دائىرىلىك چاچ چۈشۈش

دائىرىلىك چاچ چۈشۈش

چاچنىڭ مەلۇم دائىرە ئىچىدە تۆكۈلۈپ چۈشۈش ( بۇ خىل كىسەل تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ھېچقانداق ئاغرىش، قىچىشىش ئەھۋاللىرى بولمايدۇ. بىر پارچە ياكى بىر قانچە يەردىكى چاچلار چۈشىدۇ،  بۇ خىل چاچ چۈشۈش كۆپىنچە دۈگىلەك ياكى سوقىچاق شەكىللىك، گىرۋەكلىرى تەكشى بولىدۇ ) دىن ئىبارەت بىر خىل چاچ كىسەللىكى بولۇپ ، خەلق ئارىسىدا <يىلپىز يالاش يەنى شەيتان يالاش > دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۇ كېسەل بىر خىل ئۆزلۈكىدىن ئىممۇنىتېتلاش تىپىدىكى غەيرىي تاتۇق خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈش كېسەللىكىدۇر،بەدەننىڭ چاچ ۋە تۈك بار ئورۇنلىرىدا دائىم كۆرۈلىدۇ ، دائىرىلىك تېرە نورمال بولىدۇ ،كېسەللىك ئالامىتى ئۆزىگە بىلىنمەيدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى دائىرىلىك چاچ چۈشۈش
جۇڭيى تىبابىتى نامى دائىرلىك (تەڭگىسىمان) چاچ چۈشۈش
خەنزۇچە نامى 斑秃
تەۋە بۆلۈم تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى بەدەندىكى تۈك بار ئورۇنلار
ئاساسلىق ئالامىتى مەلۇم ئورۇننىڭ چېچى تەڭگىسىمان تۆكۈلۈش، چاچ چۈشكەن ئورۇن يۇمشاق، پارقىراق، سىلىق بولۇش
كېسەللىك سەۋەبى چاچ يىلتىزىنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى تەسىرگە ئۇچراش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ياشلار، ئوتتۇرا ياشلار
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە باشقىچە نامى 圆形脱发,圆秃,鬼剃头

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دائىرىلىك چاچ چۈشۈشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، چاچ يىلتىزىنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى تەسىرگە ئۇچراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: كۆپىنچە بىر كېچىدىلا مەلۇم ئورۇننىڭ چېچى تەڭگىسىمان تۆكۈلۈش، چاچ چۈشكەن ئورۇن يۇمشاق، پارقىراق، سىلىق بولۇشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

 

چاچنىڭ مەلۇم دائىرە ئىچىدە تۆكۈلۈپ چۈشۈش ( بۇ خىل كىسەل تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ، ھېچقانداق ئاغرىش، قىچىشىش ئەھۋاللىرى بولمايدۇ. بىر پارچە ياكى بىر قانچە يەردىكى چاچلار چۈشىدۇ،  بۇ خىل چاچ چۈشۈش كۆپىنچە دۈگىلەك ياكى سوقىچاق شەكىللىك ، گىرۋەكلىرى تەكشى بۇلىدۇ ) دىن ئىبارەت بىر خىل چاچ كىسەللىكى بۇلۇپ ، خەلق ئارىسىدا <يىلپىز يالاش يەنى شەيتان يالاش > دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

      كىسەللىك سەۋەبى :

      خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن، بۇزۇق ماددىلار تۈك بەزلىرىگە تەسىر قىلىش سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىچكى ئاجراتما بەزلەر خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشى ، زەھەرلىنىش، ئىرسىيەت ئامىللىرى، شۇنداقلا روھىي ئامىللارنىڭ تەسرىدىنمۇ بولىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: چىلان يەتتە دانە، گۈلى بىنەپشە، نېلۇپەر، شاھتەررە بەش گىرامدىن، چالا سوقۇلغان كاسىنە يەتتە گىرام، كاسىنە يىلتىزى، سېرىق ھېلىلە، رەيھانگۈل، قىزىلگۈل سەككىز گىرامدىن، سۇ بىر لىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا بىرلەشتۈرۈپ سۇغا سېلىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قايناتقاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گىرامدىن ئىچىلىدۇ.

2-رېتسېپ

دائىرىلىك چاچ چۈشۈشتەركىبى: ئاچچىق لازا، قىزىلباش سامساق 100 گىرامدىن، شاپتۇل مېغىزى يېغىدىن 300 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: لازا بىلەن سامساقنى ئايرىم-ئايرىم سوقۇپ، شاپتۇل مېغىزىنىڭ يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ بىر سوتكا تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ماتا بىلەن سىقىپ يېغىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم يەرلىك ئورۇن سىرتتىن ياغلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: كۇندۇش، شاترەنج ھىندى بىر گىرامدىن، كىرپە يېغى بەش گىرام، قاغا مېڭىسىدىن ئىككى گىرام، زەيتۇن يېغى 50 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: كۇندۇش بىلەن شاترەنج ھىندىنى يۇمشاق سوقۇپ، كىرپە ۋە زەيتۇن يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە قاغا مېڭىسى بىلەن سوقۇلغان دورىلارنى سېلىپ، بىر سوتكا تۇرغۇزغاندىن كېيىن ماتا بىلەن سىقىپ يېغى سۈزۈپ ئېلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 2 ~ 3 كۈندە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇن سىرتتىن ياغلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#