ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى نىزامى

ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى نىزامى

ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى نىزامى بولسا ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، پۇقرالارنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن گوۋۇيۈەن تۈزگەن قانۇن ماددىلىرى. 

ئۇيغۇرچە نامى ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2009–يىلى 8–ئاينىڭ 19–كۈنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2009–يىلى 8–ئاينىڭ 30–كۈنى
خەنزۇچە نامى 全民健身条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2009–يىلى 10–ئاينىڭ 1–كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ 560–نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ 560–نومۇرلۇق پەرمانى

«ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى نىزامى» 2009–يىلى 8–ئاينىڭ 19–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 77–دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى. 2009–يىلى 10–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

زۇڭلى ۋېن جياباۋ

2009–يىلى 8–ئاينىڭ 30–كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقرالارنىڭ ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالارنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

 2-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى ئىشلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى پىلانلىق ياسىشى، يېزىلار ۋە شەھەرلەردىكى مەھەللە قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى ئىشلىرىنىڭ تەكشى، ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان تەنتەربىيە ئىستېمالى شۇنىڭدەك تەنتەربىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت، ئىلھام بېرىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ.

3-ماددا دۆلەت ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت-تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئىجتىمائىي تەنتەربىيە تەشكىلاتى كارخانا ئەمەس پۇقراۋى تەنتەربىيە ئورنى قاتارلىق ئاممىۋى تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيەتلىرىگە ئىلھام بېرىدۇ.

4-ماددا پۇقرالار ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىگە قانۇن بويىچە قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پۇقرالارنىڭ ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىگە قاتنىشىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى (تۆۋەندە تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى دېيىلىدۇ) شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

6-ماددا دۆلەت ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى ئىشلىرىغا ئىئانە ۋە ياردەم بېرىشكە ئىلھام بېرىدۇ.

 تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى ئىشلىرىغا ئىئانە قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

7-ماددا ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

2-باب ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پىلانى

8-ماددا گوۋۇيۈەن ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پىلانىنى تۈزۈپ، ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى خىزمىتىنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى، تەدبىرى، كاپالىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى يولغا قويۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پىلانى ۋە ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى يولغا قويۇش پىلانىنى تۈزۈشتە ئوقۇغۇچىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىنى تولۇق نەزەردە تۇتۇشكېرەك.

9-ماددا دۆلەت پۇقرالارنىڭ تەن ساپاسىنى قەرەللىك كۆزىتىدۇ ۋە ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ.

پۇقرالارنىڭ تەن ساپاسىنى كۆزىتىشنى گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەيدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى كۆزىتىشنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەسئۇل تارمىقى تەشكىللەيدۇ.

ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى تەكشۈرۈشنى گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى تەشكىللەيدۇ.

10-ماددا گوۋۇيۈەن ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پىلانىنى پۇقرالارنىڭ تەن ساپاسىنى كۆزىتىش نەتىجىسىگە ۋە ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ تۈزىتىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى يولغا قويۇش پىلانىنى پۇقرالارنىڭ تەن ساپاسىنى كۆزىتىش نەتىجىسىگە ۋە ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ تۈزىتىدۇ.

11-ماددا ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يولغا قويىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پىلانىنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندا، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى باھالىشى ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك.

3-باب ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتى

12-ماددا ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى كۈنى بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى كۈنىدە ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى كۈنىدە ئۆزىنىڭ شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، خادىملىرىنى ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىگە تەشكىللىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى كۈنىدە، تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىگە ھەقسىز يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى قىلىشقا تەشكىللىشى كېرەك.

جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى كۈنىدە جامائەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىش كېرەك؛دۆلەت باشقا تۈردىكى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى كۈنىدە جامائەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.

13-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتلىك ئاممىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى قەرەللىك ئۆتكۈزۈشى كېرەك؛ گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدارتارماقلىرى، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئېھتىياجىغا قاراپ، مەملىكەتلىك ئاممىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزسە بولىدۇ.

 يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندا ئاممىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى قەرەللىك ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

 14-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى ئەنئەنىۋى ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە ۋە دېھقانچىلىقنىڭ بوش مەزگىلىدە، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى تەشكىللىشى كېرەك.

15-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار خادىملىرىنى تەشكىللەپ، ئىش ئارىلىقىدىكى (ئالدىدىكى) گىمناستىكا ۋە ئىشتىن سىرتقى تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ شارائىتى بارلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزسە، بەدەن چېنىقتۇرۇش بويىچە سىناش، تەن ساپاسىنى سىناش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

16-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەزالىرىنى ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىگە تەشكىللىشى كېرەك.

يەككە تۈردىكى تەنتەربىيە جەمئىيەتلىرى تەنتەربىيە تۈرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، كېڭەيتىش ۋە ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

17-ماددا ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت-تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئاھالىنى ئومۇمىي خەلق تەنساغلاملىقى پائالىيىتىگە تەشكىللىشى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

18-ماددا ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتى پونكىت-نۇقتىسى، تەنتەربىيە كۇلۇبى قاتارلىق ئاممىۋى تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا، ئىلمىي چېنىقىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئۇنى قوللىشى كېرەك.

19-ماددا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيەتلىرىگە ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قانۇنسىز تەستىق ئۆتكىلى پەيدا قىلىشىغا ۋە تەستىق ھەققى ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

20-ماددا رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، گېزىت-ژۇرنال ۋە ئالاقە تور بېكىتى قاتارلىقلار ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى تەشۋىق ۋە خەۋەر قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي چېنىقىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ تەن ساغلاملىقى ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

21-ماددا مەكتەپلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنتەربىيە قانۇنى» ۋە «مەكتەپ تەنتەربىيە خىزمىتى نىزامى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى، جىنسى ۋە تەن ساپاسىغا قاراپ تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈپ، رادىيو گىمناستىكىسى، كۆز گىمناستىكىسى قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېنىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

 مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقتىدا كۈندە بىر سائەت تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

22-ماددا مەكتەپلەر ھەر ئوقۇش يىلىدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم مەكتەپ بويىچە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشى كېرەك؛ شارائىتى بارلار ئوقۇغۇچىلارنى پىيادە سەپەر، دالا لاگېرى، يازلىق-قىشلىق تەنتەربىيە لاگېرى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە پىلانلىق تەشكىللىسىمۇ بولىدۇ.

23-ماددا ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت-تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى، مەكتەپلەر ۋە ئائىلىلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

 ياشلار، ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى، ئۆسمۈرلەر سارىيى، ئاياللار ۋە بالىلار مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپبېرىشى كېرەك.

24-ماددا ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقىغا دائىر چوڭ پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەندە، دۆلەتنىڭ چوڭ ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلىرى بويىچە، بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

25-ماددا ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ چېنىقىش پائالىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ فېئودال، خۇراپاتلىقنى تەرغىب قىلىدىغان، ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ بولغان، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

4-باب ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى كاپالىتى

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى خىزمىتىگە كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملاشتۇرۇش سېلىنمىسىنى تەدرىجىي كۆپەيتىشى كېرەك.

دۆلەتنىڭ لاتارىيە جامائەت پاراۋانلىق فوندىنى تەقسىملەشكە دائىر سىياسىتى بويىچە، تەنتەربىيە مەسئۇل تارماقلىرى تەقسىملىگەن لاتارېيە جامائەت پاراۋانلىق فوندىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى ئىشلىرىغا ئىشلىتىش كېرەك.

27-ماددا جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى پىلانلاش، ياساش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش، ئاسراش ۋە جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلارغا مۇلازىمەت قىلىشتا، «جامائەت مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى نىزامى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك.

جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى شۇ جايىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە قاراپ پىلانلاش، ياساش، ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىگە يېقىن ئەتراپتا قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىش كېرەك؛ يېزىلارنىڭ جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى پىلانلاش، ياساشتا يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇش ئادىتىنىمۇ نەزەردە تۇتۇش كېرەك.

28-ماددا مەكتەپلەر تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋېتىشى كېرەك. ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى پائال شارائىت يارىتىپ، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى جامائەتكە ئېچىۋېتىشى كېرەك؛ دۆلەت پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى جامائەتكە ئېچىۋېتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئېچىۋەتكەن مەكتەپلەرنى قوللايدۇ، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى جامائەتكە ئېچىۋەتكەن مەكتەپلەر ئۈچۈن ئالاقىدار جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى بېجىرىپ بېرىدۇ.

مەكتەپلەر ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىش ئېھتىياجىغا قاراپ، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەتكەن جامائەتتىن تېگىشلىك ھەق ئالسا بولىدۇ.

29-ماددا باغچا، يېشىلزارلىق قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار شارائىتىغا قاراپ، ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيەت سورۇنلىرىنى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، چېنىقىش ئۈسكۈنە –سايمانلىرىنى ھەقسىز بېرىدۇ.

ئاھالە تۇرالغۇ رايونلىرىنى لايىھەلەشتە، چېنىقىش سورۇنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

30-ماددا باغچا، يېشىلزارلىق، مەيدان قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرى ۋە ئاھالە تۇرالغۇ رايونلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار شۇ جامائەت سورۇنى ۋە ئاھالە تۇرالغۇ رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئومۇمىي خەلق چېنىقىش ئۈسكۈنە-سايمانلىرىنى باشقۇرغۇچى ۋە ئاسرىغۇچىلارنى قويۇشى كېرەك.

31-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچى خادىملىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىگە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

دۆلەت ھەق ئېلىشنى مەقسەت قىلماي، جامائەتكە چېنىقىش ماھارىتى ئۆگىتىش، ئۇلارنى چېنىقىشقا تەشكىللەش، ئىلمىي چېنىقىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچى خادىملىرى ئارىسىدا تېخنىكا دەرىجىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى ئۇلارنى ئالاقىدار بىلىم ۋە ئىقتىدار بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىشى ھەمدە ئۇلارغا ئارخىپ تۇرغۇزۇشى كېرەك.

دۆلەت چېنىقىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى كەسىپ قىلغان ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچى خادىملىرى ئارىسىدا كەسىپ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. بەك خەتەرلىك تەنتەربىيە تۈرلىرىدە چېنىقىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى كەسىپ قىلغان ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچى خادىملىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە كەسىپ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشى كېرەك.

32-ماددا بەك خەتەرلىك تەنتەربىيە تۈرلىرىنى يولغا قويغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك:

(1) ئالاقىدار تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(2) بەلگىلەنگەن سانغا يەتكەن، دۆلەتنىڭ كەسىپ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغان، ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىسى ۋە قۇتقۇزغۇچى خادىملىرى بولۇش؛

(3) مۇناسىپ بىخەتەرلىك كاپالەت تۈزۈمى ۋە تەدبىرى بولۇش.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، شۇ جايغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى؛ تەستىقلىغانلىرىدا ئىجازەتنامە بېرىشى، تەستىقلىمىغانلىرىدا، ئىلتىماس سۇنغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

بەك خەتەرلىك تەنتەربىيە تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىق ھۆججىتىنى ئېلىپ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە تىزىملىتىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بەك خەتەرلىك تەنتەربىيە تۈرلىرى مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ، تەڭشەپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ ئېلان قىلىشى كېرەك.

33-ماددا دۆلەت ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچىلەر ۋە چېنىقىش سورۇنلىرىنى باشقۇرغۇچىلارنى ئالاقىدار جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قانۇن بويىچە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

دۆلەت ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان پۇقرالارنى كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىغا قانۇن بويىچە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

34-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى بەكخەتەرلىك تەنتەربىيە تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

35-ماددا مەكتەپلەردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەسئۇل تارمىقى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمى ۋەباشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

36-ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، بەك خەتەرلىك تەنتەربىيە تۈرلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يولغا قويغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 30 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

37-ماددا بەك خەتەرلىك تەنتەربىيە تۈرلىرىنى يولغا قويغانلاردىن ئىجازەتنامە ئالغاندىن كېيىن مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان بولۇپ قېلىپمۇ شۇ تەنتەربىيە تۈرىنى يولغا قويۇۋەرگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەسئۇل تارمىقى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 30 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

38-ماددا چېنىقىش پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ فېئودال، خۇراپاتلىقنى تەرغىب قىلىدىغان، ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ بولغان، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان،پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

39-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى خادىملاردىن ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى خىزمىتىدە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

40-ماددا بۇ نىزام 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/20/c_131540495_7.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#