تۇماقچىلىق

ئۇيغۇر تۇماقچىلىقى ئۇزۇن تارىخقا، ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى يەرلىك تۇماقلىرىنى كىيىشنى ئۆزلىرىنىڭ غورۇرى، سەلتەنىتى دەپ بىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇر تۇماقچىلىقى ئۇزۇن تارىخقا، ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى يەرلىك تۇماقلىرىنى كىيىشنى ئۆزلىرىنىڭ غورۇرى، سەلتەنىتى دەپ بىلىدۇ.

ئۇيغۇر تۇماقلىرى يارىشىملىق، ئىسسىق بولۇشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشتىن تاشقىرى، گۈل قىسىپ كىيىشكە، ئالدى-ئارقىنى ئايلاندۇرۇپ كىيىشكىمۇ ئەپلىك.

تۇماق رەختى

تۇماق رەختى: قولى چېۋەر ئۇيغۇر ئۇستىلار تۇماق رەختى ئۈچۈن كەمچەت، قاما، سۆسەر، تىيىن، تۈلكە، سۈلەيسىن، سۇغۇر، ئەلتىرە، قوي، ئۆچكە، ئات تېرىسى قاتارلىق بىر يۈز سەكسەن ئۈچ خىل ھايۋانات تېرىسىنى، تاش ئۈچۈن دۇخاۋا، مەخمەل، مويىت قاتارلىق ھەرخىل ئېسىل رەخت ۋە ئەستەر ئۈچۈن ھەرخىل رەختلەر ئىشلىتىدۇ. 

تۈرى: ئۇيغۇر تۇماقلىرى ئەر-ئايال دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈش بىلەن بىرگە، ياشلار، ئوتتۇرا ياشلار، قېرىلار، دىنىي زاتلار سەللە تۇمىقى ۋە خىلمۇخىل يەرلىك تۇماقلار، مەسىلەن، ئاتۇش تۇمىقى، پەيزىۋات تۇمىقى، قەشقەر، خوتەن، كېرىيە تۇمىقى، قاغىلىق تۇمىقى، مەكىت تۇمىقى، يېڭىسار ساغان تۇمىقى، كۇچا تۇمىقى، قومۇل تۇمىقى دېگەنگە ئوخشاش يەرلىك تۈر، نۇسخىلارغا بۆلۈنىدۇ. 

تۇماقچىلىق سايمانلىرى: تېرە كېسىدىغان پىچاق، ئەستەر، تاشلىق رەخت كېسىدىغان قايچا، يىپ، يىڭنە، پاختا، قېلىپ، ناۋات، چىۋىق، قاراگۈل، رەڭ ۋە باشقا پەرداز بۇيۇملىرى. 

تىكىلىشى: ھەرقانداق تېرە ئالدى بىلەن ئۇندا ئاشلىنىپ، قۇرۇتۇلۇپ، ئۇۋۇلاپ يۇمشىتىلىدۇ. كېسىشتە تېرىنىڭ يۈزىدىن ئەندىزە قويۇۇپ تۆت تالالىق، ئالتە تالالىق قىلىپ ئۆلچەملىك كەسكەندىن كېيىن ئۇلارنى بىر-بىرىگە چېتىپ، تۇماقنىڭ تۆپىسىنى پۈتتۈرىدۇ. ئەگەر تۇماق ياكى قۇلاقچىلارغا ئەستەر ئالماق بولسا، رەختكە پاختا سېلىپ سېرىپ، تۆپە تالاسىدەك كېسىپ چىقىپ، تۆپىنى ئەستەرگە كىيدۈرىدۇ. ئەتراپنى يۆمەپ تىكىپ بولۇپ، قېلىپقا سېلىپ قايچا بىلەن مويلىرىنى قىرقىپ تەڭشەيدۇ ۋە سۇ پۈركۈپ موينى چىۋىقلاپ، سۈنئىي بۈدۈر قىلىدۇ، بۈدۈرىنىڭ ئاسان بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ناۋات شىرنىسىنى ئاغزىغا ئېلىپ پۈركۈيدۇ. ئاندىن قېلىپتى چىقىرىپ بازارغا سالىدۇ. ئەگەر ئىشلەتكەن تېرىنىڭ مويى ئالپاساق بولۇپ قالسا ئۆز رەڭگىگە ئوخشىتىپ بويايدۇ. 

تۇماق، قۇلاقچا قاتارلىقلارنىڭ تۆپىسى خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن بولسا، ئۆز رەڭگىدە قاراگۈل ياكى ئۆتۈك مېيى بىلەن پەردازلايدۇ.

ئاق تېرە تۇماقلارغا ئاق سىزىقچىلىق گۈل چىقىرىدۇ ۋە گەج بىلەن ئاق پەرداز بېرىدۇ. 

ئۇيغۇرلار تۇماقچىلىرى يالغۇزلا ئۇيغۇر تۇمىقى تىكىپ قالماستىن، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەر-ئايال تۇمىقىنى تىكىپ جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#