پەمىدۇر دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. پەمىدۇر (خام دورا )
  2. پەمىدۇر ()
خام دورا

پەمىدۇر

پەمىدۇر

پەمىدۇر پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، پەمىدۇرغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىدا يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ؛ گۈلى سېرىق كېلىدۇ؛ شىرنىلىك مېۋە تۇتىدۇ؛ مېۋىسى ياپىلاق ياكى شار شەكلىدە بولىدۇ. مېۋىسى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى پەمىدۇر
پارسچە نامى Lycopersicon esculentum Mill..
تەبىئىتى ھۆل سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 番茄
شەكلى يۇمىلاق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پەمىدۇر پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، شوخلىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىدا يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ؛ گۈلى سېرىق كېلىدۇ؛ شىرنىلىك مېۋە تۇتىدۇ؛ مېۋىسى ياپىلاق ياكى شار شەكلىدە بولىدۇ. مېۋىسى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، تىلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ھۆل سوغۇق.

ئىشتىھانى ئېچىش، قەۋزىيەتنى بوشىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

پەمىدۇرنى ھۆل ھالەتتە ئىستېمال قىلىشنى ئادەت قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەركۈنى ناشتىدا بىر تالدىن شوخلا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كىچىك بالىلاردىكى پۇت-قول مايماق بولۇپ قېلىش، كەم قانلىق، يەرقان، بۆرەك ئىششىقى، دىئابېت ۋە سېمىزلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى پەمىدۇرنى تەرخەمەك، قىزىلمۇچلار بىلەن قوشۇپ سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا، ئىسسىق تۇتۇش ۋە ئىسسىقتىن بولغان گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#