شاتۇتى
تۇتىقۇش تۈرلىرى ئاساسلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلباغ ۋە تىروپىك بەلباغنىڭ ھەرقايسى رايۇنلىرى، مېۋىلىك باغ، ئېتىز - ئېرىق ۋە بىپايان ئوتلاق قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۇتىقۇش تۈرلىرى ئاساسلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلباغ ۋە تىروپىك بەلباغنىڭ ھەرقايسى رايۇنلىرى، مېۋىلىك باغ، ئېتىز - ئېرىق ۋە بىپايان ئوتلاق قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ. تاغلىقلاردا شاتۇتىنىڭ تۈرى بىر قەدەر ئاز، مەسىلەن ، پاپۇئا بالخور تۇتى، جون جەمەتى بالخور تۇتى، جۇڭگونىڭ يېشىل تۇتى قاتارلىقلار بار. ئۇلار ئادەتتە جورىسى ۋە جەمەت شەكىللەنگەن كىچىك توپ بولۇپ، ئورمانلىقتا دەرەخ ئۈستىدە ئاساسلىق دەرەخ كامىرىنى ئۇۋا ياساپ چېكەتكە، يۇمران يوپۇرماق قاتارلىقلارنى ئۇزۇقلۇق قىلىپ ياشايدۇ. شاتۇتىنىڭ تەڭداشسىز گۈزەل پەيلىرى ، ئادەم تىلىنى ئۈگۈنەلەيدىغان ئالاھىدىلىكى بولغاچقا ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن زوقلۇنىدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ . شاتۇتى « قۇشلار گۈزىلى » دېيىلىشكە مۇناسىپ . ئۇلارنىڭ ئۇچلۇق تۇمشۇقى ۋە ئۆتكۈر پۇت تىرناقلىرى بولۇپ ، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ پوستىنى ئاجرىتىپ يىيەلەيدۇ . چىشى ۋە ئەركەك شاتۇتىلار جۈپ بولۇپ بىرگە ياشاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئايرىلمايدۇ .
شاتۇتىنىڭ تەقلىدىي ئاۋاز چىقىرىش تالانتى بولۇپ ، ئۇ ئاڭلىغان ئاۋازنى دورىيالايدۇ . مەسلەن، تېلىفۇن سېگنالى، ئادمنىڭ سۆزلىگەن سۆزى ، ئېيىتقان ناخشىنىڭ ئاۋازى ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ ئاۋازى قاتارلىقلار. ئىنسانلارنىڭ ئالاھىدە مەشىق قىلدۇرۇشى ئارقىلىق شاتۇتى قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلىپلا قالماي، يەنە تېخى ئادەملەرنى دوراپ گەپ قىلالايدۇ. ئەسلىدە شاتۇتىنىڭ كېكىردىكىدىكى ئاۋازنى كونترول قىلىدىغان مۇسكۇلىلرى ئاھالىدە تەرەققىي قىلغاچقا ،ئاۋازنى ئوچۇق چىقىرالايدۇ. شاتۇتىنىڭ تىلى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە. يۇمشاق ھەمدە ھەرىكەتچان بولغاچقا ،ئاجايىپ-غارايىپ ئاۋازلارنى چىقىرالايدۇ. شاتۇتنىڭ ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى ياخشى، ئادەملەرنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازىنى ئەينەن دورالايدۇ. شاتۇتىغا سۆزلەشنى مەشىق قىلدۇرغاندا، ئادەتتە تاڭ سەھەر ۋاقتىنى ياكى تىنىچراق مۇھىتنى تاللاش كېرەك. دەسلىپىدە <<ياخشۇمۇ>>، <<قارشى>> دېگەنگە ئوخشاش ئاددي ، قىسقا جۈملىلەردىن باشلاش كېرەك. ھەر كۈنى ئوخشاش بىر سۆزنى ياكى تەكرار ئۆگىتىۋەرگەندە، ئۇ بىر جۈملە سۆزنى بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئۆگىنىپ بولالايدۇ.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.