ئۇسسۇل

ئۇسسۇل مۇئەييەن رىتىملىق مۇزىكا مۇھىتى ئاستىدا ئوينىلىدىغان كۆپ، ماھارەتلىك ھەرىكەت ئارقىلىق ئوبرازلىق يارىتىپ، كىشىگە بەدىئىي زوق ۋە ئىجتىمائىي تەسەۋۋۇر بېغىشلايدىغان بىر خىل سەنئەت ئويۇنىدۇر.

ئۇيغۇرچە نامى ئۇسسۇل
تۈرى سەنئەت ئويۇنى
خەنزۇچە نامى 舞蹈

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇسسۇل مۇئەييەن رىتىملىق مۇزىكا مۇھىتى ئاستىدا ئوينىلىدىغان كۆپ، ماھارەتلىك ھەرىكەت ئارقىلىق ئوبرازلىق يارىتىپ، كىشىگە بەدىئىي زوق ۋە ئىجتىمائىي تەسەۋۋۇر بېغىشلايدىغان بىر خىل سەنئەت ئويۇنىدۇر.

بۇ خىل سەنئەت شەكلى ئۆزىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخى ۋە تەرەققىيات باسقۇچىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئەمگەك ۋە تەسەۋۋۇردىن پەيدا بولۇپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى يېڭى شەكىلگە كىردى. بىز «ئەمگەك ئىنسانلار جەمئىيىتى ۋە ئىنسانلارنىڭ بارلىق مەنىۋى پائالىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ مەنىۋى ئاساسى» دەيمىز. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇسۇللىرىنى كىشىلەرنىڭ ئچىكى ھېسسىياتىنى ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلىگۈچى ۋاستە دېيىشكە بولىدۇ.

بىرەر توي-مەرىكىدە ياكى مەشرەپلەردە لەرزان ئۇسسۇل بىلەن قىزلار مەيدانغا چۈشكەندە ھېسسىياتچان ئەرلەر ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي مۇنداق قوشاقلارنى ئوقۇشىدۇ. ئالتۇنمىكىن، كۈمۈشمىكىن، قىزنىڭ بويلىرى. قايناپ تۇرغان بۇلاقمىكىن، ئويناق كۆزلىرى. سايراپ تۇرغان بۇلبۇلمىكىن، شېرىن سۆزلىرى. مېنى شۇنچە كۆيدۈرگەن، يارىم ئۆزلىرى. تال چىۋىقتەك ئۇسسۇللىرىغا، زوقۇم كېلىدۇ. ئاخشاملىققا باراي دېسەم، قورققۇم كېلىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر خەلق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇسسۇللىرى ئىچىدە «دولان ئۇسسۇلى»، «نازىركوم» ئۇسسۇلىرىدا ھەر خىل يۇمۇرلۇق بېيىتلار، ساتىرىك ئوبرازلار شېئىر ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، بۇ ئۇسسۇللاردا ئات مىنىش، ئەينەككە قاراش، يار پاچاقلاپ مېڭىش، قۇشتەك بىر پۇتلۇق تاقلاش قاتارلىق ھەر خىل قىزىقارلىق ئويۇنلار بار.

«دولان» ئۇسسۇلىدا ھەممە ئۇسسۇلچىلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ھالقا شەكىل ھاسىل قىلىپ ئويناشلىرى يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇسسۇل مۇزىكىلىق رىتىم، شېئىرىي تەپەككۇر، ئۇسسۇللۇق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق قىزغىن كەيپىياتنى ئىپادىلەيدۇ.

بىزدىكى «دولان ئۇسسۇلى»، «نازىركوم»، «قەشقەر سەنىمى»، «كورلا سەنىمى»، «ئىلى سەنىمى»، «ساما ئۇسسۇلى»، «ئۈزۈمىلىك ئۇسسۇلى» قاتارلىقلار يۈكسەك ماھارەت ۋە ئۇستىلىق تەلەپ قىلىدىغان ئۇسسۇللار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇشتا پايدىسى كۆپ بىر خىل ئويۇندۇر.

مەسىلەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «ساما ئۇسسۇلى» ناغرا، سۇنايغا تەڭكەش قىلىنىپ، بىر خىل رىتىملىق ھەرىكەت بىلەن ئوينىلىدىغان كوللېكتىپ ئۇسسۇل. «ساما» بىر قانچە يۈز كىشىنىڭ گاھ ئوڭ، گاھ سولغا قول كۆتۈرۈش ھەرىكەتلىرى ياكى ئالدىغا ياكى ئارقىغا نۆۋەت بىلەن تاشلانغان ئاياغ ھەرىكەتلىرى خۇددى بىرلا كىشى ئويناۋاتقاندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئۇسسۇللارنىڭ رىتىمى كۈچلۈك بولۇپ، بىر مەيدان «ساما ئۇسسۇلى»نى ئويناپ بولغۇچە كىشىلەر چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئۇسسۇلچىلارنى ئالساق ئۇلارنىڭ تېنى ساغلام، خېلى ياشانغان ئۇسسۇلچىلارمۇ ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ياشلاردەك تېتىك، روھلۇق كېلىدۇ.

داۋاملىق شوخ ئۇسسۇل ئوينىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى مۇسكۇللار تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ھەرىكەتتىكى چەبدەسلىكنى ۋە ساغلاملىقنى ئاشۇرىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#