بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى

بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى

بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئي مۇھاپىزەت رايونى، بايىنغۇلىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى نىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2400 مېتر كېلىدۇ، كۆلىمى 1000 كۋادرات كىلومېتىر، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، سۇ ۋە چۆپلەر مول. «بايىنبۇلاق» موڭغۇلچە «مول بۇلاق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، كىچىك ئاققۇ كۆلى بولسا نۇرغۇن كۆللەردىن تەركىب تاپقان سازلىق يەر. 

ئۇيغۇرچە نامى بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى
كۆلىمى 1000 كۋادرات كىلومېتىر
جايلاشقان ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى
خەنزۇچە نامى 巴音布鲁克天鹅湖
دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2400 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلىبايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئي مۇھاپىزەت رايونى، بايىنغۇلىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى نىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2400 مېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 1000 كۋادرات كىلومېتىر، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، سۇ ۋە چۆپلەر مول. «بايىنبۇلاق» موڭغۇلچە «مول بۇلاق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، كىچىك ئاققۇ كۆلى بولسا نۇرغۇن كۆللەردىن تەركىب تاپقان سازلىق يەر. بايىنبۇلاق يايلىقى ئوردۇس يايلىقىدىن قالسىلا ئېلىمىزدىكى ئىككىنچى چوڭ يايلاق ھېسابلىنىدۇ، كۆلىمى 24 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2300-2800 مېتىر. بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئاساسلىقى موڭغۇل بولۇپ، بۇ رايون نوپۇسىنىڭ %78 ىنى ئىگىلەيدۇ. شۇ جايدىكى موڭغۇل چارۋىچىلار ئاققۇنى ھەسسىلەپ قوغدايدۇ، ئاق قۇ بىلەن بىللە ياشايدۇ. ھەر يىلى ئەتىيازدا، مۇز-قارلار ئېرىپ، چېچەكلەر ئېچىلغاندا، ھىندىستان، بىرما، پاكىستان، ھەتتا يىراق قارا دېڭىز، قىزىل دېڭىز ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەردىكى چوڭ ئاققۇ، كىچىك ئاققۇ، سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ ئاساس قىلغان نەچچە ئون مىڭ ئەتىۋارلىق قۇشلار، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، توپ-توپ بولۇپ ئۇچۇپ كېلىپ، بايىنبۇلاق يايلىقىدا كۆپىيىدۇ. قۇياش نۇرى ئاستىدا، ئاققۇ، تاتلىق سۇ، تاغ چوققىسى، بۇلۇت سايىسى بىرىكىپ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرە  شەكىللەندۈرىدۇ. مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېگىز رايوندىن قۇشلارنى تاماشا قىلىش سۇپىسى بار بۇلۇپ، قۇشلارنى بىمالال تاماشا قىلغىلى بۇلىدۇ. قىش پەسلى يىتىپ كىلىش ئالدىدا، ئۇلار يەنە بالا-چاقـىـسىنى بىللە ئېلىپ، ئۇچۇپ ئۆتۈش ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىغا كېتىپ قالىدۇ. 

بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلىمەنزىرىلىك رايوندا يەنە ئارشا ۋە كۈنەس جىلغىسى مەنزىرە رايونى بار، ئارشا موڭغۇل تىلىدا، « شىپالىق بۇلاق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئارشاڭ رايونى ئارشا دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان، 12 بۇلاق 400 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى جىلغىغا جايلاشقان، قىستۇرما بۇلاق، سوغۇق بۇلاق، كۆز بۇلاق قاتارلىقلار بار. مەنزىرە رايونىدا ساياھەت مېھمانخانىسى ۋە ئارىشاڭ مۇنچىسى بار؛ «قارلىق تاغدىكى ھايۋاناتلار باغچىسى» دېگەن نامى بار كۈنەس جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا، ئۇلار، يىلپىز، بۇغا-مارال، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىق 20 نەچچە خىل ئەتىۋارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ، رايون ئىچىدە شەمشاد قويۇق ئۆسكەن، تاغ ئېگىز-پەس شەكىلدە؛ جىلغىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا، ئوت-چۆپ مول، بارچە گۈللەر تەڭ ئېچىلغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#