سىداۋخوزا بازىرى

سىداۋخوزا بازىرى

سىداۋخوزا بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 45 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا، قۇربان توڭغۇت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى سىداۋخوزا بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 420 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نومۇرى 0993
خەنزۇچە ئاتىلىشى 四道河子镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى
نوپۇسى 17400 دىن ئارتۇق ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى sì dào hé zǐ zhèn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىداۋخوزا بازىرىسىداۋخوزا بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 45 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا، قۇربان توڭغۇت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقىي كونا ساۋەن بازىرى بىلەن قوشنا، غەربىي يېزا ئىگىلىك 8-شىسى 122-،121-تۇەن بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي  يېزا ئىگىلىك 8-شىسىنىڭ 144-تۈەنى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا قۇملۇق بويىغىچە سوزۇلغان. بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 420 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 227 مىڭ 800 مو، قارىمىقىدا 36 كەنت بار. خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق 10 مىللەت ئولتۇراقلاشقان. بازاردا تۇرۇشلۇق 22 كارخانا كەسپىي ئورۇن بار، بىر پاختىنى يېتەكچى كەسىپ قىلغان يېزا ئىگىلىك چوڭ بازارى.

سىداۋخوزا بازىرىسىداۋخوزا بازىرى قارمىقىدا: بافىندى كەنتى، شياجاڭزا كەنتى، يۇفاڭجاڭزا كەنتى، خېتەنسۈن كەنتى، جۇڭشىيىن كەنتى، شىندى كەنتى، سەنگېجۇاڭزا كەنتى، چياۋتۇ كەنتى، لوڭكۇ كەنتى، سوخۇ كەنتى، دېڭجاچۈي كەنتى، بېيشاگۇ كەنتى، شىندۇجاڭ كەنتى، شىداچۇ كەنتى، سەنداۋپىڭ كەنتى، گاۋتۇجاڭ كەنتى، شۈيجياجاڭ كەنتى، سىداۋخوزا كەنتى، شىياۋشۇجاڭ كەنتى، لىجياجاڭ كەنتى، شەرقىي سەنچاپىڭ كەنتى، يۇڭشېڭ كەنتى، ئېرىق بويى يېڭى كەنتى، ساباۋ كەنتى، شياباخۇ كەنتى، شاڭيېدى كەنتى، شىياشامىنزى كەنتى، شايىدى كەنتى، ياڭشۇ كەنتى، ياڭجاداۋ كەنتى، شاۋوداۋ كەنتى، غەربىي سەنچاپىڭ كەنتى، شالياڭزا كەنتى، مېۋىلىك باغ كەنتى، تۇڭشۇ كەنتى قاتارلىق 36 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

سىداۋخوزا بازىرىدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى، «ئالدىنقى بازىسى»، «ئاساسىي جەڭ مەيدان» ئېڭى كۈچەيتىلگەن، مۇقىملىقنى ساقلاشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان، كۆلەملىك ئىگىلىكنى قۇرۇپ چىقىش، يۈرۈشلۈك، قېلىپلىق بولغان بىرلەشمە كوپراتىپ 3 كە يەتكەن، ئاكتىپلىق بىلەن يەر ھەمكارلىق پايچىك كوپىراتىپى ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش چارۋىچىلىق باقمىچىلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى يېڭىدىن قۇرۇلغان، ھەمدە ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرغان، ئەتراپىدىكى كەنتلەرنىڭ رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىستىراھەت، ساياھەت، ھويلا-ئارام ئۈزۈش ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى قۇرۇپ، قۇملۇق گىرۋىكىدىكى ئۆزگىچە تېرىقچىلىق شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇق ئىشلەپچىقىرىش كەسپى يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تاماملىغان، ساياھەت يېزا ئىگىلىكى، ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغان.

مەركىزى مەكتەپ بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبوروت ئۆي مەسىلىسى، شىپاخانا ئامبۇلاتورىيە كېسەل بىنا قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەخلاق تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، سەككىز ئاجىز، چېچىلاڭغۇ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى، كەنتنىڭ «ئىككى كومىتېت»نىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش، بىرلەشمە كەنت خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان.

تەرەققىيات ئەندىزىسى

سىداۋخوزا بازىرىدا كىچىك شەھەر قۇرۇلۇشى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم، ئىجتمائىي مۇقىم، لېكىن سىداۋخوزا بازىرى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ھەرگىزمۇ ھازىرقى نەتىجىلىرى بىلەن مەيۈسلىنىپ قالماي، بۇ بازار ئىگە بولغان جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر -بازارلاشتۇرۇش ۋە سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تىرىشىپ تېز ئىلگىرى سۈرگەن.

تەرەققىياتى

2007-يىلى، سانائەت ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %15 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ، 2007-يىلى 6 مىليون 10 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى %5 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ 7380 يۈەنگە يەتكەن. سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش پىلانىدىن 6 مىليون يۈەن تاماملانغان.

سىداۋخوزا بازىرىچارۋىچىلىقدا يىل ئاخىرىدا قوتاندىكى چارۋا-مال سانى 63 مىڭ تۇياققا يىتىپ، ئەڭ كۆپ چارۋا-مال بېقىلىش مىقدارى 113 مىڭ تۇياققا يەتكەن.

2015-يىلى، پۈتۈن بازار تىرىشىپ بازار قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 930 مىليون يۈەنگە يىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشقان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 189 مىليون 830 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئاشقان، تاماملانغان جەمئىيەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك مەبلىغى 70 مىليون يۈەن بولغان.

2014-يىلى بازار بويىچە سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 17 مىليون 340 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، بۇلتۇرقىدىن %8 ئاشقان، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 17413 يۈەنگە يىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪6 ئاشقان، كوللېكتىپ كىرىمى 7 مىليون 234 مىڭ يۈەن بولغان. ئىقتىساد ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرى سىجىل، تېز سۈرئەتلىك، ساغلام تەرەقىياتقا ئىگە بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#