ئەڭ چوڭ قىزىل گۈل ماكانى

بۇلغارىيە ۋە قىزىل گۈلى

قىزىلگۈل ئەتىر گۈللەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان غازاڭ بولىدىغان بىر خىل چاتقال. ئۇ تىكەن غوللۇق، مۇرەككەپ پەيسىمان يوپۇرماقلىق بولۇپ، ياز كىرىشى بىلەنلا قىزىل، ئاق ئېچىلىپ خۇش پۇراق چاچىدۇ. قىزىلگۈل مېيى قىزىلگۈل بەرگىنى پارلاندۇرۇپ تازىلاش ئارقىلىق ئېلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەتىر ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بۇلغارىيە
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
ئىنگىلىزچە نامى The Republic of Bulgaria
خەنزۇچە نامى 保加利亚共和国
پايتەختى 索非亚
ئاساسلىق شەھەرلىرى پلوۋدىۋ ، ۋارنا ، بۇرگاس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

   قىزىلگۈل بۇلغارىيىنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى بۇ مەملىكەت دۇنيا بويىچە ئەڭ زور قىزىلگۈل ماكانى بولۇپ، يىلىغا 2000 كىلوگرامچە قىزىلگۈل مېيى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەر يىلى تەخمىنەن 1100 كىلوگرام قىزىلگۈل مېيى ئېكىسپورت قىلىپ، دۇنيا قىزىلگۈل مېيى بازىرىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇلغارىيە بۇنىڭدىن 300 نەچچە يىل ئىلگىرى قىزىلگۈل تېرىشقا باشلىغان. قىزىلگۈل قەلەمچىسى دەسلەپتە كىچىك ئاسىيادىن ئېلىپ كېلىنىپ، بۇلغارىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كازانلىك جىلغىسىدا ماكانلاشقان؛ كېيىن يەنە كېڭەيتىلىپ، كارلوۋ جىلغىسىغا تىكىلگەن. ئۆزئارا تۇتىشىپ كەتكەن بۇ ئىككى جىلغىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئوتتۇرىچە كەڭلىكى تەخمىنەن 11 كىلومېتىر بولۇپ، مارتىسا دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان تۇنجا دەرياسى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. شىمالىدا جىلغىدىن 1600 مېتىر ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بالقان تاغ تىزمىسى بولۇپ، قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇق شامىلىنى توساپ تۇرىدۇ؛ جەنۇبىدا تاغ يوچۇقلىرى كۆپ بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزدىن كېلىدىغان ئىللىق نەم ھاۋانى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇڭا بۇ جاينىڭ ئىقلىمى يىل بويى ئىللىق تۇرىدۇ. ھۆل-يېغىنىمۇ باب كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇپرىقى مۇنبەت ۋە بوش بولۇپ، قىزىلگۈل يىلتىزى يەر ئاستىغا تۆت-بەش مېتىر كىرىدۇ. مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىت قىزىلگۈل ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك ياشاش مۇھىتى يارىتىپ بەرگەن. دېھقانلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى ئارقىسىدا، كارلوۋو ۋە كازانلىك جىلغىلىرىدا قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش ئىشى تېز راۋاجلىنىپ، بۇ جايلار بۇلغارىيىدە قىزىلگۈلنىڭ مەركەزلەشكەن ماكانى بولۇپ قالغان ھەمدە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان «قىزىلگۈل جىلغىسى» دېگەن نام بىلەن دۇنياغا داڭقى چىققان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#