ئەڭ چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەن تەشىلات
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
«قارا قۇللار پارتىيىسى» يەنە بىر ئاتىلىشى «كوسانوستىرا» بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەشكىلات ئامېرىكىنىڭ قانۇن تۈزۈش ئاپپاراتى، ئەدلىيە ئاپپاراتى ۋە ئىجرائىيە ئاپپاراتلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كىرىۋالغان. «قارا قۇللار پارتىيىسى» نىڭ 3,000-5,000 ئەزاسى بولۇپ، بۇ «كومىتېت» نىڭ رەھبەرلىكىدە 24 «ئورۇن» غا بۆلۈنگەن. غوللۇق ئادەملىرى ئىتالىيىنىڭ سىتسىلىيە كىشىلىرى بولۇپ، ئۇلار يىل بويى قىمار ئويناش، قوغدىغۇچى بولۇش، ساختا تاۋار ياساش، قانۇنسىز سودا قىلىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم-چىقىم قىلغان. بۇنىڭدىن %25 پايدا ئالغان. «قارا قۇللار پارتىيىسى» دىن بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش 1931-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى بولغان، باشلىقى سالۋاتورامارنزانو بىلەن 40 نەپەر شىرىكىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.