چوقبارتاش يېزىسى
چوقبارتاش يېزىسى شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسى نىڭ شەرقىدىكى 56 كىلومېتىر (1997-يىلى كۆچۈپ مۇقىم ئولتۇراقلاشقان) كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئورنى
چوقبارتاش يېزىسىچوقبارتاش يېزىسى شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسى نىڭ شەرقىدىكى 56 كىلومېتىر (1997-يىلى كۆچۈپ مۇقىم ئولتۇراقلاشقان) كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقتە بارىكۆل ناھىيەسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي پىچان ناھىيەسى بىلەن بېقىشىپ تۇرىدۇ، شىمالىي موڭغۇلىيە بىلەن چېگىرىلىنىدۇ، S 303 لېنىيە تاشيولى چوقبارتاش يېزىسىنىڭ چېگرىسى ئىچىنى كېسىپ ئۆتكەن.
كىلىماتى
چوقبارتاش يېزىسى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى تىندۇرما چۆل-باياۋان تۈزلەڭلىكلىرىگە جايلاشقان، تۇپرىقى ئوتلاق چۆل تۇپراق، كۈلرەڭ كالتسيلىق تۇپراق، ئاز قىسىمى شور تۇپراق. ئورگانىك ماددا مىقدارى ئاز. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500 مېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 150 مىللىمېتىر كېلىدۇ، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2100 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 130-150 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃4.5، مۇتلەق ماكسىمۇم ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃40، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇراسى ℃40-، يىل بويى شامال كۆپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 20 كۈن ئەتراپىدا شامال چىقىدۇ، شامال سۈرئىتى 3 مېتىر/ سېكۇنت، قىش پەسلى سۇغۇق ھەم ئۇزۇن، ياز پەسلى قىسقا ھەم سالقىن، كۈن نۇرى يېتەرلىك.
چوقبارتاش يېزىسىنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ 1932 ئائىلە، 7516 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە چارۋىچىلىق نوپۇسى 1576 ئائىلە، 6744 ئادەم، ئەمگەك كۈچى 3844 ئادەم، ئاساسلىق قازاق، ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق ئۈچ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، قازاق لار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %98 نى ئىگەللىگەن، مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلار 1000 ئائىلىلىك بولۇپ، 6000 دىن ئارتۇق ئادەم.
چوقبارتاش يېزىسىنىڭ يەر كۆلىمى 7720 كۋادرات كىلومېتىر، ئوتلاق كۆلىمى 5 مىليون 70 مىڭ مو، پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق كۆلىمى 3 مىليون 20 مىڭ مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 26 مىڭ 700 مو.
2007-يىلى، چارۋىلارنىڭ ئەڭ كۆپ بېقىلىش سانى 201 مىڭ 600 تۇياق، يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 119 مىڭ 800 تۇياق، گۆش 2776 توننا، ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلات ئومۇمىي قىممىتى 14 مىليون 540 مىڭ يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە: چارۋىچىلىق كىرىمى 11 مىليون 470 مىڭ يۈەن، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي قىممىتى 930 مىڭ يۈەن، ئورمانچىلىق ئومۇمىي قىممىتى 780 مىڭ يۈەن، 2-، 3-كەسىپنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليون 280 مىڭ يۈەن، ئوتتۇرىچە كىرىمى 1231 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 9.6 ئاشقان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 108 يۈەن.
چوقبارتاش يېزىسىدىكى ئاسفالىت يول 3 كىلومېتىر، تاش-شېغىل ياتقۇزۇلغان يول 65 كېلومېتىر. 2007-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە تاماملانغان كەنت دەرىجىلىك يول قۇرۇلۇشى مۇساپىسى 20.5 كىلومېتىر بولغان، يېزىلاردىكى ئاددىي شېغىل يوللارنى %100 ئەمىلەشتۈرگەن، يېڭىدىن تۆت كەنت يولى ئېچىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.