ھېقىق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۈرەك، جىگەر ۋە تالنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، جاراھەتلەرنى پۈتتۈرۈش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تاشلارنى پارچىلاش، كۆرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇش، چىش مىلىكىنى چىڭىتىش، باھنى قوزغاش.
سىلىتسىي دىئوكسىدى(2-2SiO)تۇتىدۇ. يەنە ئاز مىقداردا تۆمۈر، مانگان قاتارلىق ئارىلاشما ماددىلارمۇ بار.
ھېقىق1.قاينىتىلىمىسى تەجىرىبە ھايۋانلىرىنىڭ ئوكسىگېن كەملىككە بولغان چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، تاجىسىمان ئارتىرىيىدىن ئۆتىدىغان قاننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. يۈرەك رېتىمسىزلىقىغا قارشى تۇرالايدۇ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
2. بەلگىلىك تىنچلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
3.قاينىتىلمىسىنىڭ ئاق رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيە، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى، كېزىك تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىق كۆپ خىل باكتىرىيىلەرنى تىزگىنلەش رولى بار.
4. سۇ ياكى ئىسپىرتتىكى ئاجرالمىسىنىڭ ئىچكى تورسىمان تېرە سېستىمىسىنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئەتراپ ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئاشۇرۇش، ئانتىتېلانىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى ئۇزارتىش رولىغا ئىگە. يەنە بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاش، قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە.
سىفوفى ھېقىق، مۇپەررىھى ياقۇت، ئەۋرىشىم شەربىتى.
يۈرەك ئاجىزلىقى، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، جىگەر ۋە تال توسۇلۇش، چىش مىلىكلىرى بوشاپ كېتىش، قان سىيىش، قان تۈكۈرۈش، خۇن تەۋرەش، بۇرۇن قاناش، قان ۋە سەپرا مەنبەلىك ئىسھال، بۆرەك ۋە دوۋساق تاش كېسەللىكى، باھ ئاجىزلىقى، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كۇشتە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.