قۇمۇل راۋابى
قۇمۇل راۋابى ئۇيغۇرلارنىڭ تارلىق چالغۇلىرى. قۇمۇل ۋىلايىتى دە كەڭ تارقالغان. قاتناش تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا قولايلىق ئۆرنەك قىلىنغان، قۇمۇل راۋابى ئاساسلىقى قۇمۇل ۋىلايىتى، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ تۇرپان شەھىرى ۋە پىچان ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا كەڭ تارقالغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇمۇل راۋابىﻗﯘﻣﯘﻝ ﺭﺍﯞﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭘﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. قۇمۇل راۋابىنىڭ شەكلى دولان راۋابىغا ئوخشاش، چالغۇ گەۋدىسى ئۈجمە دەرىخى، ئۆرۈك دەرىخى ۋە ياڭاق دەرىخىدىن ياسالغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئاۋاز ساندۇقى چۆمۈچ شەكىللىك. بۇنىڭ ئىچىدە چالغۇ دەستىسى بولغان بارماق تاختىسى مىستىن ياسالغان. ياساش ھۈنەر-سەنئىتىدە بىر قەدەر ئىنچىكىلىك ۋايىغا يەتكەن.
ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺭﺍﯞﺍﺑﻰ ﺋﯜﺟﻤﻪ، ﭼﯩﻼﻥ، ﻧﻪﺷﭙﯜﺕ ﻳﺎﻏﺎﭼﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺗﯧﺮﻩ ﻗﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺵ ﺩﺍﻧﻪ ﺳﯩﻢ ﺗﺎﺭﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﻩﺳﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺗﯧﺮﻩ، ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺧﻪﺭﻩﻙ ﺋﻮﺭﻧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺯﻩﺧﻤﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺭﺍﯞﺍﺏ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻏﯩﺠﻪﻛﻜﻪ ﺗﻪﯕﺸﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭙﻼ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﺎﻟﻐﯘﺩﺍ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﻣﯘﯓ ﺋﺎﮬﺎﯕﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﭼﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺳﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﻼﺭ ﺳﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺭﺍﯞﺍﺑﺘﺎ ﭘﻪﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شىنجاڭ كۇئېنلۇن تورى
http://uyghur.xjkunlun.gov.cn/10060/10180/10003/10003/10001/2007/767555.htm
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.