تۆگە گۆشى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ تۆگە ئائىلىسىدىكى قوش لوكىلىق تۆگىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ گۆشى دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ئىسسىق، ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق.
«تەبىئەت» نى ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، يەللەرنى تارقىتىش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، قىزىتما پەسەيتىش، كونا - يېڭى باش ئاغرىقىنى قالدۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، قان توختىتىش.
باھ ئاجىزلىق، تەمرەتكە، قارا داغ، بوۋاسىر، خانازىر، ئىستىسقا، سەرتان، پالەچ، نىقرەس، رەئىشە، ئىششىق، يىرىڭلىق جاراھەت ۋە يارا قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
1. گۆشىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا پىشۇرۇپ يېسە، باھنى ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
2. مۇۋاپىق مىقداردىكى مۇقەلنى كۈدە سۈيىدە ئېرىتىپ، تۆگە يېغى ئارىلاشتۇرۇپ سىرتتىن سۈركىسە، بوۋاسىر دانىلىرىنى يوقىتىدۇ.
3. تۆگە جىگىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، كۆزنى قۇۋۋەتلەيدۇ، كۆزگە چۈشكەن سۇنى يوقىتىدۇ.
3 ~ 10 گىرام.
ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.
سىركە، بىنەپشە، ئاچچىقسۇ.
بۆرە ئەرمىنى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىن ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چىقىدۇ.
ئەرقى مائۇل لەھمى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.