يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەكنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان تومۇرنىڭ توسۇلۇپ قىلىشىدىن يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، كىلىنىكىدا تۆش سۆڭەك ئارقا قىسمى، يۈرەك ئالدى رايونى تۇتقاقلىق ئاغرىش، قىزىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى دېيىلىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى
كېسەللىك سەۋەبى يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشى
تەۋە بۆلۈم يۈرەك قان تومۇرى ئىچكى بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى acute myocardial infarction,AMI
ئاساسلىق ئالامىتى پۇت-قوللىرى ماغدۇرسىزلىنىش، ئايلىنىپ كېتىش
خەنزۇچە نامى 急性心肌梗死
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان تومۇرلارنىڭ مەلۇم قىسمىدا توسۇلۇش پەيدا بولۇش ياكى يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1.قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە كۆيۈشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

4. ھەرخىل يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5. باشقا كېسەللىك سەۋەبلىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن؛ ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك، روھىي كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقى، يۇقىرى قان مېيى كېسىلى قاتارلىقلار.

ئالامىتى: كۆكرەك ساھەسىدە چىدىغۇسىز قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىش بىلەن باشلىنىپ، پۇت-قوللىرى ماغدۇرسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشۈش ۋە ئايلىنىپ كېتىش، ھوشسىزلىق ئىچىدە رەڭگى تاتىرىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كېسەللىك تۇتۇشتىن ئىلگىرى يۈرەك سانجىقى بىلەن ئاغرىغان تارىخى بولىدۇ، يۈرەك سانجىقىنىڭ تۇتۇش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ. بىماردا كۆپ چارچاش، مەيدىسى سىقىلىپ بىئارام بولۇش، ھەرىكەت قىلغاندا يۈرەك سېلىش، ھاسىراش، تىنچسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، تەرلەش، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 8 خىل ئۇسۇل

1. ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك. ھاراق، تاماكىنىڭ تەبىئىيىتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، بۇ خىل كەيپىيات بەدەنگە ئۇزۇن ۋاقىت تەسىر قىلسا بەدەندە ساۋدا خاراكتېرلىك چۆكمە پەيدا قىلىدىغان ماددىلار مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە قوزغىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۆپكىنىڭ خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قاننىڭ بۇزۇلۇشىنى پەيدا قىلىدۇ. ھاراق بولسا مېڭە خىزمىتى جىددىيلەشتۈرۈپ ئۇنىڭ قوماندانلىق خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، جىگەرنىڭ ساپ خىلىت ئىشلەپچىقىرىش، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا قىلىدىغان ئاساسى سەۋەپلەردۇر .

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى2. ئوزۇقلىنىشنى تەرتىپكە سېلىش. بۇنىڭدا ئاساسلىقى يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۇزنى كونترول قىلىش بىلەن بىرگە، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى، بولۇپمۇ ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئاز ئىستېمال قىلىش ياكى ئىستېمال قىلماسلىق، يېزائىگىلىك دورىلىرىدىن بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق، تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەل پەيدا قىلىش تەسىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەر، قارا ئاشلىق، سەي-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، سوۋۇتۇلغان ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق .

3. يېمەكلىك مىقدارى ۋە يېمەكلىك ئىستېمال ۋاقتىنى كونترول قىلىش. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئەتىگەندە ياخشى نەرسىلەر بىلەن قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىش، چۈشتە تاماقنى كۆپ تاللاپ كەتمەسلىك، كەچتە بولسا مۇمكىن قەدەر تاماق يېمەسلىك، يېيىشكە توغرا كەلسىمۇ ۋاقىتنى بالدۇرراق ئورۇنلاشتۇرۇپ يەڭگىل تائاملار بىلەن ئوزۇقلىنىش لازىم (ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قەدىمكى كىلاسسىك كىتابلىرىدا << ئادەم ئوزۇقلىنىشتا ھەر ئىككى كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يېگەندە تېۋىپقا ھاجىتى چۈشمەيدۇ>> دەپ قەيت قىلىنغان ) .

4. ھەرىكەت ۋە ئارام ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇنىڭدا ئاساسلىقى تاماق يەپلا يېتىۋالماسلىق، ئۇخلاش ئالدىدا تەس ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق، جىسمانىي ۋە ئەقلىي ھەرىكەتتە زىيادە چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش شۇنداقلا ئۇيقۇسىز قېلىشتىنمۇ ساقلىنىش كۈندىلىك يەڭگىل ھەرىكەتلەرنىڭ مىقدارىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش.

5. روھى جەھەتتىن ئۆزىنى ساغلام تۇتاشقا كاپالەتلىك قىلىش. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ھەر قانداق بىر ئىشقا يولۇققاندا سوغۇققان بولۇپ، زىيادە ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش، ئاچچىقلانماسلىق، غەزەپلەنمەسلىك ئارتۇقچە خۇشال بولماسلىق، كەيپىياتى تۇراقسىزلاشقاندا ئۇنى تەڭشەيدىغان كىتاب ئوقۇش، كىنو كۆرۈش، ساياھەت قىلىش، دوسلار بىلەن ئۇچرىشىش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناش، چېنىقىشقا قاتنىشىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىش، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا پەقەت پەقەت ئامال بولمىغاندا پىسخىك مەسلىھەتچىلەردىن ياردەم سوراش .   

6. بەدەن سەمرىپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش. بۇنىڭدا ئاساسلىقى يۇقىرىدا ئېيتىلغان يېمەكلىكنى تەرتىپكە سېلىشتىن باشقا، يەنە كۆپ ئۇخلىماسلىق، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، يول ماڭغاندا قاتناش قوراللىرىدا كۆپ ئولتۇرماسلىق، پىيادە يولنى كۆپرەك مېڭىش، ئولتۇرۇپ ئەمگەك قىلىدىغانلار جىسمانىي ھەرىكەتنى تولۇقلاشقا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش، چوڭ تەرەت قېتىۋېلىشنىڭ ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىش، ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بەدەندىكى ماددىلارنى تازىلىتىش چارىسىنى قوللىنىش .

7. قەرەللىك بەدەن تەكشۈرتۈشكە ئەھمىيەت بېرىش. بۇنىڭدا ئاساسلىقى يېشى 40 ياشتىن ئاشقاندا يۇقىرى قان بېسىم، قەنت سىيىش كېسەللىكى، قان قويۇلۇش، جىگەر كېسەللىكى، بۆرەك كېسەللىكى ۋە ئىچكى ئاجراتما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا كېسەللىكلەرگە قارىتا قەرەللىك تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىپ، كېسەللىك بايقالغان ھامان ۋاقتىدا، بالدۇر داۋالىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش .

8. قالايمىقان دورا ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش. بۇنىڭدا ئاساسلىقى تېۋىپ ياكى دوختۇرلارنىڭ مەسلىھەتىسىزلا ئۆز مەيلىچە دورىخانىلاردىن دورا سېتىۋېلىپ قالايمىقان ھالدا دورا ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىدىغان ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىش، ھەر قانداق بىر دورا ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشتا ئامال بار تېۋىپ ياكى دوختۇرلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ ئاندىن ئىستېمال قىلىشنى ئويلىشىش. [0]

پىسخىكىلىق كۈتۈنۈش

 كەيپىياتنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش، ھاياجانلانماسلىق. ھەددىدىن زىيادە چارچاش ۋە سوغۇق ئۆتۈپ زۇكام بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

 يېتىپ كۈتۈنۈش:

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كارىۋاتتا يېتىپ كۈتۈنۈشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرسا بولىدۇ. كارىۋاتتا بىر قەدەر ئۇزۇن ياتقان ئاغرىق قول-پۇتلىرىنى قەرەللىك ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى يېيىش:

 ھەزىم قىلىش ئاسان، قورساقنى كۆپتۈرمەيدىغان، ۋىتامىن تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىش، بەك تويۇنۇپ يەپ يۈرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىش ۋە خولېستىرىن كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

 كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش ئىپادىلىرىگە دىققەت قىلىش:

 يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمسىىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى بولمايدۇ، مەسىلەن: بەزى كېسەللەردە قايتىلىما خاراكتېرلىك چىش ئاغرىقى كۆرۈلىدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ ئاۋۋال ئاشقازىنى ئاغرىيدۇ. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى تارىخى بارلار بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئاغرىق ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە زىيادە ھاياجانلانماسلىقى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. [1]

1-رېتسېپ

تەركىبى: قۇستە 30 گىرام، پىلپىل، پەرپىيون، ئاقىرقەرھا 12 گىرامدىن، قۇندۇز قەھرى 5. 6 گىرام، كونا مۇسەللەس 300 گىرام، زەيتۇن ياكى كۈنجۈت يېغى 150 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قۇستە، پىلپىل، ئاقىرقەرھالارنى چالا سوقۇپ، مۇسەللەسكە بىر سوتكا چىلاپ، 150 گىرام قالغۇچە قاينىتىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېلىپ، كۈنجۈت يېغى ياكى زەيتۇن يېغىنى قۇيۇپ، مۇسەللەس پارغا ئايلىنىپ ياغلا قالغۇچە قاينىتىپ، قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، قازاندىكى ياغ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، دورا سوۋۇغاندىن كېيىن سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: سىرتىدىن ئاغرىق جايغا چېپىلىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: قارىمۇچ، ئاقمۇچ، ئاق بەزرۇلبەنجى 80 گىرامدىن، ئەپيۈن 40 گىرام، زەپەر 20 گىرام، سۇمبۇل، ئاقىرقەرھا، پەرپىيون، لىسانىل ئاساپىر تۆت گىرامدىن، ھەسەل 900 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: زەپەر بىلەن ئەپيۈندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن زەپەرنى سېلىپ، ئارقىدىن ئەپيۈننى سېلىپ، كېيىن قالغان دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. زەپەر بىلەن ئەپيۈن ئايرىم سوقۇلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 3. 0 ~ 5. 0 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (10 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا بولمايدۇ) .

3-رېتسېپ

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىتەركىبى: گاۋزىبان ھىندى، ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، تازىلانغان پىلە غوزىسى، بالەنگۇ ئۇرۇقى، ئاق بەھمەن، سەندەل، پەرەنجىمۇشكى 30 گىرامدىن، مەرۋايىت، ئىپار 5. 2 گىرامدىن، ئەنبەر بەش گىرام، ناۋات 1200 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلار چالا سوقۇپ، 10 ھەسسە سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى سۈيىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىلىپ، سۈزۈپ سۈيىگە 5. 1 ھەسسە ناۋات سېلىنىپ قىيام قىلىنىدۇ. قىيام سوۋۇپ ئىلمان ھالەتتە كەلگەندە ئۈستىگە سالايە قىلىنغان ئىپار، ئەنبەر، مەرۋايىتلار سېلىنىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسەللىكى بار كىشىلەرنى ئائىلىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى بىلىۋېلىڭ 


يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسەللىكى كۆپ ھاللاردا كېچىسى قوزغىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۆيدىكىلەر قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئىزدەپ جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل كېسەللىك قوزغالغاندا ئائىلىدىكىلەر جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى قوللىنىش لازىم. بۇ خىل كېسەللىك قوزغالغاندا ئۆيدىكىلەر كېسەلنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئۆينى ئايلاندۇرۇپ يۈگۈرتۈش كېرەك. چۈنكى، كېچىسى ئۇخلاۋاتقاندا قاننىڭ ئايلىنىشى ئاستىلايدۇ، قاننىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى ئاجىزلايدۇ، قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا تۆۋەنلەيدۇ. قان نوكچىلىرى ئېقىپ تاجىسىمان قان تومۇرنىڭ تار جايىغا بارغاندا نوكچىلەر ئاستا-ئاستا توختاپ قېلىپ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇڭا، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغالغان كېسەلنى ئۆيدە يۈگۈرتكەندە قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلەتكىلى، قاننىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرغىلى، شۇ ئارقىلىق كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغالغان كېسەللەرنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ يۈگۈرتۈشكە بولمىسا، كېسەلنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، سول كۆكرىكىنى ئاستا مۇشتلاش كېرەك. مۇشتنىڭ تەسىرى بىلەن توسۇلۇپ قالغان قان نوكچىلىرىنى تومۇرنىڭ تار جايىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ كېسەلنى خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ. [1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مىسرانىم مۇنبىرىدىن ئېلىندى 

http://bbs.misranim.com/thread-139339-1-1.html

1.

نۇر تورىدىن ئېلىندى 

http://www.nur.cn/news/2015/10/249563.shtml

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#