ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سېۋەت توقۇش ھۈنىرى

سېۋەت توقۇش ھۈنىرى

 ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان، ئۇلار يۇلغۇن، تال-توغراق ۋە سۆگەت قاتارلىق غولى بىر قەدەر ئەۋرىشىم بولغان دەرەخلەرنىڭ چىۋىقلىرى (ئۇششاق غوللىرى)دىن پايدىلىنىپ، ھەرخىل سېۋەتلەرنى توقۇپ تۇرمۇشتا ئىشلىتىپ كەلگەن.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېۋەت توقۇش ھۈنىرىئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا، قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا، چارۋىچىلىق، دېھقانچلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ، ياغاچ، تاش، سۆڭەك ۋە ھەرخىل مېتاللاردىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك قورال-ياراغ، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشنى، شۇنداقلا خېلى بۇرۇنلا ھايۋانلارنىڭ يۇڭى، كەندىر، زىغىر پاخىلى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، رەخت توقۇپ كىيىم قىلىپ كىيىشنى، ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ، ھەر تۈرلۈك تورمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشنى ئۆگىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سېۋەت توقۇش ھۈنىرى سەنئىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان، ئۇلار يۇلغۇن، تال-توغراق ۋە سۆگەت قاتارلىق غولى بىر قەدەر ئەۋرىشىم بولغان دەرەخلەرنىڭ چىۋىقلىرى (ئۇششاق غوللىرى)دىن پايدىلىنىپ، ھەرخىل سېۋەتلەرنى توقۇپ تۇرمۇشتا ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇلار توقۇپ، ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سېۋەتلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1. توغرا سېۋەت

بۇ خىل سېۋەت ئاساسلىقى يۇلغۇن چىۋىقىدا چوڭ-كىچىك قىلىپ توقۇلىدىغان بولۇپ، شەكلى توغرىسىغا ئۇزۇنچاق، قاپ ئوتتۇرىسىغا سۆگەت بادىرسىدىن قىلىنغان يايى شەكىللىك باغ بېكىتىلگەن بولىدۇ. ئۇ، چوڭ-كىچىك قىلىپ توقۇلىدىغان بولۇپ،ئوت-چۆپ ۋە باشقا نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا ئەپلىك كېلىدۇ، كىچىكلىرى ئۆرۈك سېۋىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

2. ئاياغلىق سېۋەت

بۇ خىل سىۋەت ئاساسلىقى يۇلغۇن چىۋىقىدا يۇمىلاق شەكىلدە توقۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ھايۋانلارغا ئوت-چۆپ ۋە يەم-خەشەك (ھەلەپ) بېرىش قاتارلىق ئىشلاردا پايدىلىنىشقا بەكمۇ باپ كېلىدۇ .

3. قاپقاقلىق سېۋەت

بۇ خىلدىكى سېۋەت ئاساسلىقى تال-توغراق چىۋىقىدا ، يۇمىلاق شەكىلدە ، چىۋىن قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلار كىرەلمىگۈدەك دەرىجىدە قېلىن توقۇلۇپ، قاپئوتتۇرىسىغا ھىم كەلگۈدەك تۇۋاق قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۆرۈشىدىن تۇتىدىغان باغ چىقىرىلىدۇ.بۇنى ئەجدادلىرىمىز نان ، گۆش-ياغ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ساقلاشتا پايدىلانغان.

4. قوشۇقلۇق سېۋەت

بۇ ئىنتايىن ئەۋرىشىم ھەم ئۇششاق تال-توغراق چىۋىقىدا توقۇلىدىغان سۈپىتى ئۆزگىچە سېۋەت بولۇپ، شەكلى يۇمىلاق، ھەجىمى كىچىكرەك، ئۆزىنىڭ ئۆرۈشىدىن باغ چىقىرىپ توقۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز تاماق يېيىشتە پايدىلىنىدىغان قوشۇق قاتارلىق ئاشخانا سايمانلىرىنى ساقلاشتا پايدىلانغان بولغاچقا، شۇڭا ئۇ «قوشۇقلۇق» سېۋەت دەپ ئاتىلىپ كەلگەن .

5. تەۋەڭ

بۇ خىلدىكى سېۋەت يۇلغۇن، تال-توغراق، سۆگەت قاتارلىق دەرەخلەنىڭ چىۋىقلىرىدا توقۇلىدىغان بولۇپ، شەكلى تۈز ھەم چوڭ لېگەنگە ئوخشاش توقۇلىدۇ.ئۇنى ئاساسلىقى ناۋايلار تونۇر بېشىدا نان قويۇپ ساقلاش، بازارلاردا قولى ياكى بېشىدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ نان سېتىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىپ كەلگەن .

6. سۈكەن

بۇ خىلدىكى سېۋەت بىر نەچچە تال، ئۇزۇنلىقى 70-80 سانتىمېتىر كېلىدىغان سۆگەت بادرىسىنى ئۆرۈش قىلىپ، يۇلغۇن ياكى سۆگەت چىۋىقىدا ئاستى تارراق، ئۈستى كەڭرەك تىراپىتسىيە شەكلىدە توقۇلىدىغان يەنە بىرخىل سېۋەت بولۇپ،ئەجدادلىرىمىز بۇنى ئاساسلىقى ئېشەكلەرگە بىر جۈپتىن قىلىپ ئارتىپ، مېۋە-چېۋە قاچىلاپ يۆتكەشتە ئىشلىتىپ كەلگەن. ئەپسۇس، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قاتناش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە مېۋە-چېۋە قاچىلايدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە بۇ خىل سېۋەت ئۆز رولىنى يوقاتتى.

7. باداڭ سېۋەت

بۇ خىل سېۋەتمۇ ئوخشاشلا يۇلغۇن چىۋىقىدا ئېگىزلىكى تەخمىنەن بىر مېتىردىن 1.5 مېتىرغىچە ، ئاستى ، ئۈستى چەمبەر شەكلىدە توقۇلىدىغان بولۇپ، بۇنى ئەجدادلىرىمىز ئاشلىقلارنى بىخەتەر ساقلاشتا ئىشلىتىپ كەلگەن. شۇڭا كونىلارنىڭ «ئاشنى باداڭدىن سوراڭ، ئىشنى كاداڭدىن (سوراڭ)» دېگەن ماقالىمۇ شۇنىڭدىن قالغانمىش .

8. خامان سېۋىتى

بۇ دەرەخنىڭ ئۇششاق چىۋىقلىرىدا ئاياغلىق سىۋەتنىڭ شەكلىدە ھايۋانلارنىڭ تۇمشۇقى پاتقۇدەك قىلىپ توقۇلۇپ، خامان ئېلىش ۋاقتىدا خامانغا قوشۇلغان ھايۋانلارنىڭ بۇغدايلارنى يەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تۇمشۇقىغا كەيدۈرۈپ قويۇلىدىغانبىر خىل سېۋەت بولۇپ، ھازىر خامان ئېلىش ئىشلىرىنىڭ ماشىنىلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل سېۋەتمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز رولىنى يوقاتتى.

9. باسماق سېۋەت

بۇ خىل سېۋەتنىڭ ئاستى تار، ئاغزى تەرىپى كەڭ قىلىپ، تىراپىتسىيە شەكلىدە ئېھتىياجىغا قاراپ، تومراق چىۋىقلاردا چوڭ-كىچىك قىلىپ توقۇلىدىغان بىر خىل سېۋەت بولۇپ، ئېغىز ئايلانمىسىنىڭ ئەتراپىغا توخۇ، كەپتەرلەرنىڭ بېشى پاتقۇدەك تۆشۈكچىلەر قويۇلىدۇ. بۇ سېۋەتنى دۈم كۆمتۈرۈپ، توخۇ، كەپتەر قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىنى بېقىشتا ئىشلىتىپ كەلگەن.

10. كۈۋۈك سېۋەت

بۇ خىلدىكى سېۋەت ئاياغلىق سېۋەتكە ئوخشاش، كىچىك ھەم پاكار، پەتنۇس شەكلىدە توقۇلىدىغان بولۇپ، مەخسۇس كەپتەرخانىلاردا كەپتەرلەرنىڭ ئۇۋا ياسىشى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەجدادلىرىمىز دەرەخنىڭ ئۇششاق غوللىرىدىن پايدىلىنىپ، زەمبىل، چويلا قاتارلىق نەرسىلەرنى توقۇپ تۇرمۇشتا ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ،ھازىر جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىمىز ئاستا-ئاستا مودىدىن قالماقتا.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#