قوچاققول
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قوچاققول تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قوچاققولغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى 30 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ تۈگۈنەك غولى گۆشلۈك، تۆت ~ ئالتىگىچە شاخلانغان بولۇپ، خۇددى ئىككى ئالىقاننى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. يېڭى ئۆسكىنى ئاق رەڭلىك، كېيىن سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ؛ غولىدىكى يوپۇرماقلىرى تۆت تالدىن يەتتە تالغىچە بولىدۇ. شەكلى كەڭ يىپسىمان ياكى تېمىنەسىمان، يوپۇرماق تومۇرلىرى تۈز (پاراللېل تومۇر) بولۇپ، يوپۇرماقنىڭ تۈۋى غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ؛ باشاقسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى بېغىر رەڭ ياكى سۇس بېغىر رەڭ بولىدۇ.
بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، مۇسپىيلىككە ياردەم بېرىش، قاننى جانلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، يۇيۇپ تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ جىلغىلىرىنىڭ ئوتلاقلىرى، ئورمان ۋە چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قوچاققولنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى ۋە ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. قوچاققولنى دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، ئۇزۇنغىچە ئىچ سۈرۈش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش ۋە قان ئازلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. قوچاققولنى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، ئۇرۇلۇپ، سوقۇلۇشتىن بولغان زەخىملەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
قوچاققولنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل زەخىملەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.