بوغماق ئۈچەي ياللۇغى

بوغماق ئۈچەي ياللۇغى

بوغماق ئۈچەي ياللۇغى دېگىنىمىز ، ھەر خىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان بوغماق ئۈچەي ياللۇغى كېسىلى خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى . ئاساسلىق كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ، ئىچى سۈرۈش ، قورساق ئاغرىش , شىلىمشىق تەرەت، قۇرۇق ئىنجىق , ھەتتا ، قەۋزىيەت بولۇش؛ قىزىش ، ئورۇقلاش ، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار كۆپ تەكرار قوزغىلىدۇ

غەرب تېبابىتى نامى بوغماق ئۈچەي ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى ھەزىمنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە بۇلغانغان يېمەكلىكتىن يۇقۇملىنىش
تەۋە بۆلۈم ھەزىم كېسەللىرى ئىچكى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى سول تۆۋەنكى قورساق ياكى قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمى
ئاساسلىق ئالامىتى قورساق غولدۇرلاش، ئىچى سۈرۈش، شىلىمشىق تەرەت، قۇرۇق ئىنجىق , ھەتتا، قەۋزىيەت بولۇش
خەنزۇچە نامى 结肠炎
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى colitis

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوغماق ئۈچەي ياللۇغىكېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنى يارىلىنىش خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى ، قان يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى ، ساختا پەردىلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى دەپ بۆلۈنىدۇ .

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ھەزىمنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە بۇلغانغان يېمەكلىكتىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: دەسلەپ ئۆتكۈر ئۈچەي ياللۇغى ساقايغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئاغرىتماي ئىچ سۈرۈش داۋاملىشىپ تۇرۇش، سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگەرگەندىن كېيىن تۆۋەنكى قورساق ساھەسى مۇجۇپ ئاغرىش، قورساق غولدۇرلاش، ئۈچەي يارىلانغاندا ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىش، چوڭ تەرەت داۋاملىق سۇيۇق ۋە كۈنىگە بىرنەچچە قېتىمدىن كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: نىشاستە، ئانار ئۇرۇقى 80 گىرامدىن، پاقيوپۇرمىقى ئۇرۇقى 40 گىرام، كۆكنار شاكىلى 20 گىرام، پىستە پوستى 80 گىرام، شېكەر 500 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 7 ~ 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .

2-رېتسېپ

تەركىبى: بىنەپشە، قىزىلگۈل، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، ئانار پوستى، ئانار گۈلى 10 گىرامدىن، ئېگىر، كۈندۈز، پارپا بەش گىرامدىن، سۇ 200 مىللىلىتىر.

بوغماق ئۈچەي ياللۇغىتەييارلاش ئۇسۇلى: كۈندۈزدىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا ئىككى سائەت چىلاپ، سۇس ئوتتا سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ، كۈندۈزنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق دورا تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: دورىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا ئوخشاش تەڭشەپ، مەقئەتتىن ئۈچەي يولىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: تاباشىر 12 گىرام، سېمىز ئوت ئۇرۇقى (قورۇلغان) 27 گىرام، قىزىلگۈل 21 گىرام، ئاق سەندەل، ئەرەب يېلىمى (قورۇلغان) ، كەتىرا (قورۇلغان) ، نىشاستە، شاھى بەللۇت، رۇببىسۇس، قوغۇن ئۇرۇقى، زىرىق ئالتە گىرامدىن، ئانارگۈلى، بۇژغۇن قىيامى ئۈچ گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئالما، بېھى ياكى زىرىق سۈيىدە خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 7 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#