بەل ئاغرىش

بەل ئاغرىش

بەل ئاغرىش كلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بەلنىڭ بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپنىڭ ئاغرىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان يەرلىك ئورۇندىكى يېقىمسىزلىنىشتىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە نامى بەل ئاغرىش
خەنزۇچە ئاتىلىشى 腰痛

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەل ئاغرىش كلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بەلنىڭ بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپنىڭ ئاغرىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان يەرلىك ئورۇندىكى يېقىمسىزلىنىشتىن ئىبارەت.كۆپۈنچە بەل ئومۇرتقا كىسەللىكى ،داس بوشلىقىدىكى ئەزالار كىسەللىكى بۆرەك، بالىياتقۇ،تۇخۇمدان،سۈيدۈك يولى كىسەللىكى، تاناسىل ئەزا كىسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1. بەلغەم خىلتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگۈرىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ. ھۆل سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرى، بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى قاتارلىقلاردىن بولىدۇ.

 2. سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگۈرىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ سۆڭەك ئۆسسۈپ قېلىش، سۆڭەك سىلى، سۆڭەك راكى ۋە بىر قىسىم ئۆسمىلەرنىڭ تەسىرىدىن بېسىلىشتىن كىلىپ چىقىدۇ.

 3. ھەر خىل زەخمىلىنىشتىن مەسىلەن: ھەر خىل ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، بېسىلىش، بەل قىسىمدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ زەخمىلىنىشى قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ.

 4. سۆڭەك ۋە ئومۇرتقا كىسەللىك ئۆزگۈرۈشى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش، سۇنۇق، چىقۇق، ئۆسمە قاتارلىقلار.

5. بۆرەك كىسەللىكى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھەر خىل ئۆتكۈر، سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى، بۆرەك تاش كىسەللىكى ،بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى قاتارلىقلار.

6. تاناسىل ئەزا كىسەللىك ئۆزگۈرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ .جىنسىي ئاجىزلىق، مەزى بېزى ياللۇغى، بالياتقۇ ۋە بالياتقۇ قوشۇمچىلىرى ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىقلار. كلىنىك ئىپادىسى سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بەل ئاغرىشنىڭ كلىنىك ئىپادىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ بەلنىڭ ئاغرىشى ئەڭ ئاساسلىق ئالامىتى بولۇپ سوغۇق ئۆتۈش، ئېغىر ھەركەت قىلىشتىن ئاغرىق كۈچىيىدۇ. ياشلاردىكى بەل ئاغرىش كۆپۈنچە بەل قىسىم زەخمىلىنىشتىن بولسا ياشانغانلاردا بولسا بەل ئومۇرتقا ،بوغۇم، كېسەللىكلىرى، سۆڭەك شالاڭلاش قاتارلىقلاردىن بەل ئاغرىش بولىدۇ. ئىسسىق ئۆتكۈزسە ياكى تۈز يېتىپ بەرسە بىرئاز ئارام بېرىدۇ. ئېغىرلاشقانسىرى بەل بىلەن بىرگە توققۇزكۆز، ئىككى يوتا تېلىپ ئاغرىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئىگىلىش، ئۆرە بولۇش، ئولتۇرۇش قوپۇش خىزمىتى قېيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. يۆتەلگەندە ياكى چىڭقالغاندا ئاغرىش كۈچىيىپ كىتىدۇ. ئومۇرتقا كىسەللىرى ،سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش، ئومۇرتقا ئارلىق تەخسىلىرى چىقىپ قېلىش سەۋەبىدىن بولسا بېسىلىپ ئاغرىش بولىدۇ، ئاغرىش تۆۋەنكى مۆچىگىچە تارقايدۇ. سۆڭەك سىلى ،بۆرەك كىسەللىرى، بالىياتقۇ، جىنسىي ئەزا كىسەللىرى تەسىرىدىن بولسا داۋاملىشىش خاراكتىرلىك تېلىپ ياكى كۆيۈپ ئاغرىش بولىدۇ.مۇناسىپ بەدەن بەلگۈلىرى كۆرلىدۇ. ئەگەشمە ئالامىتى بەل ئاغرىش بىلەن تۆۋەنكى مۆچىلەردە تېلىپ ئاغرىش بولىدۇ. بەل ئاغرىش بىلەن ھەركەت توسقۇنلۇققا ئۇچراش بولىدۇ. بەل ئاغرىش بىلەن سىيىش قېيىنلىشىش، قان، ئاخسىل سىيىش بولىدۇ. بەل ئاغرىش بىلەن ھېيىز قالايمىقانلىشىش بولىدۇ. بەل ئاغرىش بىلەن سېزىم توسقۇنلۇققا ئۇچراش قوشۇلۇپ كىلىدۇ. سوراپ تەكشۈرۈش بەل ئاغرىشنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتى، ئورنى، داۋاملىشىش ۋاقتى، ئېغىر – يىنىكلىك دەرىجىسى، تارقاش ئورنى، خاراكتىرى، ئاغرىشنىڭ ھەركەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئاغرىشنى كۈچەيتكۈچى ۋە پەسەيتكۈچى ئامىللار، قوشۇمچە ئالامەتلەر قاتارلىقلارنى سوراپ تەكشۈرۈش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرى زەخمىلىنىش تارىخىنىڭ بار-يوقلىقى، ئوپراتسىيە تارىخىنىڭ بار-يوقلۇقى، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش تارىخىنىڭ بار يوقلۇقىنى تەپسىلى سوراش لازىم .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1015

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#