لانىنا ھادىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لانىنا ھادىسىلالىنا - ئىسپان تىلىدىكى Lalina سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇخىل ھادىسە يۈز بەرگەندە ئوتتۇرا شەرىق تىنىچ ئوكياننىڭ ئېكۋاتور رايۇنىدىكى ئوكيان يۈزىدە «ئېرنىنو» بىلەن قارىمۇقارشى ھالدا تېمپېراتۇىدا ھەددىدىن زىيادە تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مېتىېئورولوگىيە ساھەسىدىكىلەر بۇ خىل ھادىسىىنى «قارشى ئېرنىنۇ» دەپ ئاتىغان. ئېرنىنو ھادىسىسى «مۇقەددەس بوۋاق» ياكى «تەڭرىنىڭ ئوغلى» بولغانىكەن، لالىنا تەبىئىي ھالدا «مۇقەددەس قىز» دەپ ئاتالغان.
لالىنا داۋاملىق ئېرنىنۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كىلىدۇ، مەسىلەن: 1997 - 1998 - يىللىرىدا كۈچلۈك ئېرنىنۇ ھادىسىسى يۈز بەگەن. 1998-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخرىغا كەلگەندە بولسا لالىنا شۇنىڭدىن ئۇلىشىپلا يۈز بەرگەن. لالىنا يۈز بەرگەندە، گەرچە ئېرنىنودەك پۈتۈن دۇنيانى قالايمىقان قىلىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا دۇنياغا تىنىچسىزلىق ئېلىپ كەلگەن.
ئېرنىنو بىلەن لالىنا بەئەينى بىر چاتاقچىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار پۈتۈن دۇنيانى خاتىرجەمسىز قىلىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «يىرگىنچلىك ئاكا-سىڭىل» دەپ ئاتىغان.
لانىنا ھادىسىلالىنانىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى بىلەن ئېرنىنونىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى تىروپىك بەلباغ شەرىق شامىلى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچتىيپ، ئېكۋاتوردىكى تىنىچ ئوكياننىڭ شەرقىي، ئوتتۇرا قىسملىرىنىڭ سىرىتقى يۈزىدىكى ئىللىق سۇ شىددەت بىلە شەرىققە قاراپ ئېقىپ، چوڭقۇر قاتلامدىكى سۇنىڭ يۇقىرغا ئۆرلىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تىنىچ ئوكياننىڭ غەربىدىكى سۇ تېخىمۇ ئىسسىپ كېتىدۇ، شەرىقى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدىكى سۇ بولسا تېخىمۇ سوۋۇپ كېتىدۇ، يۇقىرىقىلار بولسا مېتېئورولوگىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ لالىنا ھادىسىسىگە بەرگەن چۈشەندۈرۈشى.
لالىنا نېمە ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانى قالايمىقان قىلالمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، لالىنا ئەسلىدە بار بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئاندىن كۈچىيىپ بارىدۇ، ئېكۋاتوردىكى تىنىچ ئوكياننىڭ غەربىي تېخىمۇ ئىسسىق، شەرقىي قىسمىنى تېخىمۇ سوغۇق قىلىدۇ. خالاس، ئۇندىن باشقا بىۋاستە تەسىرى بولسا، غەربىي تىنىچ ئوكياندا بولسا تۆۋەن ئېقىمى تېخىمۇ كۈچلۈك، يامغۇر ئازراق بولىدۇ. لالىنانىڭ پۈتۈن ئاتموسفېرا ئايلانما ئېقىمىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان خارەكتىرى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ۋاستىلىك ھالدا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەرگىزمۇ ئېرنىنوغا يەتمەيدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.