق بېرىشكە بولىدىغان باشقا قانۇن ھەرىكىتى ۋە قانۇن ئەھمىيىتى بولغان ئىش، ھۆججەتلەر.

قانۇن-نىزاملاردا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن ئىشلار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

18-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە قىلىدىغان ھەقدارلىق ھۆججىتىدە تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك:

(1) ھەقدارلىق ھۆججىتىدە مەلۇم ساندىكى پۇل، بۇيۇم، ئاكسىيە تۆلەش مەزمۇن قىلىنغان بولۇش؛

(2) ھەقدارلىق ھۆججىتىدە قەرزدار مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش مەنىسى ئىپادىلەنگەن بولۇش؛

(3) ھەقدارلىق ھۆججىتىدە تۆلەشكە نىشانلانغان نەرسە ۋە تۆلەش ۋاقتى، ئورنى، ئۇسۇلى، سانى كونكرېت، ئېنىق، يەنە كېلىپ تالاش-تارتىش يوق ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن بولۇش.

ئالدىنقى تارماقتىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، گۇۋاھلىق ئاپپاراتى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە قىلغان ھەقدارلىق ھۆججىتىدىكى مەجبۇرىيىتىنى قەرزدار سۈرۈك توشقىچە ئادا قىلمىسا، ھەقدار باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

گۇۋاھلىق بېرىلگەن ھەقدارلىق ھۆججىتىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىمنامىدە ئىزاھات بېرىشى ھەمدە كېسىمنامىنى ئىككى تەرەپكە ۋە گۇۋاھلىق ئاپپاراتىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

19-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، پۇل، ۋىكسىل، بۇيۇم ۋە ئاكسىيە ئامانىتىگە گۇۋاھلىق بېرىشكە بولىدۇ:

(1) ھەقدار ئورۇنلۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ تاپشۇرۇپ ئېلىشنى رەت قىلغان ياكى كېچىكتۈرگەنلىكتىن، قەرزدار تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا ئامالسىز قالسا؛

(2) ھەقدارنىڭ ئادرېسى ئېنىق بولمىغان ياكى ئىز-دېرىكى بولمىغان ھەقدار ئۆلگەن، ۋارىسىمۇ ئېنىق بولمىغان، ھەقدارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغان، قانۇنىي ۋاكالەتچىسىمۇ ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، قەرزدار تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئامالسىز قالسا؛

(3) ھەقدار بىلەن قەرزدار تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئامانەت ئۇسۇلى بىلەن ئادا قىلىشنى پۈتۈشكەن بولسا.

ئامانەت گۇۋاھلىقى بېجىرىلگەندىن كېيىن، قەرزدارنىڭ قەرزى ئادا قىلىنغان بولىدۇ.

گۇۋاھلىق ئاپپاراتى ئامانەت گۇۋاھلىقىنى بېجىرگەندىن كېيىن، ئامانەت قويۇلغان بويۇم، پۇل ياكى ئاكسىيىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئېلىۋېلىشنى ھەقدارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ساقلاش قۇلايسىز بۇيۇملارنى قەرزدار گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە سېتىپ، پۇلىنى ئامانەت قويىدۇ ياكى گۇۋاھلىق ئاپپاراتى كىمئارتۇق سودىسى كارخانىسىنىڭ سېتىۋېتىشىگە ھاۋالە قىلىدۇ، پۇلىنى گۇۋاھلىق ئاپپاراتى ساقلاپ قويىدۇ.

20-ماددا يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن ئېرىشىش قىيىن بولغان دەلىل-ئىسپاتلارغا گۇۋاھلىق ئالغۇچىلار گۇۋاھلىق ئاپپاراتىغا دەلىل-ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاش گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

21-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتى گۇۋاھلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تۆۋەندىكى قانۇن ئىشلىرىنى بېجىرسە بولىدۇ:

(1) رەنە قويۇشنى تىزىملاش؛

(2) مىراسنى ئېدىتلاش، ساقلاش، ۋەسىيەتنامە ياكى باشقا ھۆججەتلەرنى ساقلاش؛

(3) ئەۋرىشكىنى پېچەتلەپ ساقلاش؛

(4) قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاكالىتەن يېزىش، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش؛

(5) گۇۋاھلىق ئالغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، گۇۋاھلىق ئىشلىرىنى ئادا قىلىش جەريانىدا كېلىپ چىققان ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش؛

(6) گۇۋاھلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا قانۇن ئىشلىرى.

5-باب گۇۋاھلىق تەرتىپى

22-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار گۇۋاھلىق ئېلىشتا، باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە گۇۋاھلىق ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىشى ياكى ئىلتىماس قىلىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

ۋەسىيەت، ھەدىيە مىراس، بېقىش كېلىشىمى، ھەدىيە، پەرزەنتىنى تونۇۋېلىش، بېقىۋېلىش، بېقىۋېلىشنى بىكار قىلىش، ھاۋالە، بايانات، ھاياتلىق ۋە گۇۋاھلىق ئالغۇچىنىڭ جىسمانىيىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا گۇۋاھلىق ئىشلىرىنى بېجىرىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ. باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشقا بولمايدىغان گۇۋاھلىق ئىشلىرىدا گۇۋاھلىق ئالغۇچىنىڭ گۇۋاھلىق ئاپپاراتىغا بېرىشى ھەقىقەتەن قىيىن بولسا، گۇۋاھلىق ئاپپاراتى ئۇلار تۇرۇشلۇق جايغا گۇۋاھلىق ئەۋەتىپ گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەك.

23-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان گۇۋاھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

(1) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلىنغان گۇۋاھلىق ئىشى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛

(2) گۇۋاھلىق ئالغۇچىلار ۋە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرنىڭ شۇ گۇۋاھلىق ئىشىدا تالاش-تارتىشى بولمىسا؛

(3) ئىلتىماس قىلىنغان ئىش گۇۋاھلىق كەسپى دائىرىسىدە بولسا؛

(4) ئىلتىماس قىلىنغان ئىش گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسا.

گۇۋاھلىق ئاپپاراتى يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

24-ماددا گۇۋاھچىلار تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك، گۇۋاھلىق ئالغۇچىلارنى گۇۋاھچىنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:

(1) شۇ گۇۋاھلىق ئىشىنىڭ ئالاقىدارى بولسا ياكى گۇۋاھلىق ئالغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولسا؛

(2) شۇ گۇۋاھلىق ئىشى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛

(3) شۇ گۇۋاھلىق ئىشنىڭ ئالاقىدارى بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، توغرا گۇۋاھلىق بېرىشكە تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە شۇ گۇۋاھلىق ئىشىدىكى تەرجىمان، باھالىغۇچى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خادىملارغىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.

25-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتى گۇۋاھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

ئىلتىماس قىلغۇچىلار گۇۋاھلىق ئاپپاراتىغا گۇۋاھلىق ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى ئەينەن بايان قىلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللارنى تەلەپ بويىچە بېرىشى كېرەك.

26-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتى گۇۋاھلىق ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش، ماددىي ئىسپاتنى تەكشۈرۈش، نەق مەيداننى ئېنىقلاش، مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ، ماتېرىيال، مۈلۈك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە سۈرۈشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.

27-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتى كەسىپلىكى، تېخنىكىلىقى كۈچلۈكرەك بولغان گۇۋاھلىق ئىشلىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن كەسپىي ئاپپاراتنىڭ باھالىشى، تەكشۈرۈشىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

باھالىغۇچى ئاپپارات ۋە باھالىغۇچىلار گۇۋاھلىق ئاپپاراتى باھالشنى ھاۋالە قىلغان ئىشلار توغرىسىدا باھانامە تەييارلىشى ھەمدە ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى كېرەك.

28-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىشلارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 10 كۈن ئىچىدە گۇۋاھنامە بېرىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە، بېجىرىش مۇددىتىنى 20 كۈنگىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ؛ مۇرەككەپ، چىگىش گۇۋاھلىق ئىشلىرىنى بېجىرىش مۇددىتىنى گۇۋاھلىق ئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 6 ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

يالغان، قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىشنى گۇۋاھلىق ئاپپاراتى رەت قىلىشى ھەمدە گۇۋاھلىق ئالغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

29-ماددا خېرىدار چاقىرىش، مۇكاپات نومۇرىنى ئېلان قىلىش، كىمئارتۇق سودىسى قاتارلىق نەق مەيداندا گۇۋاھلىق بېرىلىدىغان ئىشلارنى بېجىرگۈچى گۇۋاھچىلار نەق مەيدانغا بېرىپ نازارەتچىلىك قىلىشى، ئۇنىڭ چىنلىقى، قانۇنلۇقلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، راست، قانۇنلۇق بولغان ئىش توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق سۆزىنى نەق مەيداندا جاكارلىشى كېرەك.

30-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتى گۇۋاھنامە بېرىشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە يولۇقسا، گۇۋاھلىق بېرىشنى توختىتىشى كېرەك:

(1) گۇۋاھنامە كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى، گۇۋاھلىق ئالغۇچى ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالسا؛

(2) گۇۋاھلىق ئالغۇچىنىڭ ئۆلۈشى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ توختىتىلىشى تۈپەيلىدىن داۋاملىق بېجىرىش مۇمكىن بولمىسا ياكى داۋاملىق بېجىرىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىسا؛

(3) گۇۋاھلىق ئالغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن 6 ئاي ئىچىدە بېجىرىپ بولغىلى بولمىسا.

31-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتى گۇۋاھلىق تەرتىپىگە خىلاپ ياكى يالغان، قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گۇۋاھنامىسىنى كۈچىدىن قالدۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى گۇۋاھلىق تەرتىپىگە خىلاپ بولغان ياكى يالغان، قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گۇۋاھنامىنى سەزسە، شۇ گۇۋاھنامىنى بەرگەن گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنى گۇۋاھنامىنى كۈچىدىن قالدۇرۇشقا بۇيرۇشى ياكى كۈچىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا بىۋاسىتە قارار چىقىرىشى كېرەك.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

32-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرىدىن بۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، 8-ماددىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئىشىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

33-ماددا گۇۋاھچىلاردىن مۇشۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، 12-ماددىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش، ئىشىنى 3 ئايدىن يۇقىرى، 1 يىلدىن تۆۋەن توختىتىش جازاسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ «گۇۋاھچىلىق كىنىشكىسى»نى ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

34-ماددا گۇۋاھلىق ئاپپاراتى سەۋەنلىك بىلەن خاتا گۇۋاھنامە بېرىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان يەتكۈزگەن بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

گۇۋاھلىق ئالغۇچىلاردىن يالغان ئىسپات ماتېرىيالى بېرىپ، زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرى مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

35-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن گۋۇاھچىنىڭ، گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ نامىدا گۇۋاھلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، گۇۋاھنامىنى، گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ تامغىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ ياكى گۇۋاھچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

36-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەردىن گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ گۇۋاھنامىسىگە، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلماسلىق، گۇۋاھلىق بېرىشنى رەت قىلىش، گۇۋاھلىق ھۆججىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىغا باشقىچە پىكىرى بارلىرى قارارىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە شۇ گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنى باشقۇرغۇچى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى 15 كۈنى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك.

ئىلتىماس قىلغۇچىلار، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر ياكى گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرىدىن ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى ۋە گۇۋاھچىلاردىن ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

37-ماددا بۇ نىزام 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#