خاسىڭ

قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن پەقەت خاسىڭلا يەر ئۈستىدە چېچەكلەپ يەر ئاستىدا مېۋىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋىسى تۇپراق ئاستىدىكى مۇھىتتىلا ئۆسىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «يەر ياڭىقى» دەپمۇ ئاتايدۇ.

خاسىڭ ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ مايلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تېرىلىش كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئەڭ كۆپ تېرىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئومۇمىي خاسىڭ مەھسۇلاتىنىڭ  3 /1 ىنى ئىگىلەيدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خاسىڭ
تەۋەلىكى ئۆسۈلۈكلەر دۇنياسىغا تەۋە
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى پۇرچاق ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 花生
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئازغان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  خاسىڭ بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، گۈلى يوپۇرماق قولتۇقىدا يالغۇز ياكى توپلىشىپ ئۆسىدۇ. تارماق شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسكەن غۇنچىلىرى پەقەتلا ئېچىلىپ مېۋىلىمەيدىغان بولغاچقا، يېتىلمەس گۈل دېيىلىدۇ. تارماق شاخنىڭ تۈۋىدە ئۆسىدىغان يەنە بىر خىل گۈل بولۇپ، ئۇلار يېتىلىدىغان گۈل دېيىلىدۇ. بۇ خىل گۈللەر چاڭلىشىپ ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ئۇرۇقداننىڭ تۈۋى قىسمى ئۇزىراپ ئۆسۈشكە باشلاپ، ئۇچى قىسمى يىڭنىدەك قاتتىق بولغان ئۇرۇقدان سېپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ ئاۋۋال يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدۇ، نەچچە كۈندىن كېيىن يەر يۈزىگە ساڭگىلاپ ئۆسۈپ ئۇرۇقداننى تۇپراق ئاستىغا ئىتتىرىپ كىرگۈزىدۇ-دە، شۇ جايدا مېۋە شەكىللەندۈرىدۇ.

    خاسىڭنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدىكى ماي مىقدارى 50 ~% 58 كە، ئاقسىل مىقدارى 30% كە يېتىدۇ. خاسىڭ مېيىنىڭ پۇرىقى خۇش پۇراق بولۇپ، ئۆسۈملۈك مايلىرى ئىچىدە پۇرىقى ئەڭ ياخشى ماي ھېسابلىنىدۇ. خاسىڭ مېغىزىدىن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان كۆپ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىشلەشكە بولىدۇ. خاسىڭنىڭ قىزغۇچ پوستى تەركىبىدە قان توختاتقۇچى ماددا بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن خائېموستات  ياساش ئارقىلىق قاننىڭ ئۇيۇش ۋاقتىنى قىسقارتىشقا بولىدۇ.

خاسىڭنىڭ ئەسلىي ماكانى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى برازىلىيە ۋە پېرۇ قاتارلىق دۆلەتلەردۇر. 1492-يىلى كولومبۇ يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنى تاپقاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇ دۇنيا خاراكتېرلىك ساياھەت سەپىرىنى باشلىۋەتكەن. ئۇ ئەڭ دەسلەپ ئافرىقىدىكى گۋىنىيىگە كەلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن پورتۇگالىيىلىكلەر ئۇنى ئاسىيا ۋە ياۋروپالارغا تارقاتقان. تەخمىنەن  15-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە  16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاندىن جۇڭگوغا تارقىلىپ كەلگەن.

خاسىڭ نەم مۇھىتتا ساقلىنىپ قالسا ئۇنىڭدىن سېرىق ئاسپېرگىللۇس زەمبۇرۇغى ئۆسۈپ چىقىدۇ-دە، بۇ زەمبۇرۇغ ئاجرىتىپ چىقارغان ئافلاتوكسىن ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ جىگىرىدە راك پەيدا قىلىدۇ. ھىندىستان ئالىملىرى خاسىڭنى كۈن نۇرى ئاستىدا 15 مىنۇت ئاپتاپقا سالغاندا خاسىڭ مېيى تەركىبىدىكى ئافلاتوكسىننىڭ %99 ى بۇزۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#