ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېروننىڭ ئىستېپا بېرىش نۇتۇقى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېروننىڭ ئىستېپا بېرىش نۇتۇقى

ئەنگلىيە پۇقرالار ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون 24-ئىيۇن باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. كامېرون مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «مەن ئەنگلىيە خەلقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قارارىغا ھۆرمەت قىلىمەن، ئەمما مەنمۇ چوقۇم بىر قارارغا كېلىشىم كېرەك، ئەنگلىيە بىر يېڭى باش ۋەزىرنىڭ باشچىلىق قىلىشىغا مۇھتاج.» 

ئۇيغۇرچە نامى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېروننىڭ ئىستېپا بېرىش نۇتۇقى
سۆزلىگۈچى كامېرون
خەنزۇچە نامى 英国首相卡梅伦辞职演说

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېروننىڭ ئىستېپا بېرىش نۇتۇقىخەيرلىك سەھەر كۆپچىلىك، بۇ دۆلەتتە تېخى يېقىندىلا بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى دېموكراتىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى، بۇ بەلكىم بىزنىڭ تارىخىتىكى ئەڭ زور بىر قېتىملىق پائالىيىتىمىز بولۇشى مۇمكىن. ئەنگلىيە، شوتلاندىيە، ۋېلش، شىمالىي ئېرلاندىيە ۋە جەبىلتارىقتىكى 33 مىليوندىن ئارتۇق خەلق ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى نامايان قىلدى.

بىز بۇ رېئالىقتىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. بۇ زېمىندا، بىز خەلقنىڭلا ئەڭ زور قارار قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.

بىز پەقەت پارلامېنت دېموكراتىك تۈزۈمگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۇ دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇش مەسىلىسىدە، بىز خەلقنىڭ ئارزۇسىغا بېقىپ ئىش قىلىمىز. شۇڭا بىز مۇشۇنداق قىلالىدۇق.

ئەنگلىيە خەلقى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.

مەن بۇ پائالىيەتتە مەن بىلەن ئوخشاش پىكىردىكى بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ سىياسىي پارتىيەلەردىكى بىرتەرەپلىمە كۆزقاراشلاردىن ۋاز كېچىپ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدىغان بارلىق كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، مەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلار پائالىيەتنى ناھايىتى جانلىق ۋە قىزغىن ھېسسىياتتا ئۆتكۈزدى.

ئەنگلىيە خەلقىنىڭ ئارزۇسى چوقۇم ئىجرا قىلىنىدىغان بۇيرۇقتۇر. بۇ بىر ئاسانلىقچە چىقىرىلغان قارار بولماستىن، نۇرغۇن ئوخشىمىغان تەشكىلاتلارنىڭ بۇ قارارنىڭ مۇھىملىقىغا قارىتا نۇرغۇن كۆزقاراشلارنى شەرھىيەلىگەنلىكىدىن بولغان.

شۇ ۋەجىدىن بۇ نەتىجىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.

پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئەنگلىيەنىڭ قارارىنى كۆردى. مېنىڭچە بازارغا ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئەنگلىيە ئىقتىسادىي ئاساسىنىڭ ئىنتايىن جانلىق ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەش كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، مەن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئەنگلىيە پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئەنگلىيەدە ئولتۇراقلاشقان ياۋروپا پۇقرالىرىغا شۇنداق كاپالەت بېرىمەنكى، سىلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭلار شۇ ھامان ئۆزگەرمەيدۇ. خەلقىمىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىدا نۆۋەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. بۇيۇملارنى يەتكۈزۈش، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاۋۋالقىدەكلا ئېلىپ بېرىلىۋېرىدۇ.

بىز ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كېڭىشىشكە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك. كېڭەشكە چوقۇم شوتلاندىيە، ۋېلش ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە ھۆكۈمىتى ئورتاق قاتنىشىپ، بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مەنپەئەتىنى قوغداشقا ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەمما يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشتا بىز جانلىق، قەتئىي مەسئۇلىيەتچان بىر رەھبەرگە مۇھتاجمىز.

مەن ئۆتمۈشتىكى ئالتە يىلدا بۇ دۆلەتنىڭ باش ۋەزىرى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن ھەمدە شەرەپ ھېس قىلىمەن.

مەن بىزنىڭ زور دەرىجىدە ئالغا باسالايدىغانلىقىمىزغا، جۈملىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىنىڭ يەنىلا ئاشىدىغانلىقىغا؛ بىزنىڭ پاراۋانلىق ۋە مائارىپنى ئىسلاھ قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ كۈچلۈك جەمئىيەت قۇرالايدىغانلىقىمىزغا؛ دۇنيادىكى ئەڭ نامرات خەلققە بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرالايدىغانلىمىزغا؛ جىنسىي پەرق بىلەن ھېسابلاشماي، ياخشى كۆرۈشكەنلەرنىڭ توي قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى داۋاملىق ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەن بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەملەشكەن بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.

مەن باشتىن-ئاخىر بىزنىڭ مۇھىم قارارلارغا يۈزلىنىپ، ئۆزىمىزنى قاچۇرمايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.

بۇ دەل بىزنىڭ نېمىشقا قۇرۇلۇپ 70 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ، ئىقتىسادقا باشلامچىلىق قىلىپ، ھالاكەت گىرابىدىن قۇتۇلغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى. بۇ دەل بىزنىڭ نېمىشقا شوتلاندىيەدە ئادىل، قانۇنلۇق، ئەھمىيەتلىك پۇقرالار ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكىمىزنىڭ سەۋەبى. بۇ دەل مېنىڭ نېمىشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئورنىنى قايتىدىن كېڭىشىپ، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدىكى پۇقرالار ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىنى باشلىغانلىقىم ھەمدە ئۇلارنى رېئالىققا ئايلاندۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكىمنىڭ سەۋەبى.

مەن ئۆزۈم بىلىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ جەرياننى تاماملىماقچىمەن، ئۇ بولسىمۇ ئۆزۈمنىڭ چىن يۈرىكىمدىن چىققان قاراشلىرىم ۋە ھېسسىياتىمنى بىۋاسىتە ۋە ئەستايىدىل ئىپادىلەشتىن ئىبارەت.

مەن ھېچقانداق نەرسىنى ساقلاپ قالمىدىم، مېنىڭ مەيدانىم ناھايىتى ئېنىق، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تېخىمۇ زورىيالايتتى، بىخەتەر بولاتتى ھەمدە گۈللىنەلەيتتى. مەن بۇ قېتىم پۇقرالار ئاۋاز بېرىشىنىڭ ھەرقانداق بىر سىياسىيوننىڭ ئىستىقبالى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق، جۈملىدىن مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

ئەمما ئەنگلىيە خەلقى ئېنىق ۋە ئوخشىمىغان تاللاشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇڭا مېنىڭچە ئەنگلىيە يېڭى بىر رەھبەرنىڭ دۆلىتىمىزگە رەھبەرلىك قىلىشىغا مۇھتاج.

مەن باش ۋەزىرلىك سالاھىيىتىم بىلەن، كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە ھەپتە، بىر نەچچە ئايدا ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرالايمەن. ئەمما مېنىڭچە مەن رەھبەر بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن دۆلىتىمىزنى يېڭى نىشان ئۈچۈن يېتەكلىمەسلىكىم كېرەك. بۇ مەن ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن چىقارغان قارار. ئەمما دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغاندا، مېنىڭچە بىز بىر مەھەللىك تىنچ مەزگىلگە مۇھتاج، كېيىن يەنە يېڭى رەھبەرگە مۇھتاج بولىمىز.

بىزنىڭ بۈگۈن بىر ئىنچىكە ئىلگىرىلەش ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈۋېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما مېنىڭچە 10-ئايدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، بىز بىر يېڭى باش ۋەزىرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە مۇھتاج بولىمىز. مۇقىملىقنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم، كېيىنكى ئۈچ ئايدا، مەن داۋاملىق باش ۋەزىرلىك سالاھىيىتىم ۋە ئىچكى كابىنېتىم بىلەن بىرلىكتە كۆپچىلىككە خىزمەت قىلىمەن.

ئىچكى كابىنېت دۈشەنبە كۈنى سۆھبەتلىشىدۇ، ئەنگلىيە بانكىسىنىڭ باشلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مەركىزىي بانكا بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن قوللانماقچى بولغان كېيىنكى تەدبىرلىرىنى شەرھىيەلەيدۇ. بىز داۋاملىق ئايال پادىشاھنىڭ پارلامېنتتىكى سۆزىدە تۈزۈلگەن مۇھىم قانۇن چىقىرىش قارالمىسىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مەن بۈگۈن سەھەردە ئايال پادىشاھ ئالىيلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ يېقىندا قوللانماقچى بولغان ھەرىكەتلىرىمنى مەلۇم قىلدىم.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كېڭىشىشنى يېڭى باش ۋەزىر باشلىشى كېرەك، مېنىڭچە يېڭى باش ۋەزىر «لىسبون ئەھدىنامىسى»نىڭ 50-ماددىسىنى قاچان ئىشقا سېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئايرىلىشنىڭ رەسمىي قانۇنىي تەرتىپىنى باشلاشنى قارار قىلىشى كېرەك.

مەن كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا كېڭىشى يىغىنىدا ئەنگلىيە خەلقىنىڭ تاللىشى ۋە ئۆزۈمنىڭ شەخسىي قارارىمنى شەرھىيەلەيمەن.

ئەنگلىيە خەلقى قارار چىقىرىپ بولدى، بۇ قارار ھۆرمەتلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەغلۇب بولغان تەرەپ، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، يەنىلا بۇ قارارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ماسلىشىشى كېرەك.

ئەنگلىيە بىر ئالاھىدە دۆلەت. بىزنىڭ نۇرغۇن گەۋدىلىك ئارتۇقچىلىقلىرىمىز بار: بىز پارلامېنت تۈزۈمىنى يۈرگۈزىمىز، تىنچ مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى مۇھىم ئىشلارنى قارار قىلىمىز؛ بىز كۈچلۈك سودا دۆلىتى، ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت، قۇرۇلۇش ۋە ئىجادىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنياغا ئۆرنەك بولالايمىز.

گەرچە بىز مۇكەممەل بولمىساقمۇ، ئەمما مەن بىزنىڭ كۆپ خىل ئىرق، كۆپ خىل ئېتىقادقا ئىگە دېموكراتىك سىستېما ئۈچۈن نەمۇنە بولالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. كىشىلەر ئەنگلىيەگە كېلىپ تۆھپە قوشسا ھەمدە ئۆز تالانتى ئارقىلىق يۇقىرى پەللە ياراتسا بولىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى مەن تەۋسىيە قىلمىغان بولساممۇ، ئەمما مەن خەلقىمىزنىڭ بۇ قارارىنى تۇنجى بولۇپ قوللىغان كىشى بولىمەن. ئىلگىرى مەن «ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلسىمۇ، تەرەققىي قىلىۋېرىدۇ، بىز چوقۇم يەنە بىر چىقىش يولى تاپالايمىز» دېگەنىدىم.

ھازىر ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى قارار قىلىنىپ بولدى. بىز ئەڭ توغرا يۆنىلىشىنى تېپىشقا مۇھتاجمىز، مەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەمدەم بولىمەن.

مەن بۇ دۆلەتنى سۆيىمەن، بۇ دۆلەتكە كۈچ چىقىرالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن ئىپتىخارلىنىمەن. كەلگۈسىدە مەن بۇ ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#