جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى

جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى

جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى قىسقارتىلىپ قۇرۇلۇش بانكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاساس قۇرۇلۇش قاتارلىق مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان مەخسۇس بانكا.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى
باش شىتابى بېيجىڭ
توربېكىتى http://www.ccb.com/
قىسقارتىلما نامى قۇرۇلۇش بانكىسى
خەنزۇچە نامى 中国建设银行
قۇرۇلغان ۋاقتى 1954-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
چەتئەلچە نامى China Construction Bank

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىجۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى قىسقارتىلىپ قۇرۇلۇش بانكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاساس قۇرۇلۇش قاتارلىق مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان مەخسۇس بانكا بولۇپ، 1954-يىل 10-ئاينىڭ1-كۈنى قۇرۇلغان. ئۇ مەخسۇس پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاساس قۇرۇلۇشلىرىغا پۇل ئاجرىتىش ھەمدە بىناكارلىق كارخانىلىرىغا تۇراقسىز مەبلەغ قەرزى بېجىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1984-يىلى 8-ئايدا گوۋۇيۈەن دۆلەت مەبلەغ سالغان بارلىق تۈرلەرگە قەرز بېرىشنى يولغا قويىدۇ، دەپ بەلگىلىدى. قۇرۇلۇش بانكىسى قۇرۇلغاندا، مالىيە مېنىسترلىكى رەھبەرلىك قىلغانىدى. 1979-يىلى8-ئايدا گوۋۇيۈەن قۇرۇلۇش بانكىسىنى گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات قىلىپ بەلگىلىدى. 1982-يىلى قۇرۇلۇش بانكىسى يەنە باش ئىدارە دەرىجىلىك پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادىي تەشكىلاتى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى ئۇنىڭ ئاساسلىق كەسپىي پائالىيىتى: ئاساس قۇرۇلۇش ۋە گېئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش چىقىم خام چوتىنى باشقۇرۇش؛ ئاساس قۇرۇلۇش مالىيە پىلانى ۋە ئاساس قۇرۇلۇش مالىيە راسچوتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش؛ ئاساس قۇرۇلۇش باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈش؛ ئاساس قۇرۇلۇشقا خىراجەت ئاجرىتىپ بېرىش، ئاساس قۇرۇلۇشقا، تېخنىكا يېڭىلاشقا قەرز بېرىش؛ ئاساس قۇرۇلۇش مەبلىغىنى تارقىتىش؛ ئېكسپورت سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا قەرز بېرىش؛ ھاۋالە كەسپىنى قانات يايدۇرۇش؛ پۇل ئامانىتى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىقۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ باش بانكىسى بېيجىڭغا جايلاشقان، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدە ھەمدە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە تارماق بانكىسى تەسىس قىلىنغان، ۋىلايەتلەردە مەركىزىي تارماق بانكىلار، ناھىيىلەردە ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلىنغان. قۇرۇلۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى بار جايلاردا تارماق بانكا تەسىس قىلىنغان. قۇرۇلۇش بانكىسى قۇرۇلۇش مەبلىغىنى توپلاپ تەقسىملەپ بېرىدۇ ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ، قۇرۇلۇش مەبلىغىنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىدۇ، دېمەك، ئۇ مالىيە ۋە بانكىنىڭ قوش فۇنكسىيىسىگە ئىگە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#