ئېگىنبۇلاق يېزىسى

ئېگىنبۇلاق يېزىسى

ئېگىنبۇلاق يېزىسى شىنجاڭ سانجى ئوبلاستىدىكى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ غەربىگە، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئىگېنبۇلاق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 375 كۋادىرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 英格堡乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون سانجى ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى
نوپۇسى 7249 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى 0994

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئورنى

ئېگىنبۇلاق يېزىسىئېگىنبۇلاق يېزىسى شىنجاڭ سانجى ئوبلاستىدىكى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ غەربىگە، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 38 كىلومېتىر، غەربىي گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ كونا گۇچۇڭ بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي شىجىر بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي پىچان ناھىيەسى بىلەن يانداش. ئومۇمىي كۆلىمى 375 كۋادىرات كىلومېتىر. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي جېيىجېزى كەنتى. ئېگىنبۇلاق يېزىسى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1500 ~ 1800 مېتىر، ئوتتۇرىچە يانتۇلۇقى °6 ~ °25، جەنۇبىدا يېشىل تاغ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، سۈيى مول، ئورمىنى قويۇق، ئوت-چۆپلەر بولۇق، دەل-دەرەخ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ياخشى جاي.

كىلىماتى

ئېگىنبۇلاق يېزىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2800 ~ 3000 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 145 كۈن ئەتراپىدا، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 200-394 مىللىمېتىر، ئىقلىمى تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغ كىلىماتىغا تەۋە. يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1500-2400 مىللىمېتىر، يىللىق ھۆل-يېغىننىڭ تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، ئەتىيازلىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، كۆپ ھاللاردا ئەتىيازدىكى قۇرغاقچىلىق، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، سۇ ئامبىرىنىڭ سىغىمچانلىقى 287.5 مىڭ كۇپ مېتىر بولغان ئىگېنبۇلاق سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، ئىگېنبۇلاق يېزىسىنىڭ سۇ، تۇپراق بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە ھەل قىلغان.

ئۆسۈملۈك بايلىقى

ئېگىنبۇلاق يېزىسىدا مول ئورمان بايلىقى بار، ئۇزۇن قارىغاي، تېرەك، قېيىن دەرىخى قاتارلىق دەرەخلەردىن باشقا يەنە سوغىگۈل، كىرەش، قار لەيلىسى قاتارلىق نەچچە ئون خىل دورا ماتېرىيالى بار. خەردەل، كۈل رەڭ ئەمەن، چېچەكسەي قاتارلىق 20 نەچچە خىل ياۋا كۆكتات بار.

ياۋايى ھايۋان بايلىقى

ياۋا توڭگۇز، مۈڭگۈزلۈك بۇغا، ئارقار، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار.

كان بايلىقى

ھاك تاش بايلىقى مول، بازار كارخانىلىرى ئىچىدە، ھاك تاش ئىشلەپچىقىرىش سالمىقى خېلى زور، تەۋەسىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى 10 ھاك خۇمدىنى بار بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 16500 توننا.

يەر بايلىقى

ئېگىنبۇلاق يېزىسىيېزا ئىگىلىكىنى يېتەكچى كەسىپ، چارۋىچىلىق، زەمبۇرۇغ سەي، باقمىچىلىق قاتارلىقلارنى كەسىپلەرنى ئاساس قىلىنغان. يېزا بويىچە ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5.59 مىڭ مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرغاق تاغلىق يەر كۆلىمى 36648 مو (بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇلغان يەر كۆلىمى 7580 مو)، سۇغىرىلىدىغان يەر كۆلىمى 11672 مو.

شىمالىي قىسمى سېرىق توپىلىق ئېدىرلىق، كۆپرەكى قارا تۇپراق، قوڭۇر سېرىق تۇپراق، بوز تۇپراق بولۇپ، بۇغداي، پۇرچاق، قىچا، ياڭيۇ قاتارلىق زىرائەتلەرنى  تېرىشقا باب كېلىدۇ.

يېزا بويىچە جەمئىي 1757 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 7249 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە: خەنزۇلار 7211 ئادەم، قازاقلار 24 ئادەم، خۇيزۇلار 14 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.5 نى ئىگەللىگەن.

ئىگېنبۇلاق يېزىسى قارمىقىدا يەتتە مەمۇرىي كەنت، يېزىلىق پارتكوم قارىمىقىدا 5 پارتىيە باش ياچېيكىسى، 25 پارتىيە ياچېيكىسى، 360 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، بۇنىڭ ئىچىدە 72 نەپەر ئايال پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %20 نى ئىگەللىگەن.

دېھقان-چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى 306 نەپەر بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %85 نى ئىگەللىگەن، 35 ياشتىن تۆۋەن پارتىيە ئەزاسى 66 نەپەر بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %18.3 نى ئىگەللىگەن، 60 ياشتىن يۇقىرى پارتىيە ئەزاسى 111 نەپەر بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %30.8 نى ئىگەللىگەن.

يېزا بويىچە «ئۈچ پېشقەدەم»لەر جەمئىي 102 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە: «پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى» 94 نەپەر، «پېشقەدەم كادىر» يەتتە نەپەر، «پېشقەدەم نەمۇنىچىلار» 1 نەپەر.

ئىگېنبۇلاق يېزىلىق پارتكوم، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى نىشان، بازىرىنى يېتەكچى قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، چارۋىچىلىق ئىقتىسادىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرغان.

ئومۇمىي كىرىمى

2006-يىلى، يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 4904 مىڭ يۈەن بولۇپ، 2005-يىلىدىكىدىن 207 مىڭ يۈەن كۆپىيىپ، %4.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا ئىگىلىك كىرىمى 1957 مىڭ يۈەنگە، چارۋىچىلىق كىرىمى 1120 يۈەنگە، 2-، 3-كەسىپ كىرىمى 1827 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم 3991 يۈەنگە يەتكەن، 2005-يىلىدىكىدىن 270 يۈەن كۆپىيىپ، %7.3 ئاشقان.

سانائەت كىرىمى

سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 1697 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %10 ئاشقان. سانائەت قوشۇلما قىممىتى 905 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %0.9 ئاشقان.

يېزا-بازار كارخانا كىرىمى

يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1986 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ساپ پايدىسى 189 مىڭ يۈەن بولغان.

ئېگىنبۇلاق يېزىسىبىر يىلدا بىناكارلىق كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 410 مىڭ يۈەن، بىناكارلىق كارخانىلىرى سالغان ئۆي-ئىمارەت كۆلىمى 49200 كۋادىرات مېتىر، پۈتكەن ئۆي-ئىمارەت كۆلىمى 49200 كۋادرات مېتىرغا يەتكەن.

تۇراقلىق مۈلۈك

جەمئىيەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈكى 566 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي قۇرۇلۇشقا سېلىنغىنى 403 مىڭ يۈەن، يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشكە سېلىنغان مەبلەغ 163 مىڭ يۈەن بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#