كاۋا ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كاۋا ئۇرۇقىكاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدە ۋىتامىن B،پانتوتېنىك كىسلاتا، ماگنىي، سىنك قاتارلىقلار بار.
كاۋا ئۇرۇقىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى پارازىتقۇرۇتلارنى ئۆلتۈرۈش رولى ناھايىتى ياخشى، قان شورىغۇچى قۇرتنىڭ لىچىنكىسىنىئۆلتۈرۈش رولىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، قان شورىغۇچى قۇرۇت كېسىلىگە گىرىپتاربولغانلارنىڭ ئالدىن تاللايدىغان يېمەكلىكىدۇر.
كاۋا ئۇرۇقى ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ساغلاملىقىنىساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ،بەدەننىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كۆپ يەپ بەرگەندەسۆڭەكنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
كاۋا ئۇرۇقى مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. يەنە ھەرىكەتسىز يۈرەك سانجىقىنى پەسەيتىدۇ ھەمدە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار.
قۇرت ئۆلتۈرۈش تەسىرى:كاۋا ئۇرۇقىنىڭ ئىسپىرت بىلەن ئېلىنغان سۇيۇقلۇقى قۇرت ئۆلتۈرۈش تەسىرىگە ئىگە. 2. كاۋا ئۇرۇقى ياسالمىسىدىن ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن 10 ~2 گرامنى كىچىك چاشقاننىڭ ئاشقازىنىغا كىرگۈزۈلسە زەھەرلىمەيدۇ، لېكىن تۆت گرام ئىستېمال قىلسا،جىگەر،ئۆپكە،بۆرەك قاتارلىق ئورگانلىرىنى ۋاقتىنچە بۇزۇپ،جىگەردىكى قەنتنى ئازايتىۋېتىدۇ.
1.كاۋا ئۇرۇقىدىن 30 گرام ئېلىپ، مېغىزىنى ئايرىپ ئېلىپ،ئاچ قورساق يېسە، قاپاق ئۇرۇقى قۇرتنى چۈشۈرىدۇ. 2.كاۋا ئۇرۇقىنى سوقۇپ تالقانلاپ،شېكەر بىلەن قوشۇپ يېسە، يۆتەل پەسەيتىدۇ، ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ . 3. كاۋا ئۇرۇقىدىن 12 گرامنى سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشۇپ ،ئاچ قورساق ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن ئۇدا 3~5 كۈن يېسە، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ، ئىششىق ياندۇرىدۇ. 4. كاۋا ئېشى ئېتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا يۆتەل پەسەيتىدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ، كۆكرەكنىڭ چىڭلىقىنى بوشىتىدۇ.
كاۋا ئۇرۇقىنى بىر قېتىمدا بەك كۆپ چىقماسلىق كېرەك بەك كۆپ چاققاندا باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاشقازاننى ئىسسىق قاپلاپ كەتكەن كىشىلەر كاۋا ئۇرۇقىنى ئاۋازچىقىشى لازىم بولمىسا ئاشقازاننى چىڭقىلىدۇ.
تازىلىق شارائىتى ناچار رايونلاردا ياشايدىغانلار ھەمىشە كاۋا ئۇرۇقى چىقىپ پارازىت قۇرتلارنى يوقاتسا بولىدۇ.كاۋا ئۇرۇقى بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ چېقىشىغا بەك مۇۋاپىق كېلىدۇ.
كاۋائۇرۇقىنى خام پېتى چاق سۇمۇ قۇرۇپ چاقىسىمۇ بولىدۇ بۇنىڭ قۇرۇت ئۆلتۈرۈش ۋە مەزىبېزى كېسىلىنى داۋالاش رولى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.