جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى» 1996–يىلى 8–ئاينىڭ 29–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1996–يىلى 8–ئاينىڭ 29–كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 1996–يىلى 12–ئاينىڭ 1–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国煤炭法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó méi tàn fǎ
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2013–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى
تۈزىتىش كىرگۈزۈش قېتىم سانى 2 قېتىم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى» كۆمۈر بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (45–نومۇرلۇق)

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى) غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2011–يىلى 4–ئاينىڭ 22–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2011–يىل 7–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2011–يىلى 4–ئاينىڭ 22–كۈنى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى:

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى»غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

44-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «كۆمۈركان كارخانىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قانۇن بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇپ، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، كارخانىنىڭ قۇدۇق ئاستى مەشغۇلاتى قىلىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇپ، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ».

بۇ قارار 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى» بۇ قارارغا ئاساسەن تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

1996-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ «قىسمەن قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1-قېتىم تۈزىتىلگەن.

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20-يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 2-قېتىم تۈزىتىلگەن.

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن كۆمۈر بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتى قىلىشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا كۆمۈر بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. دۆلەتنىڭ يەر ئۈستى ياكى يەر ئاستى كۆمۈر بايلىقىغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى شۇ بايلىق جايلاشقان يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.

4-ماددا دۆلەت كۆمۈر ئېچىشتا بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ.

5-ماددا دۆلەت كۆمۈر بايلىقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، كۆمۈر بايلىقىنى قالايمىقان ئېچىپ ۋە قېزىپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان ھەرقانداق قىلمىشنى مەنئى قىلىدۇ.

6-ماددا دۆلەت كۆمۈر بايلىقىنى قانۇن بويىچە مەبلەغ سېلىپ ئاچقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

دۆلەت ئۆز ئىلكىدىكى كۆمۈركانلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

دۆلەت يېزا-بازار كۆمۈركانلىرىنى يۆلەش، ئۆزگەرتىش، تەرتىپكە سېلىش، بىرلەشتۈرۈش، يۈكسەلدۈرۈش فاڭجېنىنى قوللىنىپ، مۇنتىزىم، مۇۋاپىق ئاچىدۇ ۋە تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرىدۇ.

7-ماددا كۆمۈركان كارخانىلىرى بىخەتەرلىك بىرىنچى، ئالدىنى ئېلىش ئاساس دېگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ھەممەيلەن ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى شەرت.

8-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە كۆمۈركان كارخانىلىرى تەدبىر قوللىنىپ ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىپ، كۆمۈركان ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى شەرت.

دۆلەت قۇدۇق ئاستى مەشغۇلاتى قىلىدىغان كۆمۈركان ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ قوغدايدۇ.

9-ماددا دۆلەت كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشتا ئىلغار پەن-تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

كۆمۈركان كارخانىلىرى ئىگىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

10-ماددا دۆلەت كۆمۈركان رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى، خىزمەت تەرتىپىنى ساقلايدۇ، كۆمۈركان كارخانىلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى قوغدايدۇ.

11-ماددا كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشتا، مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، بۇلغىنىش ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش لازىم.

12-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆمۈرچىلىك ساھەسىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كۆمۈرچىلىك ساھەسىنى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى كۆمۈرچىلىك ساھەسىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

13-ماددا كۆمۈركان ئىدارىسى دۆلەت كۆمۈركان كارخانىسى بولۇپ، مۇستەقىل قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە.

كان ئىدارىلىرى، باشقا مۇستەقىل قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولغان كۆمۈركان كارخانىلىرى ۋە كۆمۈر تىجارىتى كارخانىلىرى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرىدۇ، پايدا-زىيانغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ. ئۆز-ئۆزىنى چەكلەپ تۇرىدۇ. ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

2-باب كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يىرىك پىلانى ۋە كۆمۈركان قۇرۇلۇشى

14-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى مەملىكەتنىڭ قېزىلما بايلىقنى چارلاش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى چارلاش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قېزىلما بايلىق يىرىك پىلانىدىكى كۆمۈر بايلىقىغا ئاساسەن، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى مەملىكەتنىڭ قېزىلما بايلىق يىرىك پىلانىدىكى كۆمۈر بايلىقىغا ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ ھەم گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

16-ماددا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تۈزۈش ھەم ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈش لازىم.

17-ماددا دۆلەت ئېتىبار سىياسىتى تۈزۈپ، كۆمۈر سانائىتى تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، كۆمۈركان قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كۆمۈركان قۇرۇلۇشى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يىرىك پىلانى ۋە كۆمۈرچىلىك كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

18-ماددا كۆمۈركان كارخانىسى قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش لازىم:

(1) كۆمۈركان قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى ياكى قېزىش لايىھەسى بولۇش؛

(2) قېزىش پىلانلانغان كان رايونى دائىرىسى، قېزىش دائىرىسى ۋە بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش لايىھەسى بولۇش؛

(3) قېزىشتا كېرەكلىك گېئولوگىيەلىك، گېئودېزىيەلىك، ھىدرولوگىيەلىك ماتېرىيال ۋە باشقا ماتېرىياللىرى بولۇش؛

(4) كۆمۈركانلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇن كان لايىھەسى بولۇش؛

(5) كۆمۈركان قۇدۇقىنىڭ مۇۋاپىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىپ مەبلىغى، ئۈسكۈنىسى ۋە تېخنىكا خادىملىرى بولۇش؛

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

19-ماددا كۆمۈركان كارخانىسى قۇرۇشتا كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىش شەرت؛ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەر ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە بىنائەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش شەرت.

كۆمۈركان كارخانىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا، گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقى كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ قېزىش دائىرىسى ۋە بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش لايىھەسىنى قايتا تەكشۈرىدۇ ھەم پىكرىنى يازىدۇ.

قۇرۇش تەستىقلانغان كۆمۈركان كارخانىسى تەستىق ھۆججىتىگە ئاساسەن گېئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقىدىن كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى ئالىدۇ.

20-ماددا كۆمۈركان قۇرۇلۇشىغا يەر ئېلىش مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. يەر ئالغۇچىلار قانۇن بويىچە يەر تولۇقلىما پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىما پۇلى بېرىشى، كۆچۈرۈلىدىغان ئاھالىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

كۆمۈركان قۇرۇلۇشىدا تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم.

يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆمۈركان قۇرۇلۇشىدا، قانۇن بويىچە يەر ئىشلىتىش ۋە ئاھالە كۆچۈرۈش ئىشىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى لازىم.

21-ماددا كۆمۈركان قۇرۇلۇشىدا كۆمۈر ئېچىش بىلەن مۇھىت تۈزەشنى تەڭ تۇتۇش لازىم. كۆمۈركان قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسىنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ ياساش، تەڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش شەرت.

3-باب كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۆمۈركان بىخەتەرلىكى

22-ماددا كۆمۈركان كارخانىسى كۆمۈركاننى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشتىن بۇرۇن، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى لازىم، كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ۋە بىخەتەرلىك شارائىتىنى تەكشۈرۈپ، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىشى لازىم.

كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالمىغانلارنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

23-ماددا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش لازىم:

(1) قانۇن بويىچە ئالغان كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بولۇش؛

(2) كان قۇدۇقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى دۆلەت بەلگىلىگەن كۆمۈركان بىخەتەرلىك قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(3) كان باشلىقى قانۇن بويىچە تەربىيەلىنىپ لاياقەتلىك بولغان، كان باشلىقىلىق سالاھىيەتنامىسى ئالغان بولۇش؛

(4) ئالاھىدە مەشغۇلاتچىلار قانۇن بويىچە تەربىيەلىنىپ لاياقەتلىك بولغان، مەشغۇلات سالاھىيەتنامىسى ئالغان بولۇش؛

(5) قۇدۇقنىڭ ئۈستى، ئاستى، كاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى راۋان بولۇش؛

(6) قۇدۇق ئۈستى، قۇدۇق ئاستى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەمەلىي ئۆلچەنگەن سېلىشتۇرما خەرىتىسى، قېزىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەكشىلىك خەرىتىسى، شاماللىتىش سىستېمىسى خەرىتىسى بولۇش؛

(7) قۇرۇلۇشى پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان، كۆمۈركاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەسلىھەسى ۋە مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى بولۇش؛

(8) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

24-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن كۆمۈركان كارخانىلىرىغا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ:

(1) گوۋۇيۈەن ۋە گوۋۇيۈەن كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلىدىغان كۆمۈركان كارخانىلىرى؛

(2) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىن ھالقىغان كۆمۈركان كارخانىلىرى.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قارشىلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە كىرمەيدىغان كۆمۈركان كارخانىلىرىغا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقىغا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بەرسە بولىدۇ.

25-ماددا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىشنى باشقۇرۇش ئورگىنى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

قانۇن بويىچە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالغان كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە ياكى ئىجارە بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

26-ماددا بىر قېزىش دائىرىسىدە كۆمۈر قېزىش ئىجازەتنامىسىنى تەكرار بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ.

كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ مۇددىتى توشقاندا ياكى تەستىقلانغان قېزىش دائىرىسى ئىچىدىكى كۆمۈر بايلىقى قېزىلىپ تۈگىگەندە، ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان ئۇنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ ھەم ئېلان چىقىرىدۇ.

كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ۋە بىخەتەرلىك شارائىتى ئۆزگىرىپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەي قالغانلىرىنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ ھەم ئېلان چىقىرىدۇ.

27-ماددا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئۆز رايونىنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

28-ماددا خەلق ئىگىلىكىدە مۇھىم قىممىتى بولغان ئالاھىدە كۆمۈر ياكى ئاز ئۇچرايدىغان كۆمۈرنى دۆلەت ئاسراپ قازىدۇ.

29-ماددا كۆمۈر بايلىقىنى قېزىشتا، كۆمۈركان ئېچىش قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇش، مۇۋاپىق ئېچىش تەرتىپىگە ئەمەل قىلىش، بەلگىلەنگەن كۆمۈر بايلىقىنى قېزىۋېلىش نىسبىتىگە يەتكۈزۈش شەرت.

كۆمۈر بايلىقىنى قېزىۋېلىش نىسبىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ئوخشاش بولمىغان بايلىق ۋە قېزىش شارائىتىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ.

دۆلەت كۆمۈركان كارخانىلىرىنىڭ تەكرار قېزىشىغا ياكى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى قالدۇق كۆمۈر ۋە نېپىز كۆمۈر قاتلىمىنى قېزىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

30-ماددا كۆمۈركان كارخانىلىرى كۆمۈر مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. كۆمۈر مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتىنى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى بويىچە دەرىجىگە ئايرىشى لازىم.

31-ماددا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن بويىچە تەستىقلانغان قېزىش دائىرىسىدە بولۇشى لازىم، تەستىقلانغان قېزىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىشكە، قاتلام ئاتلاپ قېزىشقا يول قويۇلمايدۇ.

كۆمۈر قېزىش مەشغۇلاتىدا بىخەتەرلىك تۈۋرۈك كۆمۈرنى ئۆز مەيلىچە قېزىشقا يول قويۇلمايدۇ، قوشنا كۆمۈركانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سۇ قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، خاڭ يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق خەتەرلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ.

32-ماددا كان ئېچىش تۈپەيلىدىن يەر ئىگىلىۋېلىنسا ياكى يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كەتسە، بۇزۇلۇپ كەتسە، كان ئاچقۇچى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، ئۇنى پايدىلانغۇدەك ھالغا كەلتۈرىدۇ. باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە تولۇقلىما بېرىدۇ.

33-ماددا كۆمۈركاننى تاقىۋېتىش ۋە كان قۇدۇقىنى تاشلىۋېتىش مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزام ۋە گوۋۇيۈەن كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

34-ماددا دۆلەت كۆمۈركان كارخانىلىرىدا كۆمۈر تۈگىگەندە كەسىپ ئۆزگەرتىش مەبلىغى جۇغلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

دۆلەت كۆمۈركان كارخانىلىرىنىڭ كۆپ خىل ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يۆلەك بولىدۇ.

35-ماددا دۆلەت كۆمۈركان كارخانىلىرى ۋە باشقا كارخانىلارنىڭ كۆمۈر بىلەن ئېلېكتىرنى بىللە ئىشلەپچىقىرىش، كوكس كۆيدۈرۈش ئىشىنى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆمۈرنى تېخىمۇ پىششىقلىشىنى ۋە ئىنچىكە پىششىقلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە قوللايدۇ.

دۆلەت كۆمۈركان كارخانىلىرىنىڭ كۆمۈرنى يۇيۇپ-تاللاش، كۆمۈر قاتلىمى گازى، كۆمۈر تېشى، كۆمۈر لاتقىسى، تاش كۆمۈر ۋە تۇرفىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

36-ماددا دۆلەت كۆمۈر پاكىزلاش تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرىدۇ ۋە كېڭەيتىدۇ.

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ يەرلىك ئۇسۇلدا كوكس كۆيدۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ يېڭىدىن يەرلىك ئۇسۇلدا كوكس كۆيدۈرۈش ئوچىقى سېلىشنى مەنئى قىلىدۇ؛ ھازىرقى يەرلىك ئۇسۇلدا كوكس كۆيدۈرۈشنى سۈرۈك ئىچىدە ئۆزگەرتىدۇ.

37-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئۇنىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار كۆمۈركانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى لازىم.

38-ماددا كۆمۈركان كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقۇرۇشتا كان ئىدارىسى باشلىقى، كان باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

39-ماددا كان ئىدارىسى باشلىقى، كان باشلىقى، شۇنىڭدەك كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ باشقا ئاساسلىق مەسئۇللىرى كان بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن-نىزام ۋە كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىك قائىدە-تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى، كۆمۈركاننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تالاپەت ھادىسىسى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر باشقا ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى شەرت.

40-ماددا كۆمۈركان كارخانىلىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە تەربىيەلىشى لازىم؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە تەربىيەلەنمىگەنلەرنىڭ ئىش ئورنىدا مەشغۇلات قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

كۆمۈركان كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن-نىزام، كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ قائىدە-تەرتىپلىرى ۋە كارخانىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى شەرت.

41-ماددا كۆمۈركاندىكى قۇدۇق ئاستى مەشغۇلاتىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان ھەمدە خەۋپنى تۈگىتىشكە ئامال بولمىغان جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە، مەشغۇلات نەق مەيداننىڭ مەسئۇلى ياكى بىخەتەرلىكنى باشقۇرغۇچىلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى خەتەرلىك جايدىن دەرھال چېكىندۈرۈشى ھەمدە ئەھۋالنى ئالاقىدار ئورۇننىڭ مەسئۇللىرىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى لازىم.

42-ماددا كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كارخانا مەمۇرىيىتىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىشقا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاش ئەھۋاللىرى بارلىقىنى ياكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا چوڭ ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان روشەن يوشۇرۇن خەۋپ بارلىقىنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھاياتىغا، بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايقىغاندا، مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق، كۆمۈركان كارخانىسى مەمۇرىيىتى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ۋاقتىدا چىقىرىشى شەرت. كارخانا مەمۇرىيىتى بىر تەرەپ قىلماي تۇرۇۋالسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەنقىد قىلىش، پاش قىلىش ۋە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

43-ماددا كۆمۈركان كارخانىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا زۆرۈر بولغان ئەمگەك مۇھاپىزىتى بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىشى شەرت.

44-ماددا كۆمۈركان كارخانىسى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى قانۇن بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇپ، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، كارخانىنىڭ قۇدۇق ئاستى مەشغۇلاتى قىلىدىغان ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇپ، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

45-ماددا كۆمۈركان كارخانىسى ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنە، سايمان، پارتلاتقۇچ ۋە بىخەتەرلىك ئەسۋابى دۆلەت ئۆلچىمىگە ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

4-باب كۆمۈر تىجارىتى

46-ماددا قانۇن بويىچە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالغان كۆمۈركان كارخانىسى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان كۆمۈرنى سېتىشقا ھوقۇقلۇق.

47-ماددا كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى لازىم:

(1) ئۆزىنىڭ تىجارەت كۆلىمىگە مۇناسىپ رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى بولۇش؛

(2) مۇقىم تىجارەت سورۇنى بولۇش؛

(3) زۆرۈر ئەسلىھەسى ۋە كۆمۈر ساقلاش مەيدانى بولۇش؛

(4) ئۆلچەمگە توشىدىغان ئۆلچەش ۋە سۈپەت تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

(5) دۆلەتنىڭ كۆمۈر تىجارىتى كارخانىلىرىنى مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

48-ماددا كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى قۇرۇشتا گوۋۇيۈەن بېكىتكەن تارماققا ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتكەن تارماققا ئىلتىماس قىلىش؛ گوۋۇيۈەن بېكىتكەن تارماق ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتكەن تارماق مۇشۇ قانۇننىڭ 47-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشى شەرت؛ شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى تەستىقلاش لازىم. ئىلتىماس قىلغۇچى تەستىق ھۆججىتىگە ئاساسەن سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن، كۆمۈر تىجارىتى قىلسا بولىدۇ.

49-ماددا كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى كۆمۈر تىجارىتى قىلىشتا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلىشى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. قانۇنسىز تىجارەتنىڭ ھەر قاندىقى مەنئى قىلىنىدۇ.

50-ماددا كۆمۈر تىجارىتىدە ئارىلىق ھالقىلارنى ئازايتىش، نامۇۋاپىق ئارىلىق ھالقىلارنى بىكار قىلىش، شارائىتى بار كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ بىۋاسىتە سېتىشىنى تەشەببۇس قىلىش لازىم.

كۆمۈر ئىشلەتكۈچىلەر ۋە كۆمۈر ساتىدىغان رايوندىكى كۆمۈر تىجارىتى كارخانىلىرى كۆمۈركان كارخانىسىدىن كۆمۈرنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ئوتتۇرا، كىچىك كۆمۈركانلار سېتىپ بېرىدىغان، توشۇپ بېرىدىغان كۆمۈرىنىڭ كۆمۈر سېتىش تىرانسپورت مۇلازىمىتى ئاپپاراتى قۇرۇلسا بولىدۇ.

مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ كۆمۈر تەمىنلەيدىغان ئارىلىق ھالقىلارنى دۆلەت بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆز مەيلىچە قۇرۇشى ۋە تۆپىلەپ باھا قوشۇپ ھەق ئېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

51-ماددا كۆمۈر توشۇلىدىغان ۋوگزال، بېكەت، پورتلار ۋە باشقا تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ توشۇش ئىقتىدارىنى كۆمۈر تىجارىتىگە ئارىلىشىش، نامۇۋاپىق پايدا ئېلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

52-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە كۆمۈرنىڭ سېتىلىش باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

53-ماددا كۆمۈركان كارخانىسى ۋە كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى ئىستېمالچىلارنى تەمىنلىگەن كۆمۈرنىڭ سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمىگە ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، سۈپەت بىلەن دەرىجە، سۈپەت بىلەن باھا ماس كېلىشى لازىم. ئىستېمالچىنىڭ كۆمۈر سۈپىتىگە ئالاھىدە تەلىپى بولسا، تەمىنلىگۈچى بىلەن ئىستېمالچى كۆمۈر سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىدا پۈتۈشىدۇ.

كۆمۈركان كارخانىسى ۋە كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسىنىڭ كۆمۈرگە باشقا نەرسىلەرنى، يالغان نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشىغا، ناچار كۆمۈرنى ياخشى كۆمۈر ئورنىدا سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

54-ماددا كۆمۈركان كارخانىسى ۋە كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى ئىستېمالچىلارنى تەمىنلىگەن كۆمۈرنىڭ سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمىگە ياكى ساھە ئۆلچىمىگە توشماي ۋە ياكى توختامدا پۈتۈشكىنىگە ئۇيغۇن كەلمەي ۋە ياكى سۈپەت بىلەن دەرىجە، سۈپەت بىلەن باھا ماس كەلمەي، ئىستېمالچىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلىشى لازىم.

55-ماددا كۆمۈركان كارخانىسى، كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى، تىرانسپورت كارخانىسى ۋە كۆمۈر ئىشلەتكۈچىلەر كۆمۈرنى قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە ياكى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە تەمىنلىشى، توشۇپ بېرىشى ۋە چۈشۈرۈۋېلىشى لازىم.

تىرانسپورت كارخانىسى سۈپىتى ئوخشاش بولمىغان كۆمۈرلەرنى ئايرىم قاچىلىشى، ئايرىم دۆۋىلىشى لازىم.

56-ماددا كۆمۈر ئىمپورت-ئېكسپورتى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ.

شارائىتى بار چوڭ كۆمۈركان كارخانىسى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى ئىقتىساد–سودا مەسئۇل تارمىقىدىن قانۇن بويىچە ئىجازەت ئالغاندىن كېيىن، كۆمۈر ئېكسپورت تىجارىتى قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

57-ماددا كۆمۈر تىجارىتىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىدۇ.

5-باب كۆمۈركان رايونىنى قوغداش

58-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كۆمۈركان رايونىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش، سۇ مەنبەسى، قاتناش ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كۆمۈركان رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى ۋە خىزمەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.

59-ماددا بارلىق ئورۇن ۋە شەخس كۆمۈركان رايونىنىڭ ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنى ئوغرىلاش، بۇزۇش قىلمىشلىرىنى ياكى كۆمۈركان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلارنى پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

60-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كۆمۈركان كارخانىسى قانۇن بويىچە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن مەزگىلىدە ئىشلىتىۋاتقان يەردە كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قىلىشىغا، توپا ئېلىشىغا ياكى ئىمارەت سېلىش، قۇرۇلما ياسىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

61-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ مەخسۇس تۆمۈريول لىنىيەسى، مەخسۇس تاشيولى، مەخسۇس سۇ يولى، مەخسۇس پورتى، مەخسۇس ئېلېكتىر ئېنېرگىيە لىنىيەسى ۋە مەخسۇس سۇ تۇرۇبىسىنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

62-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس كۆمۈركاننىڭ قېزىش دائىرىسى ئىچىدە كۆمۈركاننىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بار مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كەلسە، كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلاتقان ھەمدە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن مەشغۇلات قىلسا بولىدۇ.

كۆمۈركان رايونى دائىرىسىدە جامائەت قۇرۇلۇشى ياكى باشقا قۇرۇلۇشلارنى قىلىشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدار ئورۇنلار كۆمۈركان كارخانىسى بىلەن كېڭەشكەن ھەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش قىلسا بولىدۇ.

6-باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

63-ماددا كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ ۋە كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسىنىڭ كۆمۈرگە دائىر قانۇن-نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

64-ماددا كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلىرى كۆمۈرگە دائىر قانۇن-نىزاملارنى پىششىق بىلىشى، كۆمۈر كەسپىگە ئائىت تېخنىكىنى ئىگىلىگەن بولۇشى، پاك-دىيانەتلىك بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى لازىم.

65-ماددا كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە كۆمۈركان كارخانىسى، كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى ياكى ئىستېمالچىلاردىن كۆمۈرگە دائىر قانۇن-نىزاملارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە نەق مەيدانغا كىرىپ تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.

كۆمۈركان كارخانىسى، كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى ۋە ئىستېمالچىلار قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.

66-ماددا كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ كۆمۈركان كارخانىسى ۋە كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسىدىن كۆمۈرگە دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشىنى قانۇن بويىچە تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى لازىم.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

67-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئۆز مەيلىچە شۇغۇللانغانلارنى كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىي توختاتقۇزىدۇ.

68-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن ياكى ئىجارە بەرگەنلەرنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

69-ماددا كۆمۈر بايلىقىنى قېزىشتا مۇشۇ قانۇننىڭ 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن كۆمۈر بايلىقىنى قېزىۋېلىش نىسبىتىگە يەتكۈزمىگەنلەرنى كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ بەلگىلەنگەن قېزىۋېلىش نىسبىتىگە مۆھلەت توشقۇچە يەتكۈزمىگەنلەرنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

70-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 31-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىخەتەرلىك تۈۋرۈك كۆمۈرىنى ئۆز مەيلىچە قېزىپ ياكى قوشنا كۆمۈركاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە، ئىشلەپچىقىرىشىغا خەۋپ يېتىدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ قېزىش مەشغۇلاتى قىلغانلارنى ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە مەشغۇلاتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ؛ زىيان پەيدا قىلغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

71-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 48-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي تۇرۇپ كۆمۈر تىجارىتى بىلەن ئۆز مەيلىچە شۇغۇللانغانلارنى تەستىقلايدىغان تارماق تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

72-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 53-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆمۈرگە باشقا نەرسە، يالغان نەرسە ئارىلاشتۇرۇپ، ناچىرىنى ياخشى دەپ ساتقانلار سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ياكى كۆمۈر تىجارىتى قىلىش سالاھىيىتى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

73-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 60-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، شۇ كارخانا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ئېرىشكەن كۈچكە ئىگە مۇددەتتە ئاشۇ يەرگە ئىمارەت سالغان، قۇرۇلما ياسىغانلارنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى چېقىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ؛ چاقمىغانلارنى چېقىشقا بۇيرۇيدۇ.

74-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، شۇ كارخانىنىڭ مەخسۇس تۆمۈريول لىنىيەسى، مەخسۇس تاشيولى، مەخسۇس سۇ يولى، مەخسۇس پورتى، مەخسۇس ئېلېكتىر ئېنېرگىيە لىنىيەسى، مەخسۇس سۇ تۇرۇبىسىنى ئىگىلىۋالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت توشقىچە تۈزەتمىسە مەجبۇرىي بىكار قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

75-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 62-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي ياكى بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي تۇرۇپ، كۆمۈركاننىڭ قېزىش دائىرىسىدە شۇ كاننىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدىغان مەشغۇلات قىلغانلارنى كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى مەشغۇلاتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

76-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن جازالايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ:

(1) كۆمۈركان قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، نورمال قۇرۇلۇش قىلغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇش؛

(2) كۆمۈركان رايونىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، سۇ مەنبەسى، قاتناش ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى قەستەن بۇزۇپ قويۇش؛

(3) كۆمۈركان رايونىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، نورمال ئىشلەپچىقارغىلى ۋە خىزمەت قىلغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇش؛

(4) نازارەت قىلغۇچىلار–تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش.

77-ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆمۈركان كارخانىسىغا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بەرگەنلەر ياكى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى قۇرۇشنى تەستىقلىغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

78-ماددا كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىپ، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاپ، زور تالاپەت ھادىسىسى پەيدا قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

79-ماددا كۆمۈركان كارخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن كۆمۈركاندىكى يوشۇرۇن ئاپەتنى تەدبىر قوللىنىپ تۈگەتمەي، زور تالاپەت ھادىسىسى پەيدا قىلغانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

80-ماددا كۆمۈر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

81-ماددا بۇ قانۇن 1996-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/250673.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#