باش سۈيى كۆپ بولۇش كېسىلى

باش سۈيىنىڭ كۆپ بولۇشى

باش سۈيىنىڭ كۆپ بولۇشىنى شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقى، بالا ھەمرىيى ۋە كىندىك بېغىشىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى ۋە باشقا سىرتىقى ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.  

جۇڭيى تىبابىتى نامى باش سۈيى كۆپ بولۇش كېسەللىكى
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈمى
خەنزۇچە نامى 羊水过多
يۇقۇملىنىشى يوق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باش سۈيىنىڭ كۆپ بولۇشىنورمال، ئاي-كۈنى توشقان ھامىلىدارلىقتا باش سۈيى 1000ml ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر باش سۈيى مىقدارى 2000ml دىن كۆپ بولۇپ كەتسە، بۇ باش سۈيى كۆپىيىش دەپ ئاتىلىدۇ.

باش سۈيىنىڭ كۆپ بولۇشى1.شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلىنىڭ ئەزا توقۇلمىلارنىڭ روشەن ئاناتومىيىلىك ھالىتى شەكىللىنىش جەريانىدا ھەر خىل ئامىللار نەتىجىسىدە، شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەت ئاجىزلاپ كەتسە ئوزۇقلۇق ماددىلار ئەزا-توقۇلمىلارغا ياخشى ئۆزلىشەلمەي، ھامىلە ئەزا توقۇلمىلىرىدا غەيرىلىك كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: مېڭىسىز ھامىلە، ئومۇرتما تۈۋرۈكى يېرىقى، مېڭە پەردىسى پولتىيىپ چىقىش قاتارلىقلاردا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ يۇتۇش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇش، رېفلېكىسى يوقىلىش ياكى سۈيدۈك ھەيدەشكە قارشى ھورموننىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك باش سۈيى كۆپىيىدۇ. ھامىلىنىڭ ھەزىم يولىدىكى غەيرىلىكلەر بولۇپمۇ قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى، كىچىك ئۈچەي توسۇلۇشىمۇ ھامىلىنىڭ يۇتۇش خىزمىتىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ باش سۈيى كۆپىيىدۇ.

2. بالا ھەمرىيى ۋە كىندىك بېغىشىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: بالا ھەمرىيى تىۋىتلىك پەردە قان تومۇر ئۆسمىسى، يەلكەنسىمان كىندىك بېغىشى چاپلىشىپ قالغان ۋاقىتتىمۇ باش سۈيىدە كۆپىيىش بولىدۇ.

3. باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قوشكېزەك ھامىلىدارلىقتا يەككە ھامىلىدارلىقتىكىگە قارىغاندا باش سۈيى نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ، ھامىلىدارلىققا دىئابىت كېسىلى قوشۇلۇپ كەلگەندە باش سۈيى قېپى بىلەن باش سۈيىدىكى شېكەرنىڭ غىدىقلىنىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئاجراتما ماددىلار كۆپ بولۇش نەتىجىسىدە باش سۈيى كۆپىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدار ئاياللار تېنىدە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك پەيدا بولغان چاغدىمۇ باش سۈيى زىيادە كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن: پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىق، بۆرەك كېسەللىكى، يۈرەك كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار. تۈرى: كېسەللىك پەيدا بولۇش ۋاقتى ۋە سۈرئىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك باش سۈيىنىڭ كۆپىيىشى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.

1.ئۆتكۈر خاراكتېرلىك باش سۈيى زىيادە كۆپىيىش. بۇ كۆپىنچە ھامىلىدارلىقنىڭ 5 −، 7-ئايلىرىدا پەيدا بولىدۇ. كېسەل جىددىي پەيدا بولۇپ ئالامەتلىرى ئېغىر ئۆتىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بالىياتقۇ تۇيۇقسىز يوغىناپ ئاي، كۈنى توشقان ھامىلىدارلىققا ئوخشاپ قالىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن زورىيىپ كېتىدۇ. ئورگانىزم ئۇنىڭغا ماسلاشمىغانلىقتىن قورساق چىڭقىلىپ ئاغرىش، بەل-پۇت ئاغرىش؛ دىئافراگما يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكتىن يۈرەك سېلىش، دېمى سىقىلىش، ئوڭدىسىغا ياتالماسلىق؛ ۋېنا قېنىنىڭ قايتىشى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن ئىككى پۇتى، سىرتقى جىنسىي ئەزاسى، قورساق دىۋارى ئىششىش؛ ئاشقازان-ئۈچەيلەر بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، قۇسۇش، قەۋزىيەت بولۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. 2.سوزۇلما خاراكتېرلىك باش سۈيى زىيادە كۆپىيىش. بۇ كۆپىنچە ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پەيدا بولىدۇ. باش سۈيىنىڭ كۆپىيىشى ئاستا بولغانلىقتىن ھامىلىدار ئاياللار كۆپىنچە ئۇنىڭغا ماسلىشىدۇ، شۇڭا ئالامەتلىرى بىرقەدەر يېنىك بولىدۇ. باش سۈيى كۆپ بولۇشتا قورساق ناھايىتى چوڭىيىپ، ھامىلىنىڭ ئورنى ئېنىق بولماي، يۈرەك تاۋۇشى بوش ھەم يىراقتىن ئاڭلىنىدۇ، ھەتتا ئاڭلانمايدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. بۇنىڭدا ھامىلىدار ئايالدا تۇغما خاراكتېرلىك كېسەللىك، دېئابىت كېسەللىكى، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىق، بۆرەك، يۈرەك كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىش تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە قورساق چىڭقىلىپ ئاغرىش، بەل، پۇت ئاغرىش، دېمى سىقىلىش، ئىككى پۇتى، سىرتقى جىنسىي ئەزاسى ۋە قورساق دىۋارى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

2. بەدەن بەلگىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. بۇنىڭدا قورساق ناھايىتى چوڭىيىپ، ھامىلىنىڭ ئورنى ئېنىق بولمايدۇ. ھامىلىنىڭ يۈرەك تاۋۇشى بوش ھەم يىراقتىن ئاڭلىنىدۇ ياكى ئاڭلانمايدۇ.

باش سۈيىنىڭ كۆپ بولۇشى3. B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندە ھامىلە بالىياتقۇ بوشلۇقىدا ئاز ئورۇننى ئىگىلىگەن بولىدۇ. ھامىلىنىڭ مۈچىلىرى ئەركىن ھالەتتە باش سۈيىدە لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

قوشكېزەك ھامىلىدارلىقىدىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. قوشكېزەك ھامىلىدارلىقتا يۈرەك ھەرىكىتى ئىككى ئورۇندا ئوخشىمىغان رىتىمدا ئاڭلىنىدۇ. تۇتۇپ تەكشۈرگەندە ھامىلىنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ كۆپ ياكى كۆپ ئەمەسلىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرىلىدۇ. ئەگەر ئايرىش قىيىن بولسا B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتى ئارقىلىق ۋە رېنتگېندە تەكشۈرۈش ئارقىلىق پەرقلەندۈرىلىدۇ.

ھامىلىدارلىق دەۋرىدە دائىم ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى ئالامىتى (ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى)، ھامىلە جايلىشىشىنىڭ نورمالسىزلىقى ۋە بالدۇر تۇغۇش قوشۇلۇپ كېلىدۇ، تۇغۇت دەۋرىدە ھامىلە پەردىسى يىرتىلغاندىن كېيىن كىندىك بېغىشى چىقىپ قالىدۇ ۋە بالا ھەمرىيى بالدۇر سۇيىلىدۇ. بالىياتقۇ ناھايىتى كېرىلىپ كەتكەنلىكتىن بالىياتقۇ قىسقىرىشى ئاجىزلىشىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناش قاتارلىقلار ئاسانلا پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئەتراپ قان ئايلىنىش زەئىپلەشكەنلىكتىن تۇغۇتتىن كېيىن شۇك بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلە كۆپىنچە ئۆلۈپ قالىدۇ. بىر تەرەپ قىلىش: باش سۈيى كۆپىيىشتە ھامىلىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %28 بولۇپ، بۇ ھامىلىدارلىقنى بىر تەرەپ قىلىش ھامىلە غەيرىلىكنىڭ بولۇش-بولماسلىقى، ھامىلىدار ئايال تېنىدىكى كېسەللىكنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر ھامىلىدە غەيرىلىك بولسا دەرھال سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلىنى چۈشۈرۈش ياكى ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش لازىم. غەيرىلىك بولمىسا باش سۈيىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك زىيادە كۆپىيىشىدە تۇزسىز يېمەكلىكلەرنى بېرىش، تىنچلاندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بىلەن ئالامىتىگە قارىتا قارىتا چارە قىلىش، ئىمكانقەدەر ھامىلىدارلىق ۋاقتىنى ئۇزارتىش لازىم. باش سۈيىنىڭ ئۆتكۈر خاراكتېرلىك زىيادە كۆپىيىشىدە بىماردا نەپەس قىيىنلىشىش خاراكتېرلىك بېسىلىش بەلگىلىرى بولغاندا بىمارنى يېرىم ئولتۇرغۇزۇش ھالىتىدە ياتقۇزۇش، كېسەللىك بەلگىلىرى ئېغىر بولغانلىرىدا ھامىلە پەردىسىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا يېرىپ بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى ئىشلەش لازىم (بەزىلەر قورساق باش سۈيىنىڭ بىر قىسمىنى تارتىپ چىقىرىپ باش سۈيى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئاندىن ھامىلە پەردىسىنى يىرتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ). ھامىلە قېپى يىرتىلغاندىن كېيىن يەنىلا تولغاق كەلمىسە، يىڭنە سانجىش ياكى بالىياتقۇنى قىسقارتقۇچى دورىلارنى بېرىش ئارقىلىق تولغاق كەلتۈرۈش ۋە يۇقۇملىنىشقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى ئىشلەش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1205

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/196996.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#