پىياز ئۇرۇقى
پىياز ئۇرۇقى بولسا ئۆسۈملۈك پىيازنىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت. قاننى جانلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. 10 گرام پىياز ئۇرۇقىنى سوقۇپ، 30 گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
2. پىياز ئۇرۇقى، بەدىيان، قەلەمپۇر، پىننە، زەنجىۋىل قاتارلىقلاردىن 5 گرام ئېلىپ چايلىق ئىچىپ بەرسە، ھەزىمنى ياخشىلاپ يەل تارقىتىدۇ.
3. پىياز ئۇرۇقى، تۇخۇم سېرىقى 5 دانە، ئاقىرقەرھا، سۆئىلەپ، شاقاقۇل، تۇدەرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە بۆرەك ۋە باھ ئاجىزلىقى، سەيلانى مەنى، سەپلانى رەھىم قاتارلىقلار مەنپەئەت قىلىدۇ.
مەقەۋۋى باھ، لوبوبى كەبىر، ھالۋايى بيزە. مەجۇنى سۇئىلەپ.
باھ ۋە بۆرەك ئاجىزلىقى، بۆرەك ۋە بەدەن سوۋۇپ كېتىش، نېرۋا، پەي ئاغرىقلىرى، تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈش، پالەچ، لەقۋا، رەئىشە، ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش، ھەزىم ناچارلىق، سۈيدۈك، ھەيز راۋان بولماسلـىـق، داغ، بەھـەق، بـەرەس، تەمرەتـكـە، بوۋاسىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
پىياز ئالما كىسلاتاسى، ئاتسىدۇم مالىكۇم ،فوسفات قەنتى،(فىنىن) ۋە مىكروپ ئۆلتۈرگۈچى ئاللىسولفىت (Allyl sulfide) ، كالتسىي، كالىي، ناترىي، گۈڭگۈرت ۋە تۆمۈر قاتارلىقلار بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.