PM2.5 قىممىتى
PM2.5 قىممىتى ھاۋادىكى «ھاۋا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» ئېكۋىۋالېنت دىئامېتىرى 2.5 مىكرو مېتىرغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولغان دانچىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ھاۋادا لەيلەپ يۈرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ھاۋادىكى قويۇقلىقى قانچە يۇقىرى بولسا، ھاۋانىڭ شۇنچە بۇلغانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. گەرچە PM2.5 يەر شارى ئاتموسفېرا تەركىبىدىكى مىقدارى ئەڭ ئاز تەركىب بولسىمۇ، بىراق ھاۋانىڭ سۈپىتى ۋە كۆرۈنۈش دەرىجىسىگە ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
2013-يىلى 2-ئايدا، دۆلەت پەن-تېخنىكا ئىسىم تەكشۈرۈپ بېكىتىش كوممىتېتى PM2.5 غا ئۇششاق دانچە ماددا دەپ نام بەردى. ئۇششاق دانچە ماددىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ئورگانىك كاربون (OC)، ئېلېمېنتلىق كاربون (EC)، ئازوت كىسلاتاسى، سۇلفاتلار، ئاممونىي تۇزى، ناتىرىي تۇزى (Na+) قاتارلىقلار.
دانچە ماددىنىڭ تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىقى كېلىش مەنبەسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئاساسلىقى تەبىئەت ۋە ئادەمدىن ئىبارەت ئىككى خىل كېلىش مەنبەسى بار بولۇپ، كېيىنكىسىنىڭ زىيىنى چوڭراق. ئىلم-پەن ساھەسىدىكى ئايرىلىشى بىرلەمچى ئايروزول (Primary aerosol) ۋە ئىككىلەمچى ئايروزول (Secondary aerosol) دىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.
تەبىئەتتىكى كېلىش مەنبەسى
توراق چاڭ-تۇزانلىرى، دېڭىز تۇزى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل چېڭى، سپورا، باكتېرىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئوت ئاپەتلىرى، مەسىلەن يانار تاغ پارتىلاش سەۋەبىدىن ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلگەن كۆپ مىقداردىكى ۋولقان كۈلى، ئورمانلىقتىكى ئوت ئاپىتى، ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر مەنبەلىرى ئوت ئاپىتى ۋە چاڭ-توزانلىق بوران قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆپ مىقدارىدكى دانچە ماددىلارنى ھاۋا بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدۇ.
ئىنسانلاردىن كېلىپ چىققان مەنبە
ئىنسانلار مەنبەسى مۇقىم مەنبە ۋە يۆتكىلىشچان مەنبەدىن ئىبارەت. مۇقىم مەنبە ھەرخىل ھەر خىل يېقىلغۇلارنىڭ يېقىلىش مەنبەسى، مەسىلەن توك چىقىرىش، مېتاللۇرگىيە، نېفىت، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق قاتارلىق ھەرخىل سانائەت جەريانلىرى، ئىستىش ۋە قورما قورۇش جەريانىدىكى كۆمۈر، گاز ۋە ماينىڭ كۆيىشىدىن چىققان ئىس-تۈتەك قاتارلىقلار. يۆتكىلىشچان مەنبە ئاساسلىقى ھەرخىل قاتناش قوراللىرى ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا يېقىلغۇ ئىشلەتكەندە ھاۋاغا قويۇپ بەرگەن قالدۇق گازلاردىن ئىبارەت.PM2.5 گۈڭگۈرت ۋە ئازوتنىڭ ئوكسىدلىنىشى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. بۇ گاز تۈرىدىكى بۇلغانمىلارنى دائىم كىشىلەرنىڭ خىمىيىلىك يېقىلغۇ (كۆمۈر، نېفىت قاتارلىق) ۋە ئەخلەتلەرنى كۆيدۈرۈشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆي ئىچىدە، ئىسلىنىش دانچە ماددىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. دانچە ماددىنىڭ كېلىش مەنبەسى تولۇق بولمىغان كۆيۈش بولۇپ، تاماكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆيىشى زىيىنى ئېغىر بولغان دانچە ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، سۈپىتى يۇقىرى بولغان تاماكىنى چېكىش پەقەت تاماكا چەككۈچىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بەرگەن تەسەللىيسى بولۇپ، ھەتتا سېسىق پۇرىقى ئازراق بولغانلىقتىن تېخىمۇ زور زىيان كەلتۈرىشى مۇمكىن.
PM2.5 قىممىتىنى تەكشۈرۈش تورى ھاۋا سۈپىتىنىڭ يېڭى ئۆلچىمى
ھاۋا سۈپىتىنىڭ دەرىجىسى
24 سائەت ئىچىدىكى PM2.5نىڭ ئوتتۇرىچە قىممەت ئۆلچىمىئەلا
0~35مىكروگرام\ مېتىر كۇب
ياخشى
75~35 مىكروگرام\ مېتىر كۇب
يېنىك دەرىجىدە بۇلغانغان
75~115 مىكروگرام\ مېتىر كۇب
ئوتتۇرا دەرىجىدە بۇلغانغان
150~115 مىكروگرام\ مېتىر كۇب
ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان
250~150 مىكروگرام\ مېتىر كۇب
قاتتىق بۇلغانغان
0~35مىكروگرام\ مېتىر كۇب
ب د ت ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىمى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) 2005-يىللىق «ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىمى»تۈرى
يىللىق ئوتتۇرىچە قىممىتى
كۈنلۈك ئوتتۇرىچە قىممىتى
ئۆلچەملىك قىممىتى
10مىكروگرام\ مېتىر كۇب
25 مىكروگرام\ مېتىر كۇب
ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى نىشان1
35 مىكروگرام\ مېتىر كۇب
75 مىكروگرام\ مېتىر كۇب
ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى نىشان2
25 مىكروگرام\ مېتىر كۇب
50 مىكروگرام\ مېتىر كۇب
ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى نىشان3
15 مىكروگرام\ مېتىر كۇب
37.5 مىكروگرام\ مېتىر كۇب
پۈتۈن يەر شارىدا ھەر يىلى 2 مىليون يۈز مىڭ ئادەم PM2.5 قاتارلىق دانچە ماددىلارنىڭ قويۇقلىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2012-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلانىدا ئېلان قىلىنغان «يەر شارى مۇھىتىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر5» دە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر يىلى 700 مىل ئادەم ئوزون كەلتۈرۈپ چىقارغان نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئىككى مىليونغا يېقىن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش مىسالى دانچە ماددا بۇلغۇنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.
دۇنيا بانكىسى تارقاتقان دوكىلاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ئۆي سىرتىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 1000 ئادەمدىن توغرا كېلىدىكەن، ھەر يىلى 350 مىڭدىن 400 مىڭغىچە ئادەم ئۆلۈمگە يۈزلىنىدىكەن. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆمرىنى 18 يىل قىسقارتىۋېتىدىكەن.
زەھەرلىك تۇمان ۋەقەسى
لوندون زەھەرلىك تۇمان ۋەقەسى1952-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى زەھەرلىك تۇمان ۋەقەسى لوندون تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋاقىتلارنىڭ بىرى، شۇ بىر قېتىملىق زەھەرلىك تۇمان ۋەقەسى 4000 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، سانسىزلىغان لوندۇن شەھەر ئاھالىسىنىڭ نەپەسلىنىشى تەسلەستى، قاتناش نەچچە كۈنگىچە پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ، مىليونلىغان ئادەمگە تەسىر كۆرسەتتى.
ئەزالارغا زىيان يەتكۈزۈشى
دانچە ماددىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى شۇنداقلا ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاۋادىكى PM2.5 نىڭ قويۇقلىقى 10مىكروگرام\ مېتىر كۇبتىن يۇقىرى بولسا، ئۆلۈم خەۋىپى يۇقىرىلايدۇ. قويۇقلىقى ھەر 10مىكروگرام\ مېتىر كۇب ئاشسا، ئۆلۈم خەۋىپى %4 ئاشىىدۇ. يۈرەك-ئۆپكە كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈش خەۋىپى %6 ئاشىدۇ، ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %8 ئاشىدۇ.
كۆپ خىل ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇلى بار
تۇرمۇشتىكىئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى
1. تۇمانلىق ھاۋادا دېرىزىنى ئاز ئېچىش، ئەڭ ياخشىسى سىرتقا ۋە ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىقماسلىق.2. سىرتقا چىققاندا كەسپىي چاڭ-تۇزاندىن مۇداپىئەلىنىش ماسكىنى تاقىۋېلىش.
3. چىسار قوڭغۇراقگۈل چېيى، چىسار قوڭغۇراقگۈل دانچىسى، قوڭغۇراقگۈل شورپىسى قاتارلىق «ئۆپكىنى تازىلايدىغان چايلار» نى كۆپ ئىچىش.
4. ئاز مىقداردا ۋىتامىن D تولۇقلاش.
5. سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلانى كۆپ ئىستىمال قىلىش، ھەسەل سۈيىنى كۆپ ئىچىش.
6. تېگى-تەكتىدىن پاكىزىلاش.
7. تاماكىنى ئاز چېكىش، ئامال بار چەكمەسلىك.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.