تاماق بىلەن كېسەل داۋالاش
ئۇيغۇرلاردىكى تاماق بىلەن كېسەل داۋالاش، كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ، يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش، پەرھىز تۇتۇش ئارقىلىق كېسەلگە خىل كەلمەيدىغان تاماقلارنى چەكلەش ئارقىلىق كېسەلنى يەڭگىللىتىش ۋە ھەرخىل شىپالىق يېمەك-ئىچمەكلەرنى بېرىش ئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ تېزرەك ساقىيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇيغۇرلاردىكى تاماق بىلەن كېسەل داۋالاش، كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ، يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش، پەرھىز تۇتۇش ئارقىلىق كېسەلگە خىل كەلمەيدىغان تاماقلارنى چەكلەش ئارقىلىق كېسەلنى يەڭگىللىتىش ۋە ھەرخىل شىپالىق يېمەك-ئىچمەكلەرنى بېرىش ئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ تېزرەك ساقىيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
ئۇيغۇرلاردىكى كېسەلنى تاماق بىلەن داۋالاشتا، كېسەلگە مۇۋاپىق تاماقنى ئۈچكە بۆلىدۇ:
غىزايى مۇتلەق
غىزايى مۇتلەق ( ئوزۇقلۇق رولىنىلا ئوينايدىغان يېمەكلىكلەر ) :ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان ۋە قۇۋۋەت بولىدىغان يېمەكلىكلەر غىزايى مۇتلەق دېيىلىدۇ. بۇلار، سۇيۇق، يۇمشاق، ئاسان سىڭىدىغان، ھەجمى ئاز، قۇۋۋىتى كۆپ يېمەكلىكلەر. مەسىلەن، چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، كۆپ خىللىق دورا-دەرمان بىلەن تەييارلانغان گۆش شورپىسى، ئانار، ئالما، ئامۇت، نەشپۈت قاتارلىق مېۋە مۇراببالىرى، بۇغداي ئۇنى تامىقى، شوۋىگۈرۈچ، سېرىقماي، كالا سۈتى، يۇمشاق پىشۇرۇلغان قوي گۆشى، بېلىق، پالەك، يېسىۋىلەك، شوخلا، سۇڭپىياز قاتارلىقلار.
داۋائى غىزايى
گۈلقەنت داۋائى غىزايى: ( ئالدى بىلەن داۋالىق رولىنى، كېيىن ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان داۋالىق يېمەكلىكلەر ) : قىزىلگۈل، پىننە، رەيھان بىلەن ياسالغان گۈلقەنت، قىياملار، ئەنجۈر، ئالما، بېھى، ئامۇت، سەۋزە ۋە باشقىلاردىن ياسالغان مۇراببا، بادام، نوقۇت، ياڭاق تالقانلىرى قاتارلىقلار ئالدى بىلەن داۋالىق ئۇنىڭدىن كېيىن ئوزۇقلۇق رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەردۇر. گۈلقەنت ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى، ھەزىم قىلىش تەس، جىگەر، بۆرەك، ئۆپكە سىل، ئۆپكە ھاۋا يوللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، ئۆپكە يەللىك ئىششىقى، دەم سىقىلىش كېسەللىكلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.