ئەڭ چوڭ ئېلان تاختىسى

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئېلېكتىرلەشكەن ئېلان تاختىسى
تاختا ئېسىلغان ۋاقىت 1925-يىلى
تاختا  ئېسىلغان ئۇرۇن سىتروئېن شىركىتىنىڭ پارىژدىكى ئېغىر تۆمۈر مۇنارى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلان-توۋارنىڭ بازىرىنى چىقىرىدىغان بىر خىل مۇھىم ۋاستە، ئۇنىڭ ھەرخىل شەكلى بار؛ گېزىت-ژورناللارغا بېسىلىدۇ. تېلېۋىزىيە، رادىئو ئارقىلىق تەشۋىق قىلىنىدۇ. ماگازىن ئىشىكلىرىگە باسما شەكلىدە چاپلىنىدۇ ياكى ئېلان تاختىسى ئېسىلىدۇ. ئېلان توۋارلارنى تونۇشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى باشلاش رولىنى ئويناپ، ئىشلەتكۈچىلەر ۋە ئىستىمالچىلارغا ئۇڭايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ؛ شۇڭا ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭى ئېلانلارنى لايىھىلەش لازىم. تېخىمۇ مۇھىمى، ئېلاننىڭ مەزمۇنى ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزلەش ئاساسىدا توغرا بولۇشى كېرەك. لېكىن بەزىلەر ئېلاننى خېرىدارلارنى جەلپ قىلىپ، ئارتۇقچە پايدا ئېلىش ۋاستىسى قىلىۋالىدۇ. بولۇپمۇ بازارلار ئوخشاش تۈردىكى تاۋارلار كۆپلەپ كىرگەندە، ئۇلار رىقابەتلىشىش ئۈچۈن قانچىلىك چىقىم تارتىشقا قارىماي ئېلان ئۈستىدە داۋراڭ سېلىپ، ئېلاننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ۋە بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى شۇ توۋارغا قىزىقتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېلانلارنىڭ شەكلى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئېلان تاختىلىرىمۇ بارغانسېرى چوڭايدى. 

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېلان تاختىسى 1925-يىلى سىتروئېن شىركىتىنىڭ پارىژدىكى ئېغىر تۆمۈر مۇنارىغا ئاسقان ئېلېكتىرلەشكەن ئېلان تاختىسى بولۇپ، ئۇ تۆمۈر مۇنارنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىن تا ئۇنىڭ ئۇچىغىچە ئېسىلغان. ئۇنى 30 كىلومېتىر نېرىدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى «N» ھەرپى تۆمۈر مۇنارنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىن ئۈچىنچى قەۋىتىگىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 20.5 مېتىر كېلىدۇ. كەچ كىرگەندە، ئېلان تاختىسىنى ئايلاندۇرۇپ ئورالغان 90 كىلومېتىرلىق توك سىمىد 250 مىڭ دانە لامپۇچكا 6 خىل رەڭدە نۇر چاچىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كېچىمۇ كۈندۈزدەك يۇپ-يۇرۇق تۇرىدۇ. بۇ ئېلان تاختىسى 11 يىل ئىشلىتىپ  1936-يىلى ئېلىۋېتىلگەن. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېلان تاختىسى دېگەن نامنى تاھازىرغا قەدەر ساقلاپ كەلمەكتە. (چېڭ دېروڭ) 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#