مىلادىيە 1602-يىلى، 76 ياشلىق لى جى زىنداندا يۇقىرىدىكى شېئىرنى يازغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ چېچىنى ياساتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇستىرا بىلەن ئۆزىنى بوغۇزلاپ ئۆلۈۋېلىش يولى بىلەن، مىڭ سۇلالىسى دىكى فېئودال مۇستەبىتلەرگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قارشىلىق كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لى جى
خەنزۇچە ئىسمى 李贽
باشقا نامى 温陵居士、百泉居士
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1527-يىل 11-ئاينىڭ 23-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1602-يىل 5-ئاينىڭ 7-كۈنى
ياشىغان زامان مىڭ سۇلالىسى دەۋرى
كەسپى تارىخشۇناس،ئەدىپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لى جى 1527-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى تەرەققىيپەرۋەر مۇتەپەككۇرى، ئەدىبى، شۇنداقلا فېئوداللىق تۈزۈمگە قارشى قەھرىمانى بولۇپ، جىنجياڭ (ھازىرقى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چۈەنجۇ ئوبلاستى) دىن. ئۇنىڭ دادىسى خۇسۇسىي مەكتەپتە خەلپەتلىك قىلغان، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. لى جى تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەچكە، نۇرغۇن نەرسىلەرنى دادىسىدىن ئۆگەنگەن. لى جى ئۆزىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: «مەن كىچىكىمدىن تارتىپ قەيسەر ۋە كاج ئىدىم، تەرىقەتكە، ئەۋلىيا-ئەنبىيالارغا، ساكيامۇنىغا ئىشەنمەيتتىم. شۇ سەۋەبتىن، تويىنلار ۋە راھىبلارنى كۆرسەم بىزار بولاتتىم، تەرىقەتچى موللىلارنى كۆرسەم تېخىمۇ بىزار بولاتتىم. » لى جى ئوتتۇرا ياش ۋاقتىدا خانلىق بىلىم يۇرتىدا ئۆلىما بولغان، ئۇزاق ئۆتمەي، زىندان پىرقىسى كاتاۋۇلى ۋە يۈننەننىڭ ياۋئەن ئايمىقىدا ئايماقبېگى بولغان. ئۇ ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى زۇلمەتچىلىكتىن نارازى بولۇپ، 1581-يىلى، مەنسىپىدىن ئىستېپا بېرىپ، خۇبېيدىكى ماچېڭجى ئىبادەتخانىسىغا كۆچۈپ بېرىپ، مۇتالىئە قىلىش ۋە ئەسەر يېزىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كەتكەن.

ئۇنتۇلماس مەردانىنىڭ چۈشكەنلىكىنى ھاڭغا ھېچ،

پالۋان ساقلاشنى باش ئەستىن چىقارماس ھەممە ۋاق. 

ئەمدى مەن ئۆلمەي كۈتەي تاقەت قىلىپ قاي ۋاققىچە؟

باقىي ئالەمگە كېتىشكە رازىمەنكى بالدۇرراق. 

لى جىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن «ساقلانغان كىتابلار» ، «ساقلانغان كىتابلارنىڭ داۋامى» ، «كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار» ، «كۆيدۈرۈلگەن كىتابلارنىڭ داۋامى» قاتارلىقلار بار. لى جى بۇ ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ بىدئەتچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ، فېئوداللىق ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇن ۋە ساختا تويىنشۇناسلىقنى يۈرەكلىك پاش قىلغان ۋە كەسكىن تەنقىد قىلغان. ئۇ كۇڭزىنى تەنقىد قىلىشقا پېتىنغان ھەمدە: كۇڭزىنىڭ ھەق-ناھەق ئۆلچىمىنىلا ھەق-ناھەقنى ئايرىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارىغان، ئۇ يەنە كۇڭزىچىلارنىڭ «مۇھاكىمە ۋە بايان» ، «مېڭزى» قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلىرىنى قاتتىق سۆككەن ھەمدە: بۇلار «مەڭگۈلۈك تەلىمات» ئەمەس، دېگەن. ئۇ ئەينى چاغدىكى خانىدانلىق بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن تويىنشۇناسلىق ۋە تويىنشۇناسلاردىن تېخىمۇ بىزار بولۇپ، ئۇلارنى «مۇناپىقلار» ، «پەسكەش تالىپلار» ، «قۇرۇق ئېتىقادچىلار» دەپ ئەيىبلىگەن. 

لى جىنىڭ ئەسەرلىرى جەمئىيەتتە تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، زور تەسىر قوزغىغان، فېئودال مۇستەبىتلەر ئۇنى قورقۇنچلۇق بالايىئاپەت، دەپ قارىغان. 1602-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى پادىشاھ لى جىنى «ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ، كىشىلەرنى ئازدۇردى» دېگەن جىنايەت بىلەن زىندانغا تاشلاپ، ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرگەن. لى جى تۈرمىدە دۈشمەنگە قەتئىي تىز پۈكمەي، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/25236.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#