ئابىدژان

ئابىدژان

غەربىي ئافرىقىدىكى گۋىنىيە قولتۇق بويىغا جايلاشقان كوتى دې ئىۋوئىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونا پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورتى. بۇ شەھەر شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ 25 كىلومېتر، غەربتىن شەرققە 15 كىلومېتر سوزۇلۇپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئابىدژان
چەتئەلچە نامى Abidjan
خەنزۇچە نامى 阿比让

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئابىدژانغەربىي ئافرىقىدىكى گۋىنىيە قولتۇق بويىغا جايلاشقان كوتى دې ئىۋوئىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونا پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورتى. بۇ شەھەر شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ 25 كىلومېتر، غەربتىن شەرققە 15 كىلومېتر سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. ئابىدژان كىچىك بىر ئورۇن بولۇپ، 1902-يىلى ياۋروپالىق مۇستەملىكىچىلەر دېڭىز قىرغىقىدا پىرىستان قۇرغان، ئىچكى رايونلارغا تۇتاشتۇرۇپ تۆمۈريوللارنى سالغان، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ شەھەرنىڭ دائىرىسى تېز كېڭىيىشكە باشلىغان. 1950-يىلىغا كەلگەندە دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ شەكىللەنگەن. شەھەر ئاھالىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن ئاران 22 مىڭ كىشى بولسا، 1975-يىلى كۆپىيىپ 921 مىڭغا، 1980-يىلى 1 مىليون 500 مىڭغا يېتىپ، غەربىي ئافرىقا بويىچە ئاھالىسى خېلى كۆپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغان. 1983-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى كوتى دې ئىۋوئىرنىڭ پايتەختى ئابىدژان شەھىرىدىن يېڭى پايتەخت—ياموسسوكرو شەھىرىگە كۆچكەن.

ئابىدژان ئابىدژان دۆلەتنىڭ  مۇھىم سانائەت مەركىزى. بۇ جايدىكى ئىشچىلار پۈتۈن دۆلەتتىكى ئىشچىلارنىڭ %85 نى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن دۆلەت سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %68 نى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر بۇ جايدا ياغ چىقىرىش، سوپۇن ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك، سېمونت، نېفىت ئايرىش، ماشىنسازلىق، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئابىدژان دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم پورتى، بۇ جايدا بىرلا ۋاقىتتا 74 پاراخوت توختىيالا:يدۇ، پورتنىڭ بىر يىللىق مال يۆتكەش ئىقتىدارى 8 مىليون 670 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. بۇ پۈتۈن دۆلەت بويىچە دېڭىز ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلىدىغان ماللارنىڭ %90 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ پورت ئارقىلىق مالى، يۇقىرى ۋولتا ئارقىلىق دۆلەتلەرنىڭ ماللىرىمۇ ئېكسپورت قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#