سىيىپ يېتىش

سىيىپ يېتىش

 بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كېتىش ياكى نېرۋىنىڭ باشقۇرۇشى ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ كېچىسى ئۇخلاۋېتىپ ئورنىغا سىيىپ قويۇش، بەزىدە ئويغاق ھالەتتىمۇ سۈيدۈكىنى تۇتالماي، سىيىپ قويىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى سىيىپ يېتىش
خەنزۇچە نامى 遗尿症
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
كېسەللىك سەۋەبى ئومۇمىي بەدەننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كېتىش ياكى نېرۋىنىڭ باشقۇرۇشى ئاجىزلىشىشى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار بالىلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىيىپ يېتىش1. سۈيدۈكلۈك ئەسەپلىرىنىڭ ھەرخىل كېسەللىكلىرى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: سۈيدۈكلۈكنى قىسقارتقۇچى ئەسەپ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سۈيدۈكلۈك مۇسكۇللىرىنىڭ بوشاپ كېتىشى، ھۆللۈكنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى، مېڭە ۋە يۇلۇندىكى سىيىشنى باشقۇرىدىغان مەركەزلەر خىزمىتى قالايمىقانلىشىشى، روھىي جىسمانىي ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. تۇرمۇش ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قەررەرلىك ھاجەت قىلىشقا كۆندۈرمەسلىك، بالىلارنىڭ روھىي كەيپىياتى تۇراقلىق بولماسلىق، بولۇپمۇ ئاتا − ئانىلارنىڭ بەزلىشى، پەرۋىش قىلىشىدىن، كۆيۈنۈشىدىن مەھرۇم قىلىش، ئوزۇقلىنىشى ناچار بولۇش، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، بەدەن ئاجىزلىق، ئۇزۇن مۇددەت كېسەل تارتىش، مەددە قۇرت، داۋاملىق سوغۇقلۇق قىلىش، ئۇخلاش ئالدىدا چاي ۋە سۇيۇقلۇقلارنى كۆپ ئىچىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

3. چوڭلاردا بولسا بالىلىقتىكى ناچار ئادەتلەرنىڭ داۋاملىشىشى، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، سۈيدۈكلۈكنىڭ تۇغما كەمتۈكلۈكى، سۈيدۈكلۈك تېشىلىش، مەزى بېزى چوڭىيىش، تۇغۇتتىن زەخىملىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ.

كېچىسى ئۇخلاۋېتىپ ئورنىغا سىيىپ قويۇش، بەزىدە ئويغاق ھالەتتىمۇ سۈيدۈكىنى تۇتالماي، سىيىپ سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

بالىلاردىكى سىيىپ يېتىشنى دۋالاشتا، مۇمكىنقەدەر ئەسلىي سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ يىلتىزىدىن داۋالاش لازىم. ھەرگىز بالىلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ، دەشنام بەرمەسلىك كېرەك. بالىلارا سېلىقلىق بىلەن روھىنى كۆتۈرۈش، ھەركېچىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بالىنى ئويغىتىپ، قەرەرلىك سىيىشكە ئادەتلەندۈرۈش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا يېمەك ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ھۆللۈك ۋە زىيادە سوغۇقلۇق يېمەك − ئىچمەكلەرنى بەرمەسلىك، ئۇخلاش ئالدىدا چاي ۋە سۇنى كۆپ ئىچىشنى چەكلەش، ئىسسىق ياغلار بىلەن بەدىنىنى ياغلاش، ئۇۋۇلاپ بېرىش لازىم. ياۋا توشقان گۆشىنى داۋاملىق يېگۈزۈش، بولۇپمۇ ياۋا توشقان بېشىنى ئۈكلەپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچكۈزۈش سىيىپ يېتىشنى داۋالاشنىڭ ياخشى چارىسى ھېسابلىنىدۇ. بالىلارغا ياڭاق مېغىزىدا چاي سۈتلەپ بېرىش، ئۇخلاش ئالدىدا ياڭاق يېگۈزۈش، خولىنجان تالقىنى بېرىش كېرەك. مۇرەككەپ دورىلاردىن: جاۋارىش مەستىكى، مەجۇنى ماتىدىل ھايات، جاۋارىش جالىنۇس، جاۋارىش زەرئۇنى، جاۋارىش ئەنبەر، مەجۇنى ئازاراقى قاتارلىقلارنى بېرىش لازىم. تۇغما كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىرى بولسا ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.

1-رېتسېپ

تەركىبى: كۇندۇر، ئانارگۈلى، بەللۇت، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 12 گىرامدىن، زىرە، تاغ زىرىسى، جۇۋىنە ئالتە گىرامدىن، ئامىلە، بەلىلە، سېرىق ھېلىلە، قارا ھېلىلە تۆت گىرامدىن، سىيادان سەككىز گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

سىيىپ يېتىشتەركىبى: مۇرمەككى، كۇندۇر، ئاقاقىيا، شىيافى سامسا ئالتە گىرامدىن، زەمچە توققۇز گىرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 21 گىرام، ئاق زەنجىۋىل، زىغىر، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 30 گىرامدىن، ھەسەل ئىككى ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .

3-رېتسېپ

تەركىبى: چىگىت مېغىزى، ياڭاق مېغىزى مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم ئىككى دانە، سۇ ئىككى چىنە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: مېغىزلارنى تۇخۇم بىلەن سۇدا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ تۇخۇمىنى يەپ، سۈيى ئىچىلىدۇ. 

  • ئۈچ چىمدىم زىرە بىلەن ياڭاق چوڭلۇقىدىكى زەنجىۋىلنى ئىككى پىيالە ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يېسە مەنپەئەت قىلىدۇ .

  • كۈدە ئۇرۇقىنى بىر سىقىم ئېلىپ، ئۇن بىلەن قازان نېنى ئېتىپ يېسە مەنپەئەت قىلىدۇ .

  • كەرەپشە ئۇرۇقى، زىغىر بىر چىمدىمدىن، قۇرۇتۇلغان تاۋۇز پوستى ئالىقان چوڭلۇقىدا، بۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ، دوۋسۇن ساھەسىگە چاپسا مەنپەئەت قىلىدۇ。

  • قورۇلغان بۇغداي تالقىنى ئىككى چىمدىم، قورۇلغان قارا كۈنجۈت ئىككى چىمدىم، زەنجىۋىل، جۇۋىنە، دارچىن، خولىنجانلارنى ئىككى چىمدىمدىن ئېلىپ سوقۇپ، بىر يېرىم چىنە ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يېسە مەنپەئەت قىلىدۇ .

  • زىرە، قارىمۇچلارنى بىر چىمدىمدىن ئېلىپ، بىر دانە توشقان كاللىشىنى پىشۇرۇپ، زىرە بىلەن قارىمۇچنى ئۈستىگە سېپىپ يېسە كۆپ مەنپەئەت قىلىدۇ .

  • خولىنجان، قوۋزاقدارچىن، پىلپىل، زەنجىۋىل، روم بەدىيان قاتارلىقلارنى بىر چىمدىمدىن ئېلىپ دەملەپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ .

  • بەش دانە تۇخۇمدىن ياغ چىقىرىپ، جۇزبۇۋا، بوزۇغىنى تالقانلاپ، دوۋسۇن ساھەسى ۋە بۆرەك ساھەسىگە يېتىشتىن ئىلگىرى سۈركەپ بەرسە ناھايىتى مەنپەئەت قىلىدۇ .

  • چىگىت، ياڭاق مېغىزىنى بىر ئوچۇمدىن ئېلىپ، ئىككى دانە توخۇنىڭ تۇخۇمى بىلەن ئىككى چىنە سۇدا قاينىتىپ، تۇخۇمنى يەپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ناھايىتى مەنپەئەت قىلىدۇ .

  • بەش دانە تۇخۇمنىڭ ئېقى، بىر سىقىم پىننە، ئازراق تۇزنى ئارىلاشتۇرۇپ، بەدەننى ئۇۋۇلاپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ .

  • يالپۇز ياغىچى، رەيھان ياغىچى، كاۋاۋىچىنلاردىن بىر سىقىمدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، بەدەننى يۇيۇپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

لوقمان دوختۇرخانىسى تورى 

http://www.lokman.cn/ug/?p=138

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

لوقمان دوختۇرخانىسى تورى

http://www.lokman.cn/ug/?p=138

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#