بادامسىمان بەز ياللۇغى

بادامسىمان بەز ياللۇغى

بادامسىمان بەز ياللۇغى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بادامسىمان بەز ياللۇغى ۋە سوزۇلما بادامسىمان بەز ياللۇغى دەپ ئايرىلىدۇ. جىددىي يۇقۇملۇق كېسەللىك (مەسىلەن، سىكارلاتىنا، قىزىل , يۇقۇملۇق زۇكام , بوغما قاتارلىق) لار سوزۇلما بادامسىمان بەز ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇرۇن بوشلۇقى يەنە بۇرۇن كاۋىكى يۇقۇملىنىش بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى بادامسىمان بەز ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى زىيادە چارچاش، بەدەن ئاجىزلىشىش، سوغۇققا چېلىقىش، زۇكام بولۇش
تەۋە بۆلۈم قۇلاق ، بۇرۇن ، كېكىردەك بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى يۇتقۇنچاق ئىككى تەرىپىدە
ئاساسلىق ئالامىتى بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، بولجۇڭ گۆشلەر ۋە بوغۇملار ئاغرىش، بادامسىمان بەزلەر چوڭىيىش، قىزىرىش، ئىششىش
خەنزۇچە نامى 扁桃体炎
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى tonsillitis,paristhmitis,amygdalitis,lacunar angina

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بادامسىمان بەز ياللۇغىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، زىيادە چارچاش، بەدەن ئاجىزلىشىش، سوغۇققا چېلىقىش، زۇكام بولۇش ۋە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: گال ئاغرىپ، تاماق قىزىرىپ ئىششىپ، يۆتىلىش قىيىنلىشىش، بەدەن ھارارىتى ئۆرلەپ، جۇغ-جۇغ بولۇپ تىترەش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، بولجۇڭ گۆشلەر ۋە بوغۇملار ئاغرىش، بادامسىمان بەزلەر چوڭىيىش، قىزىرىش، ئىششىش، بادامسىمان بەزلەر يۈزىدە يىرىڭلىق توچكىلار كۆرۈلۈش، باش ئاغرىش، قىزىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

دائىم يۇتقۇنچاق قىسىمى بىئارام بولۇش، كۆزدە يات ماددا بولۇش سېزىمى , قۇرۇماق , قىچىشتۇرىدىغان , غىدىقلىنىشتىن يۆتىلىش , ئېغىز پۇراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

1-رېتسېپ

تەركىبى: گۈلى بىنەپشە 12 گىرام، ئەنگۈر شىپا، كاسىنە ئۇرۇقى 10 گىرامدىن، تەمرى ھىندى 30 گىرام، خىيارشەنبەر 45 گىرام، ئەرىقى كاسىنە 500 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى ئەرىقى كاسىنىگە چىلاپ، بىر سوتكا تۇرغۇزۇلۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 ~ 100 گىرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

بادامسىمان بەز ياللۇغىتەركىبى: گۈلى بىنەپشە، نېلۇپەر، گاۋزىبان، يۇمغاقسۈت، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، بېھى ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، تەمرى ھىندى، كاكىنەچ 10 گىرامدىن، چىلان، شاتۇت قېقى 20 گىرامدىن، زىغىر، ئەنگۈر شىپا 15 گىرامدىن، ئىسپىغۇل 12 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چالا سوقۇپ، دورىلىق چاي تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: ئاقىرقەرھا 15 گىرام، زۇپا، قۇرۇق ئۈزۈم 10 گىرامدىن، بىخ سەۋسەن 51 گىرام، كاكىنەچتىن 50 گىرام، سۇ بىر لىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغاندا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 5 ~ 6 قېتىم غار غار قىلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#