يايلاقتىكى تاش ھەيكەللەر

يايلاقتىكى تاش ھەيكەللەر

يايلاقتىكى تاش ھەيكەللەر تاش ماتېرىياللىرىنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق ئويۇلغان نۇرغۇنلىغان تاش ئادەملەرنىڭ ھەيكىلىنى كۆرسىتىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى يايلاقتىكى تاش ھەيكەللەر
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 草原石人
ئورنى شىنجاڭ يايلاقلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يايلاقتىكى تاش ھەيكەللەريايلاقتىكى تاش ھەيكەللەر تاش ماتېرىياللىرىنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق ئويۇلغان نۇرغۇنلىغان تاش ئادەملەرنىڭ ھەيكىلىنى كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭ يايلىقىدىكى بىر چوڭ تارىخىي گۇمانىتارلىق مەنزىرىسى، ئۇ ئاساسەن ئالتاي يايلىقى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى دىكى موڭغۇلكۈرە يايلاقلىرىغا تارقالغان. 

يايلاقتىكى تاش ھەيكەللەرشىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى يايلاقتا، كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىگە پات-پات كىرىپ تۇردىغان تاش ئويما ئادەملەرنىڭ ھەيكىلى بار. لېكىن بۇ تاش ئادەملەر نەدىن كەلگەن؟ كىم قىلغان؟ قايسى مىللەت ياكى قەبىلە مەدەنىيەت مىراسلىرى؟ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر ھازىرغىچە تېخى ئۈزۈل-كېسىل ئېچىلغىنى يوق، بۇ مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئالىملارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى، بارغانسېرى كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ تەتقىقات دائىرىسنى قوزغىدى. بۇ تاش ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈن تاشتىن ئويۇپ ياسالغان. سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، كۆپىنچىسىنىڭ باش، يۈز شەكلى ۋە بەدەن ھالىتى راستتەكلا كۆرۈنىدۇ. 

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارىشاڭ ناھىيەسى چىگرا ئىچى ئاراشات ئوتلاقلىرىدا تاش ھەيكەللەر بايقالغان، بۇ تاش ھەيكەللەر بىر پۈتۈن ئاق قۇم تاغ جىنسلىرىدىن ئويۇپ ياسالغان. ئۇنىڭ بېشى چوڭ، كەڭ، يۇمىلاق يۈز، بىر جۈپ ئىنچىكە كۆزلىرى تومپىيىپ چىققان. بەدىنىدە ئويۇپ چىقىرىلغان قايرىما ياقىلىق چوڭ چاپان، بېلىگە بىر تال كەڭ بەلباغ تاقاقلىق، ئوڭ قولىدا بىر ئىستاكاننى  مەيدىسىگە قىلىپ كۆتۈرۈپ، سول قولىدا بىر تۇتام نارسىنى كۆتۈرىۋالغان، خۇددى ئۇزۇن خەنجەرگە ئوخشايدۇ. تاش ئادەمنىڭ يۈز قىسمى چىرايى سۈرلۈك بولۇپ، گويا ھەيۋەتلىك سەركەردنىڭ ئەتراپتىكى ئوتلاقنى كۆزىتىپ ۋە قوغداپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ.

شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستى تەۋەسىدىكى يېزا ئىگىلىك 5-شىسى غەلىتە تاش جىلغىسىدا  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تاش ھەيكەللەر بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك 5-شىسى قويتاش ئىچىدە بايقالغان ئوتلاق تاش ئادىمى بۇ كۆتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قەدىمىي قەبرە ئالدىدىكى تاش ئابىدە بار. 

يايلاقتىكى تاش ھەيكەللەريايلاقتىكى تاش ھەيكەللەر شىنجاڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ دائىرىسى پۈتكۈل ياۋرو-ئاسىيا يايلاقلىرىغا تارقالغان. شىنجاڭدا 200 دىن ئارتۇق تاش ئادەم بار بۇلۇپ، ئاساسەن ئالتاي تاغلىرى، تەڭرىتېغى، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار ۋە بورتالا ئوبلاستى قاتارلىق 10 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر تەۋەسىگە جايلاشقان. 

يايلاقتىكى تاش ھەيكەللەريايلاقتىكى تاش ھەيكەللەر شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا، ئالتاينىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ يايلاقلارغا تارقالغان بولغاچقا، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ، سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك تەتقىق قىلىپ، يۈەن سۇلالىسى، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئىزچىل تاش ئادەملەر بارلىققا كەلگەن دېگەن. يەنە مۇنداق دەپ قارىغان: ئۇ ياۋروپا-ئاسىيا يايلاق كۆچمەن چارۋىچى ئەجدادلار قالدۇرۇپ كەتكەن بۇلۇشى مۇمكىن دىگەن. 

بۇ تاش ھەيكەللەر يايلاق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمكى يايلاق، مىللىي مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#