تام كروس

تام كروس

تام كروس (توماس كروس ماپوزېر) 1962-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىسى، داڭلىق كىنو چولپىنى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تام كروس
باشقا نامى Tom Cruise
يۇرتى نيۇيورك شەھىرى
يۇلتۇز تۈركۈمى سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمى
قان تىپى O تىپلىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 汤姆·克鲁斯
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1962-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 173 سانتىمېتىر
كەسپى كىنو ئارتىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تام كروستام كروس، تولۇق ئىسمى توماس كروس ماپوزېر، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولۇپ، 1962-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇغۇلغان.

تام كروس دۇنيا كىنو تاماشىبىنلىرى قاتارىدا سانىلىدىغان ئۇيغۇر كىنو تاماشىبىنلىرىغىمۇ خېلىلا تونۇشلۇق. ئۇ رول ئالغان فىلىملەر تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقى، ۋەقەلىكىنىڭ تولىمۇ جىددىيلىكى، ئىپادىلىگەن مەزمۇنىنىڭ ماكان، زامان ۋە ئىنسان تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ كەتكەنلىكى، فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئاجايىپ-غارايىبلىقى، خەتەرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ كۆپلۈكى، يارىتىلغان بېلەت كىرىمنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرىلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار ئارقىلىق ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. تام كروس رول ئالغان فىلىملەرنى كۆرگەن ھەربىر كىنو مەستانىسى بۇ نۇقتىلارنى ھېس قىلماي قالمايدۇ. 

تام كروستام كروس 1986-يىلى «بۈيۈك مەقسەت» ناملىق فىلىمدە رول ئالىدۇ، ئۇ، بۇ فىلىمدە بىر ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسىنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئامېرىكىدىكى بارلىق ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ چوقۇنغۇچىسىغا ئايلىنىدۇ. 1988-يىلى ئىشلەنگەن «يامغۇردىكى ئادەم»، 1989-يىلى ئىشلەنگەن «4-ئىيۇل تۇغۇلۇش» قاتارلىقلار فىلىملەردە رول ئېلىش جەريانىدا فىلىملەردە ئۇنىڭ مۇستەقىل رول ئېلىش تالانتى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىدۇ. 1986-يىلى ئىشلەنگەن «بۈيۈك مەقسەت» ناملىق فىلىمدىن باشلاپ، تام كروس بېلەت كىرىمى جەھەتتە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە ئەر ئارتىسقا ئايلىنىدۇ. ياشلارنىڭ قەلبىدىكى چوقۇنغۇچىدىن كىنو مۇنبىرىدىكى گىگانت چولپانغا ئايلانغۇچە ئۇ مەيلى ئېكراننىڭ ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن، ئۇنىڭ گىگانت چولپانلىق ئورنى تەۋرەپ قالمايدۇ.

تام كروستام كروس ھازىرغىچە 1986-يىلى ئىشلەنگەن «بۈيۈك مەقسەت (1-قىسىم)»، 1988-يىلى ئىشلەنگەن «يامغۇردىكى ئادەم»، 1996-يىلى ئىشلەنگەن «مۇمكىن بولماس ۋەزىپە (1-قىسىم)»، 2000-يىلى ئىشلەنگەن «مۇمكىن بولماس ۋەزىپە (2-قىسىم)»، 2003-يىلى ئىشلەنگەن «ئەڭ ئاخىرقى جەڭچى»، 2005-يىلى ئىشلەنگەن «مۇمكىن بولماس ۋەزىپە (3-قىسىم)»، 2008-يىلى ئىشلەنگەن «ۋالكيرا»، 2008-يىلى ئىشلەنگەن «گىتلېرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش»، 2008-يىلى ئىشلەنگەن «تىروپىك بەلباغدىكى گۈلدۈرماما»، 2010-يىلى ئىشلەنگەن «بۈيۈك مەقسەت (2-قىسىم)»، 2010-يىلى ئىشلەنگەن «خەتەرلىك جاسۇسلۇق ئۇرۇشى»، 2010-يىلى ئىشلەنگەن «چىڭقى چۈشتىكى چەۋەنداز»، 2011-يىلى ئىشلەنگەن «مۇمكىن بولماس ۋەزىپە (4-قىسىم)»، 2013-يىلى ئىشلەنگەن «يوقالغان چېگرا» قاتارلىق كۆپلىگەن فىلىملەردە باش رول ئالغان.  

ئۇ باش رول ئالغان فىلىملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولۇپ، يۇقىرى بېلەت كىرىمى يارىتىپ كېلىۋاتىدۇ. 

تام كروس2000-يىلى 57-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى.

1997-يىلى 54-نۆۋەتلىك مۇزىكىلىق كومېدىيە تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى.

1990-يىلى 47-نۆۋەتلىك ۋەقەلىك تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى.

2005-يىلى 10-نۆۋەتلىك ئالاھىدە سەنئەت مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى.

2002-يىلى 28-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى.

2012-يىلى 21-نۆۋەتلىك ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان ئويۇن كۆرسىتىش مۇكاپاتى.

2014-يىلى 16-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ھەرىكەت تەۋەككۈلچى ئەر كىنو ئارتىسى قاتارلىق كۆپ خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#