زاراڭزا چېچىكى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۈسۈملۈك زاراڭزىنىڭ قۇرتىلغان گۈلىدۇر . دورا ئەشياسىنىڭ شەكلى ، رەڭگى قىزىل، بىرئاز ئالاھىدە پۇراقلىق ، تەمى ئاچچىق گۈل ياپراقچىسى نەيچىسىمان شەكلىدە بۇلۇپ ، بۇ ئۈسۈملىكنىڭ چېچىكى «زەھرۇلقۇرتۇم » ، ئۇرۇقى « تۇخۇمى قۇرتۇم » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
خىميىۋىلىك تەركىبى
زاراڭزا چېچىكى تەركىبىدە%30~20 زاراڭزا سېرىق پىگمىنتى (Safforyellov) %0.6~0.3 گىچە كارتامىن(Carthamene) ، گلۇكوزىد قاتارلىقلار بار.
چىقىش ئورنى
مەملىكىتىمىزنىڭ خېنەن، جېجياڭ، جياڭسۇ، سىچۈەن، شىنجاڭ قاتارلىق جايلىرىدىن، چەت ئەلدە ھىندىستان، مىسىر، ياۋروپا دۆلەتلىرىغا تارقالغان.
ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، سۈرۈش، ئاۋازنى ياخشىلاش، مېڭە يۈرەك ۋە باھنى قۇۋەتلەش ، مەنىي پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە.
1.زاراڭزا قايناتمىسىنىڭ چاشقان، توشقان، مۈشۈك ۋە ئىتنىڭ بالياتقۇسىغا نىسبەتەن قوزغىتىش تەسىرى بار . 2. زاراڭزا ياسالمىسى مۈشۈك ۋە ئىتنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ. 3. كىچىك دوزىدىكى زاراڭزا قايناتمىسى چار پاقا يۈرۈكىنى يەڭگىل ھالدا قوزغىتىدۇ. چوڭ دوزىدىكىسى تورمۇزلايدۇ. 4. چوڭ دوزىدىكىسى تورمۇزلايدۇ. 5. زاراڭزا قايناتمىسىنىڭ تەجرىبە قىلىنغان بارلىق ھايۋاناتلارنىڭ ئۈچەي يولىغا نىسبەتەن قوزغىتىش تەسىرى بار، لېكىن ۋاقتى قىسقا.
ھەيىز راۋان بولماسلىق ، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، جىگەر ئاجىزلىغى، بەلغەملىك نەزلە، باھ ئاجىزلىقى، مەنىي كەملىك، سۇلۇق تەمرەتكە، بەھەق، ئاق كېسەل (بەرەس )، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. مۇۋاپىق مىقداردىكى زاراڭزا گۈلى بىلەن مەتبۇخ تەييارلاپ بەرسە، ھەيزنى راۋان قىلىدۇ، تۇسالغۇلارنى ئاچىدۇ. 2. سانادىن 15 گرام ، ئاپتاپپەرەس ۋە زاراڭزا گۈلىدىن 10گرامدىن ، ئۇبھەلدىن 7 گرام، خىيارشەنبەردىن 15 گرام ئېلىپ، دورىلارنى بىرلەشتۈرۈۇپ قايناتما تەييەرلاپ بەرسە ، ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇپ ھامىلىنى چۈشۈرىدۇ. 3. زاراڭزا ئۇرۇقىدىن 10 گرام ، سۈئلەپتىن 15 گرام ، چىلغوزا ۋە شاقاقۇلدىن 10 گرام ، زاراڭزا گۈلىدىن 15 گرام ئېلىپ ، دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ، سۇپۇپ تەييارلاپ بەرسە باھنى قۇۋەتلەيدۇ.
6 – 7 – ئايلار مەزگىلىدە گۈلى ئېچىلغاندا، گۈلنىڭ رەڭگى سېرىق رەڭدىن، جۈزە رەڭگە ئۆزگەرگەن ۋاقتىدا يىغىۋېلىنىپ، ئاپتاپتا %70 ئەتراپىدا قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن سايە جايدا قۇرۇتۇلىدۇ. ئاندىن قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.