ياغاچ قاچا-قۇچىلار

  قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا خەلقىمىزنىڭ قول ھۈنەر–سەنئىتىدە ياغاچ ئويمىچىلىق ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ياغاچ قاچا–قۇچا ئويمىچىلىقى بۇ ھۈنەرنىڭ تەركىبىي قىسمىدۇر.

ئۇيغۇرچە نامى ياغاچ قاچا-قۇچىلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياغاچ قاچا قۇچىلار قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا خەلقىمىزنىڭ قول ھۈنەر–سەنئىتىدە ياغاچ ئويمىچىلىق ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ياغاچ قاچا–قۇچا ئويمىچىلىقى بۇ ھۈنەرنىڭ تەركىبىي قىسمىدۇر. ئىلگىرىكى زامانلاردا پولات تاۋلاش، مىس كانلىرىنى ئېچىش تەرەققىي قىلمىغاچقا، تۇرمۇشىمىزدا مىس ۋە تۆمۈردىن ياسالغان بۇيۇملار يوق دېيەرلىك ئىدى. شۇڭا، ئەقىل – پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز تائام تەييارلاش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقا كېرەكلىك بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ساپال قاچىلارغا ئوخشاش ماتېرىيال مەنبەسى مول، تەننەرخى ئەرزان ياغاچ بۇيۇملارنى ئىجاد قىلغان. گەرچە بۈگۈنكى دەۋردە بۇ ياغاچ بۇيۇملارنىڭ ئورنىنى تۆمۈر، مىس، تۇچ، سولياۋ، خىرۇستال، پارپۇر بۇيۇملار ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىكى ئاشۇ دەۋرلەردە بۇ ياغاچ بۇيۇملار خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بۇيۇملار ھېسابلىناتتى.

ئادەتتە بۇ ياغاچ قاچا – قۇچىلار ئۈجمە، چىلان، جىگدە، ئالما، نەشپۈت، بىھى قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخ ۋە توغراق، قاپاق تېرەك قاتارلىق چىدامچانلىقى كۈچلۈك دەرەخلەرنىڭ ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. ھازىرقى پىيالە، تەخسىنىڭ ئورنىدا ياغاچ ئاياق، ياغاچ تاۋاقلار ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇلاردا تاماق ئاسان سوۋۇيدۇ، قول كۆيمەيدۇ ھەم ئاسان چېقىلىپ كەتمەيدۇ. ياغاچ تەڭنە ھازىرقى سۇلياۋ، قەلەي، تۆمۈر، مىس قاتارلىق ماتېرىياللاردىن ئىشلەنگەن تەلەڭگە (داس) ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.

 ئۇ ئېغىر ھەم چىداملىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا خېمىر يۇغۇرۇش قولاي ھەم ئاسان، خېمىرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يۇغۇرغىلى بولىدۇ. ياغاچ تەڭنىنىڭ يەنە بىر مۇھىم رولى ئۇنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنىڭدا خېمىر بولدۇرغاندا خېمىر تۆۋەن تېمپېراتۇردىمۇ ئاسان بولىدۇ ھەم خېمىرنىڭ تەمى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. ياغاچ قوشۇق ۋە ياغاچ چوكىدا تاماق يېگەندە ئېغىز كۆيمەيدۇ، دائىم قىزىق تاماق يېيىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

ياغاچ قاچا  قۇچىلارياغاچ ئاشتاختا (ئۇنتاختا)، نوغۇچ قاتارلىقلار چۆپ يېيىش، كېسىشتە ئىشلىتىلدىغان ئەپچىل بۇيۇملار بولۇپ، بۇلاردا يېيىپ – كىسىپ ئەتكەن ئۈگرە، چۆچۈرە، تۈگۈر، مانتا قاتارلىق تاماقلارنىڭ ئەسلىي تەركىبى ساقلىنىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، مىجەزى سوغۇق، ياشانغان كىشىلەر ۋە بالىلارغىمۇ ياقىدۇ. ياغاچ پەشخۇن، دۆشە قاتارلىقلار كۆكتات، گۆش توغراش، پارچىلاش ۋە ئۇن تائاملىرىنى تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. تال چويلا، تەۋەڭ، سېۋەتلەر سۆگەت، يۇلغۇن قاتارلىقلاردىن توقۇلىدۇ. بۇلاردىن باشقا چەككۈچ، ياغاچ قاسقان، ياغاچ تۇۋاق، ياغاچ چۆمۈچ ۋە چالغۇچ قاتارلىقلارمۇ تۇرمۇشىمىزدا مۇھىم رول ئوينىغان.

ياغاچ سوغا (ياغاچ چېلەك) سۇ توشۇش ۋە سۇ ساقلاشتا مۇھىم ھەم ئەپچىل بۇيۇم بولۇپ، ئىككى ياكى تۆت سوغىنى بىرلا ۋاقىتتا ئات ياكى ئېشەككە ئارتىپ ياكى ھارۋىغا بېسىپ سۇ توشۇغاندا ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ. بىر قېتىمدىلا يېتەرلىك سۇ ئېلىپ كەلگىلى ھەم ئاغزى ئېتىۋېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن چايقىلىپ سۇنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى سۇنى پاكىز، سوغۇق ساقلىغىلى بولىدۇ.

ياغاچ ساندۇق (ئۆرە ساندۇق ياكى كات ساندۇق) يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇ بۇغداي، قوناق ياكى ئۇن قاتارلىقلارنى ساقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ياغاچ ساندۇقتا ساقلىغان ئاشلىقلار ئۇزاققىچە بۇزۇلمايدۇ. چاشقان ۋە باشقا زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ زىيىنىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇڭا دېھقانلار ھېلىھەم ئۇنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.

گەرچە، بۈگۈنكى كۈندە پەن – تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ تۇرمۇشىمىزدا ياغاچ قاچا – قۇچىلارنى ئىشلىتىش ئازىيىۋاتقان بولسىمۇ، نۇرغۇنلار يەنىلا ئۇنى ئىشلىتىپ ۋە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلمەكتە.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#