كۇبا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، ھاۋانا كۇبا ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئالمېندارىس دەريا يېنىدىكى ھاۋانا قولتۇقى بويىغا جايلاشقان.

نامى ھاۋانا
ئىنگىلىسچە نامى La Habana
نوپۇسى 2 مىليون 200 مىڭ
خەنزۇچە نامى 哈瓦那
رايون تۈرى پايتەخىت
كۆلىمى 721 كىۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇبا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، ھاۋانا كۇبا ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئالمېندارىس دەريا يېنىدىكى ھاۋانا قولتۇقى بويىغا جايلاشقان. 

 ئاھالىسى 2 مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدۇ، ھاۋانا شەھىرىنىڭ ئاساسىي 1519-يىلى سېلىنغان. 1898-يىلدىن باشلاپ كۇبانىڭ پايتەختى بولغان. بۇ پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر بولۇپ، چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى كېلەلەيدۇ. دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى شەھەر قىسمى يەر ئاستى تونېلى ئارقىلىق بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرىدۇ. ھاۋانا كۇبانىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى.

ھاۋانا پورتى پۈتۈن كۇبا بويىچە ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ھاۋاناك كۇبانىڭ مۇھىم قاتناش مەركىزى، شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان تۆمۈر يول، تاشيوللار بار. شەھەر رايونىدا چوڭ تىپتىكى خېسىياتى ناملىق خەلقئارا ئايرودرومى بار.

  ھاۋانا شەھىرى ،گۇاناباكوئا، مارىئاناۋۇ، زېگلا، سانتامارىيادې، رۇسارىئو قاتارلىق شەھەرچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

شەھەردە يەنە 1704-يىلى قۇرۇلغان چېركاۋلار، ناھايىتى ھەيۋەت سېلىنغان (25 قەۋەتلىك) تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، تروپىك بەلباغ دورا ئۆسۈملۈكلىرى تەتقىقات ئورنى، بىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، مەشھۇر خاتىرە مۇنارلىرى، ئاتاقلىق ساياھەت ھەم دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار.

ساياھەت نوقتىلىرى

قەدىمىي چېركاۋلار ،خاتىرە مۇنار ،قەدىمىي قەلئە ،باغچا ، مۇزىي،قەدىمىي قۇرلۇشلار...

1721-يىلى قۇرۇلغان ھاۋانا داشۆسى، دىپلوماتىيە شۆيۈەنى، تاشقى سودا شۆيۈەنى، پېداگوگىكا شۆيۈەنى، تەنتەربىيە شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى،قاتارلىق 

ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.

ئۇ جايدا شېكەر، ھاراق، تاماكا، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، قەغەز، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ھاۋانا پورتى پۈتۈن كۇبا بويىچە ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#