مۇررەككەپ كاسىن جەۋھىرى
مۇرەككەپ كاسىن جەۋھىرى جىگەر توسالغۇلىرىنى ئېچىش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش تەسىرگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ دورا جىگەر رەڭلىك دانىچە بولۇپ، تەمى ئازراق تاتلىق.
يۇقۇرىقى 8 خىل دورىنى چالا سوقۇپ ،مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ 4~8 سائەت چىلاپ،بىر سائەتتىن 2 قېتىم قاينىتىپ،سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق قۇيۇلدۇرۇپ،شېكەر قوشۇپ دانىچىلاپ، قۇرۇتۇپ 1000g دانىچە تەييارلىنىدۇ.
بۇ دورا جەۋھەر ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل، قوشۇمچە IC) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
بۇ دورىدىن20g ئېلىپ ئېزىپ، 50ml ئېتىل ئېفىر قوشۇپ،ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 20 مىنۇت بىر تەرەپ قىلىپ،سۈزۈپ ، سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى پارلاندۇرۇپ قۇرتۇپ،قالدۇقىنى 1ml مېنتانولدا ئېرىتىپ،سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ.قىزىل گۈل سېلىشتۇرما دورىسىدىن 2g ئېلىپ، 10ml ئېتىل ئېفىر قوشۇپ 30 مىنۇت چالغىتىپ سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمە سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى قىلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويىچە يۇقۇرىقى سىناق ئېرىتمىدىن µl10، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسىدىن µl5شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ،(17∶3) سېكلو ھېكسان-ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %5 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسى پۈركۈپ، داغ توچكۇلىرىنىڭ رەڭگى ئېنىق كۈرۈنگۈچە ℃105 لىق ھارارەتتە قاقلىنىدۇ. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردا، سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.